- توردا
- 23 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-3
- تىزىملاتقان
- 2010-8-1
- شۆھرەت
- 163
- تىللا
- 175
- تۆھپە
- 125
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 645
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 19
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 145
- تۆھپە
- 125
- تىللا
- 175
- شۆھرەت
- 163
|
Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ.كېلەر ھەپتە Microsoft پىكىر ئالماقچى!
Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]
مىكروسوفت شىركىتى Building Windows8 بىلوگىدا Windows 8 نىڭ كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچى ئارايۈزىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 14 تىل قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
مەن ئالدىنقى يىلى بىلىك كۇلۇبىدا Windows 8 دە ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك كاتتا خۇشخەۋەرنىڭ بارلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بېشىدىن باشلاپ بارلىق جەريانلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولساممۇ، قائىدە بويىچە ئورگان تەرەپنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم. كۈتكىنىمدەك مىكروسوفت شىركىتى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» كۈنى بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىدى.
ئەسلىي مەنبەسى http://blogs.msdn.com/b/b8/archi … guage-you-want.aspx
خەنزۇچە مەنبەسى: http://cnbeta.com/articles/173647.htm
ئۇنداقتا مەنمۇ بۇ ئىشنى ئاشكارە دېسەم بولىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار. جەمئىي 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ، ئۇيغۇر تىلى 96-ئورۇندا تەستىقلانغان. لېكىن، تەلەپ بويىچە باشقا تەپسىلاتىنى ھازىرچە ئاشكارلىيالمايمەن.
ئەمما، كېلەر ھەپتە تارقىتىلىدىغان Windows 8 Beta دا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق. پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان سىستېما خەت نۇسخىسى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ يەرلىك ئۇچۇرى، …. بار.
دۇنيادىكى %90 دىن ئارتۇق كومپيۇتېردا Windows قاچىلانغان بولۇپ، ناۋادا، ئۇيغۇر تىل بولىقى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنسا، …؟
كېلەر ھەپتە Microsoft پىكىر ئالماقچى[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]
كېلەر ھەپتە مىكروسوفت شىركىتى بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە كۆپچىلىكتىن ئاشكارە پىكىر ئالماقچى. بۇ مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇلار بولۇپ، تەرجىمە سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ مۇنازىرە بۇ قېتىم ئالىم ئەھەت بىلوگىدا ياكى بىلىكتە ئېلىپ بېرىلماستىن، مىكروسوفت ئورگان بېكىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، 4-5 كۈن ئىچىدە قاتنىشىدىغانلارغا تەكلىپ ئەۋەتىلىدۇ، ئىنگلىز تىلىدا مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ئوخشىمىغان كۆز قاراش بولسا، بېلەت تاشلىنىپ بېكىتىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى كۆپچىلىككە ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، مەن يەنە 10 كىشىنى ئارتۇق تەكلىپ قىلماقچى. ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئارقىلىق تىزىملاش نومۇرى،…قاتارلىقلارنى ئەۋەتىپ ئۇقتۇرۇش قىلىمەن. شۇڭا، ئىنگلىز تىلىدا يېزىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان، خالس قاتنىشىشنى خالايدىغان پىدائىيلار بولسا ياكى شۇنداق تونۇشۇڭلار بولسا، مەن بىلەن ئەڭ كېچىككەندىمۇ 28-چېسلادىن بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئارقىلىق تېزدىن ئالاقە قىلىشىڭلارنى سورايمەن. ئادرېسى ئەڭ ئاستىدا
ياكى خالىسىڭلار مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ ئىشنىڭ يەنە ئاخىرقى چېكىمۇ ئېنىق بېكىتىلگەن بولۇپ، ۋاقىت ئىنتايىن چەكلىك. بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە 100 ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىسىلەر، ھەممە ئىش ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلسا، ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتىش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس.
ئاساسىي شەرتى:
(1) كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى چۈشىنىدىغان بولۇش،
(2) ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇش، ئىنگلىز تىلىنى پۇختا بىلىش،
(3) بىر-ئىككى كۈندە چوقۇم مۇنازىرىگە قاتنىشالايدىغان بولۇش، ئاز دېگەندىمۇ بىر-ئىككى جۈملە ئىنگلىزچە پاكىتلىق، ئىلمىي كۆز قاراشلارنى راۋان يازالايدىغان بولۇش،
كومپيۇتېر كەسپىگە ۋە ئىنگلىزچىگە پىششىق، تورغا دائىم چىقىپ تۇرالايدىغان تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ياكى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
دىلشات ھېۋزۇللا
غەيرەت توختى
ۋارىس ئابدۇكېرىم
بۈركۈت (Eagle)
تۇرسۇنجان (جېك)
ئابدۇسالام (Final Fantasy)
تەكلىماكان
…
…
(ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى يوق، چۈشۈپ قالغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن،كەچۈرۈڭلار)
بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، مەن يەنە بىرەيلەننى مىكروسوفت ئىنگلىزچە مۇنازىرە مۇنبىرىدە چۈشكەن كۈندىلىك مۇھىم نۇقتىلارنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلىك،…قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىمىزنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشىغا تەكلىپ قىلىمەن. شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ تەتقىقات مەركەزلىرى، يۇمشاق دېتال تەرجىمە گۇرۇپپىلىرى، ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش مەركەزلىرى، كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۆز ۋاقىتىدا ئاكتىپ قاتناشماي بىلىمىڭلارنى ئاياپ، ئىش تاماملانغاندىن كېيىن ئۇنداق ياكى مۇنداق دېيىش، ياخشى ئەخلاق ئەمەس.
2012-يىل 25-فېۋرال، سەھەر 1:20
======================
ئېلېكتىرونلۇق خەت: alim.ahat@gmail.com
مەنبە :ئالىم ئەھەت بىلوگى
مىللىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بولغاچقا ،ھەممەيلەن خەۋەردار بولسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم. قۇربى يىتىدىغانلار ئاكتىپ قاتناشقايسىلەر! |
-
4
باھا خاتىرىسى
-
|