ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 1

ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
417
تىللا
327
شۆھرەت
699
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 01:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى
مائارىپ مېنىستىرلىكىنىڭ(2002) 12 – نومۇرلۇق پەرمانى


1. باپ ئومومىي پىرىنسىپ
1-ماددا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلار، مەمۇرىي نىزام، بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بۇ چارە تۈزۈلدى .
2- ماددا بۇ چارە مەكتەپ يولغا قويغان تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتى ياكى مەكتەپ تەشكىللىگەن مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيەتلەردە، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بولغان مەكتەپ بىنالىرى، مەيدان ۋە باشقا تەلىم – تەربيە، ئوقۇتۇش مەسلىھەلىرى، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىدە يۈز بەرگەن، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا جىسمانىي زىيان ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ .
3- ماددا ئوقۇغۇچىلار ھادىسىلىرىنى قانۇغا تايىنىش، ئوبيېتكتىپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك .
4- ماددا ماددا مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ بىنالىرى، مەيدان ھەمدە باشقا تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىشى لازىم .
مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش ھادىسىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، مەكتەپلەرنىڭ نورمال تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.
5- ماددامەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەربىيىسى ۋە ئۆز ئۆزىنى قوغداش، ئۆز ئۆزىنى قوتقۇزۇش تەربىيىسى بېرىشى؛ بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش مۇھىتىدا ساقلانغان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى يوقىتىشى؛ زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشى كېرەك.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى بېرىش، باشقۇرۇش ۋە قوغداشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى، بېلىش ئىقتىدارى ۋە قانۇنىي ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، مۇناسىپ كېلىدىغان مەزمۇن ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك .
6- ماددا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈمى ۋە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى؛ ئوخشاش بولمىغان تەربىيىلىنىش باسقۇچىدا، ئۆزلىرىنىڭ يېشى، بىلىش ئىقتىدارى ۋە قانۇنىي ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ماس ھالدىكى خەتەرلەردىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى لازىم .
7- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ياكى باشقا ھامىيلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ھامىيلىرى دېيىلىدۇ) قانۇن بويىچە ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، مەكتەپكە ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى بېرىشى، باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىنى ئىشلىتىشى كېرەك.
مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى ياكى مەكتەپنىڭ ھاۋالە بويىچە ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ ئۈستىگە ئېلىش ئەھۋالى بۇنىڭ سىرتىدا .
2. باپ ھادىسە ۋە جاۋاپكارلىق
8- ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئالاقىدار تەرەپلەر (دەۋالاشقۇچىلار)نىڭ قىلمىشى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب – تەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە بېكىتىش كېرەك.
مەكتەپ، ئوقۇغۇچى ياكى ئالاقىدار تەرەپنىڭ سەۋەبلىكى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولسا، ئالاقىدار تەرەپ قىلمىشىنڭ سەۋەبلىك دەرىجىسى نىسبىتى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئاساسن، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. داۋالاشقۇچىنىڭ ھەرىكىتى زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا، ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ دەۋالاشقۇچىنىڭ ھەرىكىتى زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ئاساسي سەۋەب بولمىسا، مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك .
9- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش ئەۋالى كېلىپ چىقسا، مەكتەپ قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك :
(1)  مەكتەپنىڭ ئۆي – ئىمارەتلىرى، مەيدان ۋە باشقا ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئوقۇش قوراللىرى، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولماسلىق ياكى روشەن ھالدا خەتەرلىك ئامىللار بولۇش؛
(2)  مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك، قوغداش، ئوت ئۆچۈرۈش، ئەسلىھە ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك، باشقۇرۇش تۈزۈملىرىدە روشەن ھالدا يوچۇق بولغان ياكى باشقۇرۇشى قالايمىقان بولغان، بىخەتەرلىك جەھەتتە زور يوشۇرۇن ئاپەت ساقلىنىپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغان بولۇش؛
(3) مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەمىنلىگەن دورا، يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ قاتارلىقلار دۆلەت ياكى ساھەلەرنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەم، تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان بولۇش؛
(4) مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتى ياكى مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە، ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىپ ھالدىكى بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارمىغان ھەمدە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان دائىر ئىچىدە زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان بولۇش؛
(5)  مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا ىىزمەتچى خادىملارنىڭ تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغان بولۇش؛
(6)  مەكتەپ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغانى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قاتنىشىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئەمگەكلەرگە، تەنتەربىيە ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىلىگەن ياكى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇش؛
(7) مەكتەپ ئوقۇغۇچىنڭ ئالاھىدە غەيرىي بەدەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالاھىدە كېسىلى بارلىقىنى، مەلۇم تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن زۆرۈر دەرخقىدە دىققەت قىلمىغان بولۇش؛
(8) ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئۇشتۇمتۇت كېسىلى قوزغىلىپ قالغان ياكى يارىلانغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەھۋالغا قارىپ ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەدبىر قوللانماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش؛
(9) مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەن ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا خىزمەت تەلىپى، مەشغۇلات قائىدىسى، كەسپىي ئەخلاق ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان بولۇش؛
(10)  مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن باشقۇرمىغان، ئاگاھلاندۇرمىغان، توسىمىغان بولۇش ؛
(11) ئوقۇغۇچى ئۆز مەيلىچە مەكتەپتىن ئايرىلىش قاتارلىق ئوقۇغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مەكتەپ بايقىغان ياكى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىييلىرىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرماي، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغىچ ھامىيسىنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلغانلىقى تۈپەيلىدىن يارىلانغان بولۇش؛
(12)  مەكتەپلەر قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان باشقا ئەھۋاللار .
10 – ماددا  ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچى ھامىيلىرىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك :
(1) ئوقۇغۇچى قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە، ئىجتىمائىي جامائەت ھەرىكەت ئۆلچىمىگە، مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرى ياكى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، ئوقۇغۇچىنىڭ يېشى ۋە بىلىش ئىقتىدارى بويىچە خەتەرلىكلىكى ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش مۇنكىنچىلىكىنى بىلىش كېرەك بولغان ھەرىكەتنى قىلغان بولۇش ؛
(2) ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتى خەتەرلىك بولۇپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئاگاھلاندۇرغان، تۈزۈىتىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچى نەسىھەتنى ئاڭلىمىغان، تۈزىتىشنى رەت قىلغان بولۇش ؛
(3)  ئوقۇغۇچى ياكى ھامىي بولغۇچى ئوقۇغۇچىىنڭ ئالاھىدە تەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە ئىكەنلىكى ياكى ئالاھىدە كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەكتەپتە ئېيتمىغان بولۇش ؛
(4)  قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىدا بەدەن ئەھۋالى، ھەرىكىتى، كەيپىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال بولۇپ، ئۇنى ھامىيسى بىلگەن ياكى مەكتەپ ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىپ ھالدا ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولۇش ؛
(5) ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيسى باشقا خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولۇش .
11- ماددا  مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا، مەيدان، ئۈسكۈنە، قاتناش قۇراللىرى، يېمەكلىك ۋە باشقا ئىستېمال مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتكەن تىجارەتچىلەر ياكى مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتكە تەشكىللىگەنلەرنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەرەپ قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك .
12- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولۇپ، مەكتەپ مۇناسىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ھەمدە ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولغان بولسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى بولمايدۇ :
(1) يەر تەۋرەش، چاقماق چېقىش، تەيفىڭ بورىنى، كەلكۈن قاتارلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تەبىئەت ئامىللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش ؛
(2) مەكتەپ سىرتىدىكى ئۇشتۇمتۇت، تاساددىپىي يۈز بەرگەن ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش ؛
(3)  ئوقۇغۇچى ئالاھىدە بەدەن تۈزۈلۈشىگە، ئالاھىدە كېسەلگە ياكى غەيرىي پىسخىك ھالەتكە ئىگە بولۇپ، مەكتەپ بىلمىگەن ياكى بىلىش قىيىن بولغان بولۇش؛
(4)  ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالغان، ئۆزلۈكىدىن يارىلانغان بولۇش؛
(5) قارىشىلىشىش خاراكتېرلىك ياكى خەتەرلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە تاساددىپىي تارىلانغان بولۇش؛
(6) باشقا كۈتۈلمىگەن ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش .
13 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا يۈز بەرگەن، ئوقۇغۇچىلاردا جىسمانىي زىيان ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلەردە مەكتەپنىڭ ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولغان بولسا، مادىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىش كېرەك :
(1) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىش، مەكتەپكە يىغىلىش، مەكتەپتىن ئايرىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسە؛
(2) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سىرتقا چىققان ياكى خالىغانچە مەكتەپتىن ئايرىلغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ھادىسە؛
(3) مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ھېيت – بايرىم، دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى تەتىل قاتارلىق مەكتەپنىڭ خىزمەت ۋاقتىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەكتەپتە قېپقالغان ياكى مەكتەپكە كېلىپ يۈز بەرگەن ھادىسە؛
(4) مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت دائىسىرىدىن سىرتقى ئورۇنلاردا يۈز بەرگەن ھادىسە .
14- ماددا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى خىزمەتچى خادىملىرى ئۆز ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتىسز بولغان شەخس ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ياكى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا شەخىسلەر قەستەن قىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىدا جىسمانىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولسا، زەخىملەندۈرگەن كىشى قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ .
3 – باپ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى
15- ماددا  ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، مەكتەپ زەخىملەنگەن ئوقۇغۇچىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيسىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى؛ شارائىتى بارلار جىددىىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ قۇتقۇزۇشى لازىم .
16- ماددا  ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، ئەھۋالى ئېغىرلارنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك؛ زور تالاپەت ۋەقەسىگە كىرىدىغانلىرىنى مائارىپ مەمۇرىيى تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئوخزاش دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يۇقىرى بىر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك .
17- ماددا مەكتەپنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ياكى زۆرۈر دەپ قارىغاندا، مەكتەپنىڭ ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە ياردەم قىلىشى لازىم .
18- ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، مەكتەپ زەخىملەنگەن ئوقۇغۇچى ياكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىشى بىلەن مەسلىھەتلىشىش شەكلىنى قوللىنىپ ھەل قىلىشقا بولىدۇ؛ ىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىنڭ مۇرەسسە قىلىپ قۇيۇشىنى يازما دوكلات ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشقىمۇ بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيىلرى قانۇن بويىچە بىۋاسىتە ئەرز قىلىشقىمۇ بولىدۇ .
19 – ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇرەسسە ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، زۆرۈر دەپ قارىغاندا، مۇرەسسە قىلىشقا مەخسۇس خادىم بەلگىلەپ بېرىشكە بولىدۇ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن ئېتىبارەن  60 كۈن ئىچىدە مۇرەسسەنى تاماملاش كېرەك .
20 – ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مۇرەسسەسى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى بىرلىككە كەلگەن بولسا، مۇرەسسە قىلغۇچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ، مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ مۇرەسسە مۇددىتى ئىچىدە ئىككى تەرەپنىڭ پىكرى بىرلىككە كەلمىگەن بولسا ياكى مۇرەسسە جەريانىدا بىر تەرەپ ئەرز سۇنغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرزنى قوبۇل قىلغان بولسا، مۇرەسسەنى توختىتىش لازىم .
مۇرەسسە ئاخىرلاشقان ياكى توختىتىلغاندا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى دەۋالاشقۇچىلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك .
21 – ماددا مۇرەسسە ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېلىشىمنامىگە دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئەمەل قىلمىسا ياكى كېلىشىمنامىدىن يېنىۋالسا، ئىككىنچى تەرەپ قانۇن بويىچە ئەرز سۇنسا بولىدۇ .
22 – ماددا ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاخىرلاشقاندا، مەكتەپ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا يازما دوكلات قىلىشى كېەك؛ زور تالاپەت ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى مەكتەپنى ئاسالىق باشقۇرىدىغان مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوخشاش دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك .
4 – باپ ھادىسە زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىغا بېرىلىدىغان تۆلەم
23 – ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان تەشكىلات ۋە شەخسىيلەر قانۇن – نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ ھالدا زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ .
24 – ماددا  ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىنىڭ تۆلەم دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن، يەرلىك قانۇن ياكى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيىلىك ئىزاھاتىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ .
مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇرەسسە قىلىشتا، مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىسا، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مۇناسىپ مۇرەسسە لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ .
25 – ماددا  زەخىملەندۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىنى بېكىتىشتە تالاش – تارتىش بولغانلىرىنى شۇ جايدىكى مۇناسىپ باھالاپ بېكىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان دوختۇرخانا ياكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئادەم بەدىنىنى يارىلاندۇرۇپ مېيىپ قىلىش ئۆلچىمىنى ئاساس قىلغان ھالدا باھالاپ بېكىتىشىگە ھاۋالە قىلىش لازىم .
26 – ماددا  مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىگە قارىتا جاۋابكارلىقى بولسا، مەسئۇلىيەتنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ، مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تۆلەم بەرسە بولىدۇ، لېكىن يارىلانغان ئوقۇغۇچىنى قۇتقۇزۇپ، مۇناسىپ ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان نوپۇش، تۇرالغۇ ئۆي، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرش قاتارلىق ئىشلارنى ھەل قىلىشنى ئۈستىگە ئالمايدۇ  .
مەكتەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولمىغان ئەھۋالدا، ئەگەر مەكتەپنىڭ شەرت – شارائىتى يار بەرسە، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە ئىمكانىيىتى بولۇش پرىنسىپى بويىچە، يارىلانغان ئوقۇغۇچىغا مۇۋاپىق ياردەم بەرسە بولىدۇ .
27 – ماددا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملار خىزمەت قىلىۋاتقاندا، قەستەن ياكى زور سەۋەبلىك تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، مەكتەپ تۆلەم تۆلىگەندىن كېيىن، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئالاقىدار كىشىگە تۆلەم تۆلەتكۈزسە بولىدۇ .
28 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىگە نىسبەتەن جاۋابكارلىقى بولسا، ئۇلارنىڭ ھامىيلىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ دەرىجىدە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ .
ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ، شۇنداقلا باشقا تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قۇرامىغا يەتكەن ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھامىيلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلىشى لازىم .
29 – ماددا  ئىككى تەرەپ تۈزگەن كېلىشىمگە، مۇرەسسە ئارقىلىق شەكىللەنگەن كېلىشىم ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈمىگە ئاساسەن، مەكتەپ ئۈستىگە ئالىدىغان پۇلنى مەكتەپ مەسئۇل بولۇپ تەييارلىشى كېرەك ؛ مەكتەپنىڭ تولۇق تەييارلىشىغا قۇربى يەتمىسە، مەكتەپنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان تارماق ياكى ئۇيۇشتۇرغۇچى ماسلىشىپ تەييارلايدۇ .
30 – ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمقلىرى ياكى مەكتەپ باشقۇرۇغۇچىلاردىن شارائىتى يار بەرگەنلىرى ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش زاپاس تۆلەم مەبلىغىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، قانۇن بويىچە زەخىملىنىش تۆلەم مەبلىغى تەييارلىسا بولىدۇ .
31 – ماددا مەكتەپنىڭ شارائىتى يار بەرسە، سۇغۇرتا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئاساس قىلىپ، مەكتەپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك.
مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرسە بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارىي ھالدا كۈتۈلمىگەن زەخىملەندۈرۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تەشەببۇس قىلىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخىملەندۈرۈش سۇغۇرتىسغا قاتنىشىشىقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ھەر قانداق خىراجەت ئېلشىقا بولمايدۇ .

داۋامى بار

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
417
تىللا
327
شۆھرەت
699
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 01:47:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5 – باپ  ھادىسىگە جاۋابكار بولغۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش
32 – ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىى يۈز بەرگەندە مەكتەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولغان ھەمدە قىلمىشى ئېغىر بولغان بولسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان خادىملارغا ئايرىم ھالدا مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ ئالاقىدار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگخە ئالغۇچىنىڭ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلشىق بولسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە يوللاش لازىم .
33 – ماددا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشى قالايمىقان بولۇپ، بىخەتەرلىك جەھەتتە زور يوشۇرۇن ئاپەت ساقلانغان بولسا، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار مۇددەت بەلگىلەپ تەرتىپكە سېلىشنى بۇيرۇشى ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان ياكى ياخشىلاشنى رەت قىلغانلارغا قانۇن -نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىشى ، كېرەك .
34 – ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇناسىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىدە جاۋابكارلىقى بولسا، ئالاقىدار تارماقلار بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان ئاساسلىق باشقۇرۇغۇچىغا ۋە باشقا ئاساسلىق جاۋابكارلىقى بار خادىملارغا ئايرىم ھالدا مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ ئالاقىدار جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشقا ياتىدىغان بولسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە يوللاپ بېرىش لازىم .
35 – ماددا مەكتەپ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا جاۋابكارلىقى بولغان ئوقۇغۇچىغا مەكتەپ مۇناسىپ چارە كۆرۈشكە بولىدۇ؛ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپىق قىلىشقا چېتىشلىق بولسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە يوللاش لازىم .
36 – ماددا زەخىملەنگە ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملاردىن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يولسىزلىق قىلىپ، مەكتەپنىڭ نورمال تەربىيە، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىغانلاشتۇرغان ياكى مەكتەپنىڭ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا مەلۇم قىلىش كېرەك؛ زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەشنى تەلە قىلىشقا بولىدۇ .
6 – باپ قوشۇمچە پىرىنسىپ
37 – ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن مەكتەپ، دۆلەت ياكى ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر خىل ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇ چارىدە دېيىلگەن ئوقۇغۇچىلار، يۇقىرىدىكى مەكتەپلەردە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ .
38 – ماددا بالىلار باغچىلىرىدا يۈز بەرگەن بالىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرى، بالىلرنىڭ تولۇق تېتىلمەسلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ .
39 – ماددا باشقا مائارىپ ئورگانلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرى يۈز بەرسە، بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ .
مەكتەپ رويخەتكە ئالغان باشقا تەربىيلەنەۈچىلەردە مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە زەخىملەندۈرۈش ھادىسى كۆرۈلسە بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ .
40 – ماددابۇ چارە 2002– يىل 9– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. سابىق دۆلەت مائارىپ كومىتېتى، مائارىپ مىنستىرلىقى تارقاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلىرى بۇ چارىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بۇ چارە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ.

تامام
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-8 12:11 , Processed in 0.084042 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش