رۇبائىيلار
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
(1)
ۋاقىتسىز جان ئۈزسە ئەگەر بىر نادان،
نىھايەت يوقالغان بىر تال خەست سامان.
ئەكسىچە بىر ئالىم كۆز يۇمسا،ئازاپ-
ئۆرتەيدۇ دىللارنى زاماندىن-زامان.
(2)
يانغانتىڭ بىر قېتىم قۇرۇق قول،قەۋەت-
رەنجىشتە،دىل ئۈزدىڭ مەندىن تائەبەت.
چوڭقۇر ئوي يۈرگىزگىن جېنىم بۇرادەر،
دوستلۇقنىڭ قىممىتى نەپتىمۇ پەقەت؟!
(3)
بەزىلەر ئەجرىسىز ئاقچىغا ئامراق،
تېخى ھەم بىلەتسىز ناخشىغا ئامراق.
بىلگەچمەن ئىنسانلىق قىممىتىنى چوڭ،
ھەممىدىن تۆھپىكار-ياخشىغا ئامراق.
(4)
ئاتا-ئانا ئەجرىنى قايتۇرۇش پەرىز،
بولغاچقا پەرزەنت ئۇلارغا قەرىز.
گۈللەرگە پۈركەنسۈن ھايات چېغىدا،
بۇ لەبزە دوستلارغا خۇشخۇيدىن ئەرىز.
(5)
بولسام گەر سېخىغا چاكار مىڭ مەررە،
پۇشايمان سۈيىگە چۆكمەيمەن زەررە.
لەبزىدىن يالتايسا مۇبادا خۇشخۇي،
سەبرىسىز ئۇرۇڭلار دەررىنى كەررە. |