ئاقچۇق مۇنبىرى بىلەن ۋولقان بىلىم مائارىپ تورىنىڭ بىرلەشكەنلىك باياناتنامىسى
ئاقچۇق مۇنبىرى ۋە ۋولقان تورىنىڭ زىيارەتچىلىرىگە مەلۇمكى ھەر ئىككى مۇنبەر كومپىيۇتىر،مائارىپ،ئەدەبىيات ساھەسىنى ئۆزىگە نىشان قىلغان بولۇپ مەقسىدىمىز بىر،مەنزىلىمىز بىر بولغاچ بىرلەشكەندىلا بىلىم مائارىپ ئىشلىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ھەسسە قوشۇپ بىلىم سۆيەرلەرنى بىرلەشتۈرگىلى، بىر يەرگە يىغىپ ئورتاقلاشقىلى بولىدىكەن، ئايرىلغاندىن بىرلىك بولسا تەرەققىيات بولىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاقچۇق مۇنبىرى نىشان يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تور بېكەتلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئۇسلۇپ تەتقىقات گۇرۇپپىسى بولۇپ قايتىدىن قورۇلغان بولغاچقا كېيىنكى تەرەققىياتنى ئويلاپ ئاقچۇق مۇنبىرىنى ۋولقان بىلىم مائارىپ مۇنبىرىگە بىرلەشتۈرۈشنى مۇۋاپىق تاپتۇق، ئاقچۇق مۇنبىرىگە ئەزا بولغان، ئاقچۇق مۇنبىرىدە ئورتاقلىشىۋاتقان بىلىم سۆيەر ئەزىزلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاقچۇق مۇنبىرىنىڭ تېمىلىرىنى ۋولقان تورىدىن ئىزدەپ، ئەزالىق نامىنى ۋولقان تورىغا تىزىملىتىشىنى، ئاقچۇق مۇنبىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ۋولقان تورىدىن ئىزدىشىنى سورايمىز، ئاقچۇق مۇنبىرىنىڭ تېمىلىرى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ۋولقان تورىغا يۆتكىلىدۇ، ئەزالىق نامى ھازىرچە ئاقچۇق مۇنبىرىدە قالىدۇ، سانداننى بىرلەشتۈرۈشكە ھازىرچە ئامالسىزمىز.ئاقچۇق مۇنبىرى موشۇ بايانات ئېلان قىلىنىپ يازمىلار يۆتكىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلى ئادرىستا (www.akquk.com) يېڭى مۇنبەر ھالىتىدە يېڭىدىن ئېچىلىدۇ.
بىزنىڭ بىرلىككە كېلىشىمىزدىكى سەۋەب:
1.مەقسىتىمىز بىر يەنى بىلىم مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش.
2.بىلىم،ماتېرىيال، قەدىردان دوستلار،كەسىبداشلار ۋە ئەجرىمىزنى بىر يەرگە جەملەپ ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلار ۋە كەسىبداشلار ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ مول سورۇن ھازىرلاش.
3.ئوخشاش تۈردىكى توربەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى يارىتىش.
4.قول تۇتۇشۇپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش.
ئوخشاش تۈردىكى بىرلىشىپ تېخىمۇ ياخشى تەرەققى قىلىشنى ئويلايدىغان بېكەتلەر ۋە ئاتامانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ۋولقان بىلىم مائارىپ تورى
ئاقچۇق تورى
2012-يىل2-ئاينىڭ16-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-16 15:40
|