ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 242|ئىنكاس: 2

دەرسلىك تورىنىڭ كۆرۈنمە يۈز ئۇسلۇبى يېڭىلاندى،باھا ۋە پىكىر بېرىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

arwah 实名认证 

ھەمكار

ۋولقان

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1001
تىللا
1497
شۆھرەت
2126

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان داڭدار ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا پىداكار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 07:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بېرى بوش بىكار ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ تور ساھەيىمىزدىكى مەخسۇس دەرسلىك تورى يوق بولۇشتىن ئىبارەت بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ۋولقاننى ئېچىشقا بىرلەشتۈرۈپ كومپيۇتىر بىلىملىرىنى ئۈگىتىش ئۈگىنىشنى ئاساس قىلغان كەسپىي خاس دەرسلىك تورىنى قۇرۇپ چىققان ئىدىم. دەرسلىك تورى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ قۇرۇلغان ئىككى ئاي مابەينىدە تور دۇنياسىدىكى ھەرقايسى تور بەتلەردە تارقاق ھالەتتە چېچىلىپ تۇرغان كومپىيۇتىر بىىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرتۈرلۈك دەرسلىكلەرنى مەنبەنى ئەسكەرتىپ ئەسلى بەتنى تەشۋىق قىلىش ئاساسىدا يىغىپ بىلىمخۇمار  تورداشلارنىڭ كىرىپلا ئۈگىنىش،ئىزدەپلا تېپىش ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىنىمسىز مېھنەت قىلىپ بەلگىلىك ئۈنۈم يارىتىپ تورداشلارنىڭ ئېتراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.كېيىنكى نىشان ھازىرغىچە ئىشلەنمىگەن ياكى چالا بولغان دائىرىلەرگە قارىتا دەرسلىك ئىشلەپ تارقىتىش.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋولقاننىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلاپ بولغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ئىللىق ئائىلىمىز نۇرقۇت،  ئىنتىل ۋە بۇلاقجان مۇنبىرىدىلا ئەمەس دەرسلىك تورىدىمۇ تېخىمۇ ئازادىلىك ئىچىدە خۇشال خۇرام كەيپىياتتا زىيارەت قىلىپ دەرسلىكلەرنى بەخىرامان ئۈگىنىپ بىلىم ئېلىشىغا تېخىمۇ ئاسايىشلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن  ئۇزاق مەزگىل ئىزدەش،ئىزدىنىش ئارقىلىق توردۇنياسىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ھىچقانداق بېكەت ھازىرغىچە ئىشلىتىپ باقمىغان،كۆزنى چاقمايدىغان يېقىشلىق بولغان يېشىل رەڭلىك كۆرۈنمە يۈز ئۇسلۇبىنى سېتىۋېلىپ  قىياسنىڭ ئاتامانلىرىدىن بىرى بولغان ئارىيان ئەپەندىم،ئاقچۇق تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاقچۇق ئەپەندىم،نەتىجە لايىھە تورىنىڭ مەسئۇلى ئاۋام ئەپەندىم ،نۇرقۇتتىكى 1993 ئەپەندىملەرنىڭ يېقىندىن قوللاپ ھەمدەمدە ۋە ياردەمدە بولۇشى نەتىجىسىدە ئاخىرى  ئۆزلەشتۈرۈپ چىقىپ ئىشلىتىشنى باشلىدۇق.بۇ جەھەتتە ئۇسلۇپ ئۆزلەشتۈرۈشتە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان  ئارىيان ئەپەندىم ۋە ئاقچۇق ئەپەندىمگە  ھەمدە گۈزەللەشتۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئاۋام ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
مەزكۇر ئۇسلۇپ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تور كۆرگۈچلەردىن IE6,IE8,Firefox,chrome قاتارلىق تور كۆرگۈچلەرگە ماسلاشتۇرۇلدى.IE7 گە ماسلاشتۇرۇش نەزەردىن ساقىت قىلىندى(ئەمما بۇنىڭدىمۇ نورمال كۆرۈنىدۇ).IE6 تور كۆرگۈچ ئىشلىتىپ كىرگەندە مائۇسنىڭ غالتىكىدىن پايدىلىنىپ بەتنى ئاستى ۋە ئۈستىگە سىيرىگەندە بەت ئۈستى كىرىش ئىشىكى سەل پەل پىلدىرلايدىغان ئەھۋال بار.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.سەۋىيىمىز ۋە ئادەم كۈچىمىز چەكلىك بولغاچقا ئۇسلۇبنى سىناش جەريانىدا يەنە بىر قىسىم بىز بايقىمىغان مەسىلىلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن.شۇڭا تورداشلارنىڭ يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئېچىپ بىلىمخۇمار ئەزىزلەرنى ھەسەل ھەرىسى كەبى بىلىم بىلەن تەمىنلەۋاتقان دەرسلىك تورىدىكى دەرسلىكلەردىن خالىغانچە ئۈگەنگەچ ئۆزى بايقىغان خاتالىق ۋە مەسىلىلەرنى بىزگە ئىنكاس قىلىپ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر ئۇسلۇبنى باھالاپ ئۆزىڭىزنى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.سىزنىڭ پىكرىڭىز بىزگە ھەيدەكچى بولۇپ بېكەتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىسى بولۇپ بېكەتتىن تېخىمۇ قولايلىق ھالدا پايدىلىنىشىڭىزغا شارائىت ھازىرلايدۇ.رەھمەت سىزگە!
كۆرۈش مەنزىلى:
www.darslik.com
www.darislik.com

ھۆرمەت بىلەن:

دەرسلىك تورى
2012-يىلى2-ئاينىڭ16-كۈنى



تېمىغا قوشۇمچە:مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ بىز كۈچەپ ھەل قىلالمىغان بىرقانچە تۈرلۈك مەسىلىسى بار بولۇپ ھەقلىق ياردەم قوبۇل قىلىمىز،خالايدىغان ئۇستازلارنىڭ مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى ياكى 359903451 نومۇرلۇق QQ ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-16 07:42  

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
341
تىللا
407
شۆھرەت
544
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 17:04:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خو،مىنىڭ ئويلىغان يىرىمدىن چىقىپسىز،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،توربىتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ،بۇنداق ياخشى توربەت تور ساھەسىدىن ئۆچۈپ قالسا بولمايدۇ.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
379
تىللا
437
شۆھرەت
615

تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 22:51:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە بىزدەك يېڭى ئۆگەنگۈچلەر ئۈچۈن يىڭى ياخىشى بىر باشلامچى بۇلۇپ قالغۇدەك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-19 20:50 , Processed in 0.259599 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش