ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 0

Iframe غا Firefox, Chrome لاردا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھەل بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
727
تىللا
805
شۆھرەت
1322
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 08:52:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۋالقى  ئىزدىنىشلەر   :   Iframe غا Firefox, Chrome لاردا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھەققىدە ئىزدىنىش(1) ۋە  يەنە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھەققىدە ئىزدىنىش(2)   يۇقارقى ئىزدىنىشلەردىن كېيىن يەنە ئۇلاپ ئىزدىنىش ئارقىلىق يەنە ئازدۇر-كۆپتۇر نەتىجىگە ئېرىشتىم. Iframe غا(يەنى ھەر خىل كۆرۈنمە يۈزلۈك تەھرىرلىگۈچلەرگە) Firefox, Chrome لاردا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھەل بولدى. ئەمدىكى مەسىلە سىناش ۋە كود ئەلالاشتۇرۇشتا قالدى.
ئارتۇقچىلىقى:
ھازىر IE, Firefox, Chrome لاردا نورمال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلدى.
Ctrl+K بېلەن ئۇيغۇرچە-لاتىنچە ئالماشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
باشقا بەتلەرگە كىرىشتۈرۈپ ئىشلىتىش قولايلاشتۇرۇلۇپ، بىر ID، بىر فۇنكىسىيە قوشۇش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.
يېڭىدىن تەھرىرلىگۈچ قوشۇش ۋە تەھرىرلىگۈچكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى ئايرىلدى.
تەييار تەھرىرلىگۈچكە پەقەت ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى قوشىدۇ، تەھرىرلىگۈچكە ئارتۇقچە چېقىلمايدۇ.
كۆرگەزمە:
ساپ HTML بەتتىكى كۆرگەزمە: كىرىڭ
Discuz!X2 غا كىرىشتۈرگەن كۆرگەزمە: كىرىڭ(نۇرقۇتتىكى ئىسمىڭىز بېلەن كىرىپ تېما يېزىش كۆرۈنمە يۈزىدە سىناڭ.)
(سىناق تاماملانغاندىن كېيىن رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرىلىدۇ، شۇنداقلا ئىشلىتىش ئۇسۇلى تەمىنلىدۇ.)
پىكىر-تەكلىپ قوبۇل قىلىمىز:
بۇ Js نىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن پىكىر-تەكلىپ قوبۇل قىلىمىز. تېخنىكىسى بارلارنىڭ يىتەرسىزلىكنى تولۇقلاشقا ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەسىلە ھەل بولدى. ئەمدى زۈرۈر ئورۇنلارنى ئەلالاشتۇرساقلا بولىدۇ.
Opera غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى. ۋاقت چىقىرىپ ئىزدەنسەك بولىدۇ.
Safari دا ئۇيغۇرچە كىرىدۇ، ئەمما ھەرپلەر باغلاشمىدى. ۋاقت چىقىرىپ ئىزدەنسەك بولىدۇ.

قولدىن كىلىشىچە تەشۋىق قىلىڭلار! سىناققا قانچە كۆپ ئادەم قاتنىشىپ مەسىلە تېز بايقالسا شۇنچە تېز مۇكەممەللىشىدۇ!
مەنبە   :   ئۇيغۇر   كومپىيوتېر ئىلمى  جەمىيتى  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-14 03:35 , Processed in 0.094833 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش