- توردا
- 26 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-7
- تىزىملاتقان
- 2011-2-21
- شۆھرەت
- 699
- تىللا
- 327
- تۆھپە
- 417
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 2293
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 151
- تېما
- 49
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1693
- تۆھپە
- 417
- تىللا
- 327
- شۆھرەت
- 699
|
ئابدۇشۈكۈر ئالىم
رىئالنى تۇرمۇشتا پۇقرالار ئۆي ئىلىم – سېتىم قىلغاندا كۆپىنچە ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ۋە باھاسى توغرىسىدا كۆپرەك دىيىشىپ ، ئۆينىڭ قانۇنى رەسمىيەتلىرى ۋە باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارغا سەل قارايدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ . ئۇنداقتا ئۆي سېتىۋالغان قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك ؟
ئۆي سېتىۋالغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك :
1. مۇناسىۋەتلىك ئۆي – مۈلۈك باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بىرىپ سېتىۋالماقچى بولغان ئۆينىڭ تىزىملاش ئەھۋالى ، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ بار – يوقلىقىنى ، گۆرۈ – رەنە ئەھۋالى ، ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن رەسمىيەتلىرى توڭلىتىلغانمۇ – يوق ، مۇشۇ ئۆي – مۈلۈكنى قانۇنلۇق ئىلىم – سېتىم قىلىشقا بولامدۇ – يوق دىگەنلەرنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش كېرەك .
2. ئۆينىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش كېرەك . ئۆينىڭ ئۆگىزىسىدىن سۇ ئۆتۈپ كىتىدىغان سۈپەت مەسىلىسى بارمۇ – يوق ؟ ئەتراپتىكى مۇھىم ، قاتناش ئەھۋالى ، مۇشۇ ئۆي – مۈلۈك باشقىلارغا ئىجارىگە بىرىلگەنمۇ – يوق دېگەنلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك .
3. ئۆي پۇلىنى تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتىنى ئەستايىدىل پۈتۈشۈش ، زاكالەت پۇلىنىڭ نىسپىتىنى ئەستايىدىل پۈتۈشۈش ، قايسى ۋاقىتتا ئۆي – مۈلۈك رەسمىيەتلىرىنىڭ نامىنى ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ نامىنى يۆتكەپ بىرىش ۋە ئاخىرىدا بىرىدىغان پۇلىنى قايسى ۋاقىتتا بىرىش ، توختامغا خېلاپلىق قىلىش ۋە سوممىسى ، ماجرا كىلىپ چىقسا ھەل قىلىش چارىسى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل پۈتۈشۈش كېرەك . ئەڭ ياخشىسى ئەستايىدىل ھالدا تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيەتلىرى ئېنىق بولغان يازمىچە توختام تۈزۈش كېرەك .
4. ئۆيدىكى مال – مۈلۈكلەر ياكى ئۆي جاھازلىرىغا سېتىلغاندىن كېيىن كىم ئىگىدارلىق قىلىش ، ئۆينىڭ سۇ ، توك ، پار ، گاز ، خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى قاتارلىقلار ھەقلەرنى قاچان كىمنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەستايىدىل پۈتۈشۈپ بۇ نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .
قانۇن بلوگىدىن |
|