ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 315|ئىنكاس: 1

توردا پۇل تېپىشنىڭ 10تۈرلۈك ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى بىلەمسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

huxhuy   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
373
تىللا
579
شۆھرەت
671

تىرىشچان سالاپەت ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا تۆھپە ئاكتىپ پىداكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 16:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خاككىرلار تورىدىن BlacK نىڭ يازمىسى:

ئېنتېرنېتنىڭ ئوموملىشىشىغا ئەگىشىپ  توردا پۇل تېپىشقا قىزىقىدىغان،توردا ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى تىكلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇبىراق،نۆۋەتتە توردا پۇل تېپىش ساھەسىدە ھەرخىل ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى ئەۋج ئالغان بولۇپ،يىڭىدىن بۇ ئىشقا قىزىققۇچىلار ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن توردا پۇل تىپىش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ.بىراق،توردا پۇل تىپىشنىڭ ھەممىسى يالغان ئەمەس.تۆۋەندە نۆۋەتتىكى ئېنتېرنېت ساھەسىدە مودا بولۇۋاتقان ئىشەنچىلىك توردا پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:

1.قوشۇمچە لاھىيلىيگۈچى بولۇپ پۇل تىپىش:بۇنى خەنزۇچە ۋېيكې(威客) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ،تورداشلار ئارىسىدا ئەڭ مودا بولۇۋاتقان پۇل تېپىش ئۇسۇلى،يەنى مۇشۇ خىل كەسپى تور بېكەتلەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ،باشقىلارنىڭ لاھىيلەش ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىش ئارقىلىق بەلگىلىك ئىش ھەققىگە ئىرىشىش،چوڭى تور بېكەت ياساپ بىرىش،ئېلان ئىشلەشتىن كىچىكى بىكەت تۇغى ياساپ بىرىشكىچە،ئەگەر سىزنىڭ لاھىيلەش جەھەتتە بەلگىلىك ئارتۇقچىلىقىڭىز بولسا مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ،ھازىر بىر قەدەر داڭلىق تور بىكەتلەردىن www.zhubajie.com،www.taskcn.com قاتارلىقلار بار.

2.راي سىناشقا قاتنىشىپ پۇل تېپىش:يەنى ئادەتتە دىيىلىدىغان راي سىناش ئۇسۇلى ئارقىلىق توردا پۇل تېپىش ئۇسۇلى بولۇپ،بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەرخىل راي سىناش سوئاللرىنى ئىشلەپ بېرىش ئارقىلىق بەلگىلىك ئىش ھەققىگە ئىرىشش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ،ئەلۋەتتە بۇنى بىكار ۋاقىتلىرى كۆپ كىشىلەر سىناپ باقسا بولىدۇ،بۇ خىل تور بېكەتلەر بەك كۆپ بولۇپ،بىر قەدەر داڭلىقلىرىدىن www.1diaocha.com  قاتارلىقلار بار.

3.تەشۋىقات ماقالىسى يىزىپ پۇل تىپش:تورنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ ئۆز تور بېكىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ كۆپ خېللىشىپ كېتىپ بارىدۇ،ياخشى يىزىلغان بىر تەشۋىقات ماقالىسىنىڭ تور بېكەتنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئۈنۈمىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ،ئەگەر سىزنىڭ يېزىقچىلىق جەھەتتە ئاتۇقچىلىقىڭىز بولسا تور بېكەت باشلىقلىرىغا تەشۋىقات ماقالىسى يېزىپ بېرىپ پۇل تاپسىڭىز بولىدۇ.

4.بىلوگ يېزىپ پۇل تېپىش:بىلوگ يىزىپ پۇل تىپىش ھازىر بىر قەدەر مودا بولۇپ قالدى،ئەگەر سىز بىلوگ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىلسىڭىز تور ئېلانى ئارقىلىق خېلىلا كۆپ پۇل تاپالايسىز.
5..تاۋباۋ(Taobao.Com) تورىدىن پۇل تىپىش:بۇ ئاساسلىقى تاۋباۋدىكى مەھسۇلاتلارنى تور بەتلەردە تەشۋىق قىلىپ ۋەكالىتەن سىتىپ چىقىرىپ مۇۋاپىق پايدىسىنى ئىلىش ئارقىلىق پۇل تىپىش،بۇنىڭدا بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ يۇقىرىسى 50پىرسەنت ئەتراپىدا پايدىسى سىزگە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ.

6.توردا دۇكان ئىچىش ئارقىلىق پۇل تېپىش:بۇ توغرىسىدا كۆپ توختالمىساممۇ بولار،يەنى تاۋباۋ تورىدا مەخسۇس دۇكان ئىچىش ئارقىلىق پۇل تىپىش ئۇسۇلىدۇر.ئەگەر ياخشى قىلالىسڭىز  بەلكىم سىرىتتا دۇكان ئاچقاندىن ياخشى بولۇشى مۇمكىن.

7.تور بېكەت قۇرۇپ پۇل تىپىش:ياخشى توربېكەتتىن بىرنى قۇرۇپ،ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالىسىڭىزلا،ھەرخىل تورئېلانلىرى ياكى شىركەتلەرنىڭ ئېلانلىرىنى تور بېكىتىڭىزگە قويۇش ئارقىلىق پۇل تاپسىڭىز بولىدۇ،ئۇندىن باشقا،يەنە توربېكىتىڭىزدىكى دوستانە ئۇلىنىشنى سېتىش ۋە توربېكەتتە ھەرخىل ھەقلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش قاتارلىق ئۇسۇللاردا پۇل تاپالايسىز.

8.بەيدۇ ۋە گۇگۇل ئىلانى ئارقىلىق پۇل تېپىش:بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تور بېكەت قۇرغۇچىلارغا ماس كىلىدىغان پۇل تىپىش ئۇسۇلى بولۇپ، تور بېكەتكە بەيدۇ،گۇگېل قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر تەمىنلىگەن ئىلانلارنى قويۇپ بەلگىلىك ئېلان كىرىمى يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

9.تورنامى سودىسى ئارقىلىق پۇل تىپىش:بەزىلەر نەچچە يىل بۇرۇن 1يۈەنگە تىزىملىتىپ قويغان بىر ئىىسىمنى باشقىلارغا نەچچە مىڭ ،ھەتتا نەچچە ئونمىڭ يۈەنگە ساتقانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ سىز؟تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگشىپ،مۇۋاپىق بېكەت ئىسمى تېپىشمۇ بىر باش ئاغرىتىغان ئىش بولۇپ قالدى،ئەگەر سىزدە ياخشى تورنامى بولسا ياكى ياخشى تورناملىرىنى ئويلاپ تېپىپ باشقىلاردىن بۇرۇن تىزىملىتىۋالسىڭىز كېيىنچە ياخشى سودا پۇرىستىگە ئىرىشىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.

10.تەشۋىقات ئارقىلىق پۇل تىپىش:مەلۇم ئويۇن،يۇمتال ياكى تور بېكەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق بەلگىلىك ئۈنۈم يارىتالىسڭىز مۇۋاپىق ھالدا تەشۋىق قىلىش ھەققىگە ئېرىشەلەيسىز.بۇمۇ ھازىر مودا بولۇۋاتقان بىر خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلىدۇر.

مەنبە:خاككىرلار تورى

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
907
تىللا
4487
شۆھرەت
1408

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 19:33:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما ئىكەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-24 17:51 , Processed in 0.540041 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش