- توردا
- 1585 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-18
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 8990
- تىللا
- 4152
- تۆھپە
- 5302
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 29186
- ئالبوم
- 4
- بلوگ
- 3
- خاتىرە
- 27
- يازما
- 1747
- تېما
- 203
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 4
- UID
- 25
- تۆھپە
- 5302
- تىللا
- 4152
- شۆھرەت
- 8990
|
ئۇبۇنتۇ لىنۇكىس مەشغۇلات سىستېمىسى كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە %90 تەرجىمە قىلىنىپ تاماملاندى. ھازىر تەرجىمە قىلىنىۋاتقان نەشرى 12.04 بولۇپ، بۇ نەشرى ئۇزۇن مۇددەت (5 يىل) مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان نەشرى بولۇپ، 4- ئايغىچە قالغان تەرجىمىلەرنى تولۇق تاماملىساق پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتەلىگەن بولاتتۇق. ھازىر تەرجىمىسى تولۇق پۈتمىگەن ھۆججەتلەر تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز.
http://people.canonical.com/~dpm ... nslation-stats.html
يۇقىرىقى ئادرېستىن ئۇيغۇرچىنى چەكسىڭىز تەرجىمىسى تولۇق پۈتمىگەن ھۆججەتلەرنىڭ تىزىمى كۆرۈنىدۇ. بۇ ھۆججەتلەردىن ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغىنى ياردەم ھۆججىتى، kdeqt ھۆججەتنىڭ تەرجىمىسى يوللاندى، پات ئارىدا تەرجىمىگە قوشۇلىدۇ، بۇ ھۆججەتنىڭ 420 قۇر ئۇچۇرىنىڭ تەرجىمىسى قالدى. قالغان ھۆججەتلەرنىڭ تەرجىمە ئەھۋالى يۇقىرىقى ئادرېستىكىدەك. ئەگەر سىز ئۇبۇنتۇنى تەرجىمە قىلىش سۇپىسىغا خەتلەتكەن بولسىڭىز يۇقىرىدىكى بەتتە مۇناسىپ ھۆججەتنى چەكسىڭىز كەم قالغان ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىش بېتىگە ئالمىشىدۇ، ئەگەر تېخى خەتلەتمىگەن بولسىڭىز بۇ ئادرېستىن https://launchpad.net/+login خەتلىتىڭ. ئېلخەت ئادرېسىڭىز بولسىلا خەتلىتىش ناھايىتى ئاسان.
تورداشلارنىڭ پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز.
ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىن كۆرۈڭ.
ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش سۇپىسى:
https://translations.launchpad.net/ubuntu
https://translations.launchpad.net/ubuntu/precise/+lang/ug
ئۇبۇنتۇنى ئورنىتىش، ئىشلىتىش ۋە تەرجىمە قىلىشقا ئائىت ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن كۆرۈڭ
http://www.ukij.org/munber/forumdisplay.php?fid=36
http://bbs.bilik.co/forum-120-1.html
http://www.ugubuntu.com/
مەنبە: بىلىك كولۇبى
|
|