ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 935|ئىنكاس: 3

تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتەيلى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دوستلار ،بەزى چاغلاردا سۆز- جۈملىلىرىمىزدە قايسى خىل تىنىش بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى بىلمەي قالىدىغان  ئەھۋاللارغىمۇ يولۇقۇپ قالىمىز .  مۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىپ ،پىكرىڭلارنى تىنىش بەلگىلىرنىڭ ياردىمىدە راۋان ئىپادىلەشنى  خالامسىلەر؟

   تىنىش بەلگىلىرى دېگەن نىمە؟   

ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،ئوي –پىكىرنى توغرا ،تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىق تىلىدا ،يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەر تىنىش بەلگىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

تىنىش بەلگىلىرىنىڭ يازما نوتۇقتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ،ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى تۆۋەندىكىچە.

1. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى .

(1) چېكىت ‹‹.›› (2) سۇئال بەلگىسى ‹‹؟›› (3)ئۈندەش بەلگىسى ‹‹!›› (4) چېكىتلىك پەش‹‹؛››(5)تىرناق ‹‹()›› (6) پەش ‹‹،››(7) قوش تىرناق ‹‹ ‹‹›› ››(8) يالاڭ تىرناق ‹‹ ‹››› (9) سىزىقچە ‹‹-›› (10) سىزىق ‹‹ـــ›› (11) قوش چېكىت ‹‹:›› (12) كۆپ چېكىت ‹‹…››

2.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى.

1.چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

بۇ بەلگە ئوي-پىكىرنىڭ بايان تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۆۋەندىكىچە قويۇلىدۇ :

1) بايان جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.  مەسىلەن:  

(1)  گۈزەل خانىم بەك ئەستايىدىل .

(2) تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇم.

2)بۇيرۇق ۋە ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن:

(1)يۇقىرىغا ئۆتۈڭ .

(2) ئۆيگە ۋاقتىدا كېتەي.

(3) كىچىك بالا بولغاندىن كېيىن ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلىشىپ كەتمەڭ.

3) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ.مەسىلەن:‹‹1.››،‹‹2.››،‹‹3.››…

4)قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ.مەسىلەن:

(1)  ز.قادىر

(2) ت.ئالماس

(3) ئا.ئۆتكۈر

5)يىل ،ئاي ،كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ .مەسىلەن:1918.10.01

1987.02.27

6)ئونلۇق كەسردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسر سان ئارىسىغا ،سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :

(1) 1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)

(2) سائەت 8.00(سائەت سەككىز)

2.سۇئال بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى .

بۇ ئوي پىكىرنىڭ سوراق تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە:

1) ھەر خىل سۇئالدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن:

(1) نىمە ئىش يۈز بەردى؟

(2)مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟

2)كەينى –كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سۇئاللارنىڭ كەينىدىكىسىگە قويۇلىدۇ.مەسىلەن:

(1) بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ-ئۇقمامدۇ؟

(2)سىز زادى دىيارىم مۇنبىرىنىڭ ئەزاسىمۇ-

ئەمەسمۇ؟

3)جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ،ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.مەسىلەن:

(1) سەلەي چاققان (؟-1905)ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.

4)ئۈندەش ۋە سۇئال تەرىزىدە ئېيتىلغان جۈملىلەردە ئاۋال سۇئال بەلگىسى ،ئاندىن ئۈندەش  بەلگىسى قويۇلىدۇ .مەسىلەن:

(1) شەرۋان : ھوي ،سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ ؟!

(2)نىمە دېگەن تۈگىمىگەن ئۇزۇن ناخشا بۇ؟!

3.ئۈندەش بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

بۇ بەلگە ئوي پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەرنىڭ ئارقىسىغا قويۇلىدۇ.  ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە.

1)ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن :

(1) سىرداشىم ئەسىرىڭىزنى يېزىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداڭ! (بۇيرۇق)

(2) ياشىسۇن ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلار!(ئۈندەش)

(3) دىيارىم ئەھلى ! ئاڭلىمىدىم، ئىشتمىدىم دېمەڭلار ! ھەر بىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن!(ئۈندەش ،بۇيرۇق)

2)ئۈندەش ئاھاڭىدا  ئېيتىلغان ئىملىق سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن  كىيىن قويۇلىدۇ.مەسىلەن:

(1) توۋا ! سەن ئاتاماننىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ!

(2) نىگار ! ئاللاھقا ئامانەت .

تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ سۇئال ،ئۈندەش بەلگىلىرى بۇنداق جۈملىنىڭ قانداق قۇرۇلمىدا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر قويۇلىدۇ. تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ چېكىتى بولمايدۇ.

4.چېكىتلىك پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتا رولى پەشكە نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسىدۇر .

تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەرقايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىر قانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەندە بولسا ،ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈن ئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

(1)ــــ شاھىم  ئاي بىلەن كۈننىڭ ئۆلگىنى ئېڭىشىپ تاغ كەينىگە پاتقىنى ؛يەرنىڭ ئۆلگىنى قار ئاستىدا قالغىنى (ياتقىنى)؛سۇنىڭ ئۆلگىنى مۇز ئاستىدا قاتقىنى ،ــــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .

(2) ھاياتلىق بولمىسا ،ئۆلۈم بولمايدۇ؛ ئۆلۈم بولمىسا، ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ.

5. پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ،تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چېكىتلىك پەشكە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تىنىش بەلگىسى ،ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە :

  1)جۈملە ئىچىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا پەش قويۇلىدۇ.مەسىلەن:

(1) ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى ،تال-تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى ،چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ ،چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ ياراشقان ئىدى.

(2) تاغلار ،باغلار ،دالالار...قىسقىسى بارچە ياپيىشىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.

  2)مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

(1) مېڭىۋەردىم ،كەينىمدىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىۋەردى ،بۇرۇلۇپ قارىسام ،ھېلىقى چەتئەللىكلەردىن بىرى كېلىۋېتىپتۇ.

3)جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنى (قاراتما سۆز،قىستۇرما سۆز ۋە ئايرىم ئىملىق سۆز)جۈملىدىن ئاجرىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

(1) ئۇنىڭدىن باشقا ،رەيھاننىڭ يەنە ئۆزىگە خاس بەزىبىر سىرلىرىمۇ بار ئىدى.

(2)بەختكە يارىشا، شۇكۈنى كەچقۇرۇن تۆمۈر خەلىپىمۇ بارىكۆلدىن قايتىپ كەلدى .

(4) جۈملىدە يېزىق بىلەن كەلگەن سانلاردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

(1) قايتىپ كېلىدىغانلا بولساڭ ،بىرىنچىدىن ،ئەمدى ئۇنى قايتا كۆرەلمەيسەن ،ئىككىنچىدىن ،...

6. يالاڭ تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىك بولغان تىنىش بەلگىسى .جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.بۇ خۇددى پەش بىلەن چېكىتلىك پەشنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى  ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش ،كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ .مەسىلەن:

ـــــ ۋاي قوۋۇرغامەي،‹‹چىراغپايدا چاي ئىچكەن ‹چېچەن›نى كۆردۈم ››دېگەندەك ،ئەمدى كىتابلاردىن قۇسۇر قۇسۇر تاپقىلى تۇردۇڭمۇ ؟ئۇقۇپ قوي ئاشكار ،ئۇ دېگەن پەن ،دېدى كۈنقىز.

7.قوش تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان بەلگە.ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناققا نىسبەتەن چوڭ. جۈملىدە كەلگەن بارلىق بارلىق كۆچۈرمە تەركىبلەر ،جۈملىدىن  كىتاب،گېزىت –ژۇرنال ناملىرى ،ماۋزۇ قاتارلىقلار  قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەكسى مەنىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرمۇ قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

(1) ئايجاھان ‹‹تىل ۋە تەرجىمە›› ژۇرنىلىدا ئىشلەيدۇ.

(2) قادىر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ قوياتتى ،شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭغا ‹‹ئوۋچى ›› دەپ ئىسىم   قويىۋالغان ئىدى.

(3) ‹‹ غالىبىيەت ›› كوچىسى .

(4) سىنىڭ ‹‹ئەقىللىق››قىزىڭ تاپقان پالاكەت بۇ.

8. تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

ئىزاھ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە تىرناق دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ .

1) جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى تولۇقلاش ،ئىزاھلاش ياكى شەرھلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ .مەسىلەن :

(1) بىز دىيارىم  تور سىنىپىنىڭ (ھابابام سىنىپى)ئوقۇغۇچىسى .

(2) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى  (نۇر بەكرى )يىغىندا سۆز قىلدى.

2)سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پېرسوناژلارنىڭ ھەركىتى  ،كەيپىياتى توغرىسىدا بەرگەن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ . مەسىلەن :

(1) نۇرۇم: (غەزەپ بىلەن) ئادەم سۈرەتلىك بۆرىلەر!

(2)(غۇنچەمنىڭ چېچىنى سىلاپ) جېنىم تېنىمدە بولسا ،مەن سىزنى بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئالدىدا خار قىلمايمەن .

3) نەقىل كەلتۈرگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە ،ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :

ژېننى ئامېرىكىدىكى بىر دوستىغا يازغان خېتىدە :‹‹سوتنىڭ ئىككى ئىجراچىسى ئۆيىمىزگە كېلىپ ،ئۆي جاھازلىرى ،كارىۋات ياپقۇچ ،كىيىم –كېچەك ۋە بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى ...›› (ئېلى راھىت :‹‹شىنجاڭ گېزىتى ››دىن) دەپ يازغان .

9.سىزىقچە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسى سىزىقچە دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ .مەسىلەن:

  1)جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلمايدىغان ئۇلانمىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.مەسىلەن :

(1) دەپتەر-قەلەم ،بۈگۈن-ئەتە ،قىش –ياز

(2)بۇ نېمىدىگەن  ئەخمەق كىشى –ھە؟

2) سۆزلەر قۇردىن  قۇرغا بوغۇم ئايرىپ كۆچۈرۈلگەندە ،ئايرىلغان بوغۇمدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :

پرولې- // ۋەتىنىمىز-//

تارىيات//   دىكى

3) رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن تەرتىپ سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ . مەسىلەن :

(1) بىز 28-بىنادا تۇرىمىز.

(2)كۇرس مۇددىتى 12-ئايغىچە .

4) پېئىللارنىڭ ئۆزەك شەكىللىرىدىن كېيىن  سىزىقچە قويۇلىدۇ .مەسىلەن :

ئولتۇر-،ماڭ-،كەت-،تۇر-يۈر-

5)سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئالدىغا  ،سۆز  ئالدى قوشۇمچىلىرىنىڭ  كەينىگە قويۇلىدۇ . مەسىلەن :

- ىچى ،-ىش ،-ۈش،-نىڭ ...

بى -،نا-،بەت-،دەر-...

10. سىزىق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1) ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى  دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ؛ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ . ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ .مەسىلەن :

ـــ نىگار بۈگۈن سېنى ھايۋانات  باغچىسىغا ئېلىپ باراي ،دېدى ئۇ خۇش كەيىپ ھالدا ،قىزى بېشىنى چايقاپ :

ـــ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولالمىدىم .

ـــ تۈنۈگۈن يېزىپ بولغانتىڭغۇ؟

ـــ ئۇ ئۆزۈمنىڭ ئىدى ،بۈگۈنكىسى سىنىپ باشلىقى  سراجىلنىڭ .

2) زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆزنىڭ( ياكى ساننىڭ) ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن :

(1) لەنجۇ ـــ شىنجاڭ تۆمۈر يولى .

(2)1990ـــ 1995-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى.

بۇنداق كەلگەن سىزىق (ـــ) ‹‹ۋە›› ياكى ‹‹ھەم›› مەنىلىرنى ياكى ‹‹دىن›› ،‹‹ -غىچە ››  دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .

3) جۈملىدە بىرخىل مەنىدە كەلگەن (بىر خىل گرامماتىك شەكىلدە كەلگەن )ئىزاھلىغۇچى بىلەن ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن : (1) تەنھەرىكەت  مۇسابىقىسىدە ھەرخىل پائالىيەتلەر ــــ يۈگۈرۈش ،سەكرەش ،گىمناستىكا ،پۇتبول ،ۋالىبول قاتارلىقلار بار .

11. قوش چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

ئاساسەن بايان بەلگىسى قوش چېكىت دەپ ئاتىلىدۇ .

ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ :

1) مۇستەقىل سىنتاكسىسىلىق قۇرۇلمىلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ياكى بىرەر تەركىبىنى تولۇقلاپ ،شەرھلەپ  كەلسە ،ئالدىنىقى قىسمىدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :

(1) بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە :

1.ئەلانۇر

2.ھۆرىيەت

3.ئەكبەر

.....

2) ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :

(1) ھۆرمەتلىك گۈزەل ھەدە:

(2)ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە :

بۇنداق قاراتما سۆزلەر كۆپىنچە خەت –ئالاقىدە ،تەكلىپ قەغەزلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

3) سەھنە ئەسەرلىرىدە دىئالوگلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .بۇنداق قوش چېكىت يەنىلا بايان مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ .مەسىلەن:

(1) مۇئەللىم : ئۆتكەن دەرسلەرنى ئوقۇپ كەلدىڭلارمۇ ؟

4) بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇر بېشىدىن ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ  ئالدىدا كەلگەن ‹‹مەسىلەن›› سۆزىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.مەسىلەن:

بۈگۈن ھەممە ئادەم شادلىققا تولىدىغان بىر كۈن بولدى .

5) تۈرلۈك ئۇسۇل ھالەتلەردىن كېيىن كەلگەن جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا ،ياكى قۇر بېشىدىن باشلانمىغان ھالدىمۇ ،قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا ،مەزكۇر ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن :

(1) ئەتراپىغا قاراپ :

ـــ مەن بۇ يەردىن كېتىمەن ،مەن بۇ يەردىن كېتىمەن ! دەپ ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى .

6) ئاپتورنىڭ ئىسىم- فامىلىسى بىلەن  ئەسىرى بىللە كۆرسىتىلگەندە ،ئاپتورنىڭ ئىسىم فامىلىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن:

(1) مۇپاسسان :‹‹مارجان››

(2) زوردۇن سابىر :‹‹ ئارچا ياپرىقى ››

(3) ئا.ئۆتكۈر :‹‹ ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك ››

12.كۆپ چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

قىسقارتىش بەلگىسى كۆپ چېكىت دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ . مەسىلەن :

1) جۈملىدە قىسقارتىلغان تەركىبلەر ئورنىغا ،نوتۇقتا سۈكۈت ئىپادىلەنگەن ئورۇنغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن :

(1) مەن نەگە بارىمەن ،نىمە ئىش قىلىمەن ؟! ...

(2)  ... ‹‹ تەڭرى›› ،‹‹يوق نەرسە ››،  ‹‹نۆل››دېگەندەك غەلىتە گەپلەرنى قىلدى .

(3) سىز تارتىنماڭ ،تېزدىن ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىڭ!...

2) نوتۇقتا سۆزنىڭ ئۈزۈلۈپ –ئۈزۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ياكى مەلۇم تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ياكى قورقۇش ،دۇدۇقلاش ،جىددىيلىشىش قاتارلىقلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ .مەسىلەن :

(1) سەن ... سەن ...بۇ يەردىن تېز كەت ...ئىش چاتاق ...

(2) نې... مە دەپ يۈرىسەن ؟ ۋاي ئەخمەق!

(3) كۆر...دۈڭلار...مۇ،گې...  زىتكە بېسىپتۇ .

(4)ئې...ىسمدە قالماپتۇ.

...

مەنبە : مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى  ئۇيغۇر-تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتى دوتسېنتى  زەينەپ نىياز خانىم تۈزۈپ چىققان ‹‹ ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر تىلىدىن ئومۇمىي ساۋات›› ـــــ فونېتىكا ۋە سىنتاكسىس قىسىمى .
ۋاقتى: 2012-2-1 01:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز. لېكىن ئۆزىڭىزمۇ كومپيۇتېردا خەت ئۇرغاندا تىنىش بەلگىسىنى توغرا قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. تىنىش بەلگىسى قويۇشقا توغرا كەلگەندە تىنىش بەلگىسىنى قويۇپ بولۇپ، ئاندىن بوش ئورۇن قويىمىزغۇ دەيمەن. دىققەت قىلسام بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلار ناھايىتى كۆپكەن. يەنە بىر گەپ، بىزنىڭ تىنىش بەلگىلىرىمىز ئىچىگە خەنزۇ يېزىقىدا قوللىنىدىغان«、» نى (مەن كىچىك پەش دەپ ئاتايمەن) قوشۇش زۆرۈرمۇ قانداق، دەپ ئويلاپ قالىمەن. بۇ تىنىش بەلگە خەنزۇ يېزىقىدا تەڭداش تەركىپلەرنىڭ ئىچىدىكى كىچىك تەڭداش ئايرىشقا بۆلەكلەرگە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىكەن.  
ۋاقتى: 2014-6-4 17:15:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2014-7-9 12:26:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر تىمىڭىزغا، ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 22:40 , Processed in 0.172260 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat