ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 362|ئىنكاس: 2

ئەپ دېگەن نېمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 17:25:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەينادا مۇشۇ ئاتالغۇ ھەققىدە چۈشەنچە يوق ئىكەن. تۆۋەندە قۇتبىلىك (qutbilik) ئەپەندىمنىڭ ئەپ (يانفۇن ئەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ) ھەققىدە يازغان چۈشەندۈرۈشىنى يوللاپ قويدۇم.

ئەپ- ماۋۇ نەرسە كومپيۇتېرىمىزدىكى دىتالغا ئوخشاشلا نەرسە، يەنى كىيىنكى قەدەم، كىيىنكى قەدەم، تامام دەپ قاچىلىغىنى بولدىغان (مۇشۇ مۇنبەردىكى چارۋىچىنىڭ يازمىسىدا مۇشۇنداقراق دەپتىكەن) بولاقلانغان خالتا بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە رەسىم، ئاۋاز، ئىجرا بولىدىغان دىتال دىگەندەك نەرسىلەر بار، بىر ئىشقا كۈلگىم كىلىدۇ، بىز «يۇمشاق دىتال دەمدۇق يۇمتالمۇ» دىگەننى تالىشىپ ئاخىرىنى چىقىرىپ بولغۇچە خەقلەر ئەپ دەپ بىر يېڭى ئۇقۇم پەيدە قىلىپ قويدى، ئەپ دىگىنى يۇمشاق دىتال دىگەن گەپنىڭ يېڭى نۇسخىسى، يەنى ۋارىيانتى، لىكىن كومپيۇتېر ئەپلىرى دىسەك بولمايدۇ، ئۇيغۇرتىلىدا ئوخشاش مەنە بىردىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا ئىشلىتىلگىنىگە ئوخشاش يۇمشاق دىتال دىگەن كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان پروگراممىلارنى كۆرسەتسە، ئەپ كۆچمە ئۈسكىنىلەردىكى مەسغۇلات سىستېمىللىرى ۋە يېڭى چىققان HTML5 تېخنىكىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن پروگراممىلارنى كۆرسىتىدىغان بولدى. ئەمىليەتتە ھەممىسى مەلۇم بىر ئىقتىدرغا ئىگە پروگرامما. مۇنداقچە ئېيتسام دىتاللارنىڭ تور نۇسخىسى بىلەن كۆچمە ئۈسكىنە دىتاللىرى ئەپ دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئادەتتىكى چ چ نى كومپيۇتېر يۇمشاق دىتالى دەيمىز، تور نۇسخىسىنى ئەپ دەيمىز، يەنە ئاندرويىد نۇسخىسى ئايفون،ئايپەد نۇسخىللىرنىمۇ ئەپ دەيمىز دىگەندەك.
1

باھا خاتىرىسى

alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

باشقۇرغۇچى

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3344
تىللا
3350
شۆھرەت
8863

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 20:53:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىنىڭ يوللانغىنى ياخشى بوپتۇ. ئەپ سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە بارلىققا كېلىش جەريانىدىن خەۋەرسىز قالغان ماڭا ئوخشاش تورداشلارنىڭ چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىغا زور ياردىمى بولغۇدەك.
بۇ دۇنيا پەقەت مۇھەببەت ۋە مىھرى شەپقەت بىلەنلا شۇ قەدەر گۈزەلدۇر!  
jesur   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

باشقۇرغۇچى

ئالاھىدە خادىم

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1619
تىللا
1157
شۆھرەت
3509

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 01:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ ئاتالغۇنى 3 كۈندە ئاران قوبۇل قىلالىدىم .
ۋە ھازېر دائىملا شۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىدىغان بولدۇم .بۇنى بىلىۋىلىش ھەممە تورداشنىڭ بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەقەززاسى،،،،
كومپىيۇتېر توغرىسىدا ياردەم كىرەك بولسا -ئىنتىل سەيناسىغا كىلىڭ
ئالما apple توغرىسىدا ياردەم كىرەك بولسا -ھەۋەسكارلار كۇلۇبىغا كىلىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-10 21:59 , Processed in 0.065359 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش