ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 351|ئىنكاس: 2

مۇسابىقە نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، مۇكاپات ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Adil   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
339
تىللا
10810
شۆھرەت
733

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 02:42:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، مۇكاپات ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك روھلان تور بېكىتىمىزنىڭ مەبلەغ چىقىرپ تەشكىللىشى، ئۇيغۇر رەسىم ئائىلىسى تور بېكىتى، قىياس دۇنياسى تورى ۋە كىلەچەك تور بېكىتىنىڭ ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشى مىسرانىم، ئىنتىل، بىلىك، نۇرقۇت، قۇتيارnet، ئىز، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى، بىلىملەر، كىروران، ئۇيغۇر ئۇلىنىشى، دىلكۈيى،  ئالىپ، چولپانلار، پەرزەنت تور بېكىتى، ... قاتارلىق 28 ئىتتىپاقداش تور بىكەتنىڭ تەشۋىق قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان 2012-يىل تۇنجى قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىپ مۇسابىقە نەتىجىسى چىقتى.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
روھلان تورى دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ
http://www.rohlan.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=12055&fromuid=1
مۇسابىقىگە قاتناشقان دەرسلىكلەرنى چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ
http://www.rohlan.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=12670&fromuid=1
مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، باھالاش خىزمىتى باشلاندى
http://www.rohlan.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=12697&fromuid=1
مۇسابىقە دەرسلىكلىرىگە بېلەت تاشلاڭ
http://www.rohlan.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=12849&fromuid=1

شۇنداق قىلىپ باھالىغۇچىلارنىڭ باھالاش خىزمىتى بۈگۈن تولۇق ئاخىرلىشىپ نەتىجە ئېلان قىلىندى ، دەرسلىك باھالاش خىزمىتىگە ھېچقانداق بىر شەخسىي ھېسسىيات ياكى مۇسابىقە قائىدىسىگە ئادىل بولمىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدى ئېلىندى . تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە بىر قىسىم ساختا قىلمىشلار بايقالغان بولۇپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىندى.
ئەگەر دەرسلىك ئېگىسى بۇ مۇسابىقە نەتىجىسىگە قايىل بولمىسا بىۋاستە مەن بىلەن تېلىفۇن ياكى تور ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىنسا بولىدۇ.
باھالاش ئۇسۇلى: (1) ئىملاسى (2) مەزمۇنى (3) سۈپىتى (4) يېڭىلىق يارىتىشى (5) تېخنىكىسى
1-دەرىجىگە ئېرىشكەن دەرسلىك دېتالى
20ئىچىدىكى سانلارنى ئېلىش         http://www.rohlan.biz/thread-12334-1-2.html
سىغىمى: 20 مىگابايت، ھۆججەت شەكلى : swf   ، دەرسلىك ئېگىسى: master0997

2-دەرىجىگە ئېرىشكەن دەرسلىك دېتاللىرى
(1)شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمىننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشى        http://www.rohlan.biz/thread-12648-1-1.html
سىغىمى: 136مىگابايت، ھۆججەت شەكلى : ppt   ، دەرسلىك ئېگىسى: yakupjan
(2) بۇلۇڭ بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش        http://www.rohlan.biz/thread-12372-1-2.html
سىغىمى: 32 مىگابايت، ھۆججەت شەكلى : exe   ، دەرسلىك ئېگىسى: Tursun007
(3) ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش        http://www.rohlan.biz/thread-12661-1-1.html
سىغىمى: 21 مىگابايت، ھۆججەت شەكلى : exe   ، دەرسلىك ئېگىسى: qayan88

3-دەرىجىگە ئېرىشكەن دەرسلىك دېتاللىرى
(1) قاشتېىشىغا مەدھىيە        http://www.rohlan.biz/thread-12200-1-2.html
سىغىمى: 18 مىگابايت، ھۆججەت شەكلى : exe   ، دەرسلىك ئېگىسى: ablattohti
(2) 7-دەرس بەش مىللەت         http://www.rohlan.biz/thread-12417-1-1.html
سىغىمى: 70 مىگابايت، ھۆججەت شەكلى : ppt   ، دەرسلىك ئېگىسى: xam65
(3) ئاقچۇق سېيىدا        http://www.rohlan.biz/thread-12468-1-1.html
سىغىمى: 240 مىگابايت، ھۆججەت شەكلى : ppt   ، دەرسلىك ئېگىسى: پىدا449

مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دەرسلىك دېتاللىرى

مىرزات-   ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ تەڭ بولۇش شەرتلىرى        http://www.rohlan.biz/thread-12133-1-1.html        ppt

سەپىرا-    پاراللىلپىپىد ۋە كۈب شەكىللىك جىسىملاردىكى پىرىسپىكتىۋلىق ھادىسەhttp://www.rohlan.biz/thread-12411-1-1.html     swf

yakupjan   -مېنىڭ سۈرەت ھوقۇقۇم بار         http://www.rohlan.biz/thread-12645-1-1.html        ppt
sardar21        -خەلق پۇلى بىلەن تونۇشۇش        http://www.rohlan.biz/thread-12433-1-1.html        ppt,swf
sapdil88        لىنزا         http://www.rohlan.biz/thread-12651-1-1.html        ppt

1-دەرىجىلك مۇكاپات:
مۇكاپاتى 600 يۇەن نەق پۇل ۋە بىلقۇت شىركىتى يېڭىدىن بازارغا سالغان 10 يۈرۈش كومپيۇتېر ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدىن خالىغان ئىككى يۈرۈش، قىياس تورى تەمىنلىگەن 1gb تور بوشلۇقى ۋە 250مېگا بايت mysql ساندان /بىر يىل

2-دەرىجىلىك مۇكاپات: مۇكاپاتى بىلقۇت شىركىتى بازارغا سالغان  10 يۈرۈش كومپيۇتېر ئوقۇتۇش دەرسلىكىدىن خالىغان 2 يۈرۈشتىن ياكى مۇختار روزى تۇزۇپ چىققان photoshop دەرسلىكى (350 يۈەن قىممىتىدە)،ASPدەرسلىكى ۋە ئېتىقاد تورىنىڭ 2011- يىللىق نەشىرىدىكى ئەسلى پروگراممىسى (500 يۈەن قىممىتىدىكى دەرسلىك) نىڭ خالىغان بىرسى،  قىياس تورى تەمىنلىگەن 1gb تور بوشلۇقى ۋە  150مېگا بايت mysql ساندان  /بىر يىل

3-دەرىجىلىك مۇكاپات: مۇكاپاتى 1 دانە 4GB لىق بارماق دېسكا ،  قىياس تورى تەمىنلىگەن 1gb تور بوشلۇقى ۋە  50 مېگا بايت mysql ساندان/بىر يىل

مۇنەۋۋەر مۇكاپات:  مۇكاپاتى قىياس تورى تەمىنلىگەن 20 گىگابايتلىق قىياس تور دېسكىسىنىڭ 1 يىللىق vip ئەزالىقى،  200 روھلان تەڭگىسى

بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللىغۇچىلار:
رەسىم ئامبىرى تورى   قىياس دۇنياسى  كىلەچەك تورى


بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى گەرچە ئۇزۇن ۋاقىت پىلانلاپ ۋە مۇزاكىرلىشىپ ئاندىن ئېلبىپ بارغان بولساقمۇ يەنىلا بىر قىسىم سەۋەنلىكلەر ساقلانغان بولۇ شى مۇمكىن. كەڭ تورداشلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقە ئىشلىرىدا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئېلىپ پبېرىش ئۈچۈن كۆپلەپ تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز .


مەبلەغ ۋە مۇسابىقە مۇكاپات بۇيۇمىنىڭ چەكلىپ بولۇشى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ياخشى تۈزۈلگەن دەرسلىك دېتاللىرىغا مۇكاپات بېرىشكە قۇربىمىز يەتمەي قالدى،  بىزنىڭ مەقسىتىمىز مىللى مائارىپىمىزدىكى ئۇيغۇرتىلىدا تۈزۈلگەن دەرسلىك مەنبەلىرىنى كۆپەيتىش بولغانلىقتىن ماھىرلارنىڭمۇ مەيۈسلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاللا خالىسا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، ئۆزىڭىزدە بار بولغان لېكىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرمىغان دەرسلىكلىرىڭىز بولسا كەڭ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز سۇنۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىمىزنى ئالاھىدە قوللاپ بەرگەن رەسىم ئامبىرى تورى    قىياس دۇنياسى   كىلەچەك تورى ۋە تەشۋىقاتقا قاتناشقان تور بىكەتلەرگە (تەشۋىقاتقا قاتناشقان بىكەتلەر بۇ يەردە) چىن كۆڭلىمىزدىن يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .

ھۆرمەت بىلەن :

روھلان تور بېكىتى   رەسىم ئامبىرى تورى    قىياس دۇنياسى   كىلەچەك تورى
2012-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى


مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دەرسلىك دېتاللىرى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار بۇ يەردە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Adil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-25 02:43  

روھلان تورى تور ئادرىسىنى Www.Rohlan.Com غا ئالماشتۇردى
alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

باشقۇرغۇچى

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3344
تىللا
3350
شۆھرەت
8863

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 10:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ياخشى ئىش بوپتۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
taxna520   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
434
تىللا
696
شۆھرەت
762

ئاكتىپ تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 16:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەرنى تەبرىكلەيمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-10 22:26 , Processed in 0.326800 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش