ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 690|ئىنكاس: 3

ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]









ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ،  
ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا.  
يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!!
بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....  
  
تىلمىزدىكى سۈيئستىمال قىلىنغان سۆزلەر ھەم « خەن » لىشىشكە يۈزلىنىپ كەتكەن سۆزلەرنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بۇلىدۇ!!  
مەن ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئىشلىتىمەن دىگەن كىشىنىڭ ئاغزىدىنمۇ يۈز پىرسەنتلىك ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ چىقمايدۇ .......   
بۇنى زادى نىمىگە باغلاپ تەھلىل قىلىش كېرەك ؟؟   
تارىخ ؟ تەرەققىيات ؟ ۋەزىيەت ؟ يا بولمىسا مىللەتنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ؟ ;
بۇنىڭغا مۇكەممەل جاۋاب بىرىشكە ئامالسىزمەن.  
نۆۋەتتىكىسى بىزنىڭ تائاملىرىمىزدىكى ئاتالغۇ ، ۋە ئەسلى ئاتالغۇ !  
1.سۇ پولۇ ئەمەس،گۆشسىز پولۇ  .
2.جىيامەن ئەكىلىڭ ئەمەس،چۆپ ئەكىلىڭ دېسىڭىزمۇ بولىدۇ.  
3.خوگو ئەمەس،داڭقان شورپىسى.  
4.داپەنجى ئەمەس،توخۇ قورۇمىسى(يۇمتال،ئېلكىتاب ،ئېلخەت ...دېگەندەك يېقىشلىق ئاتالغۇلىرىمىز چىقتى،مۇشۇنداق نام-نىشانسىز قالغان تاماقلىرىمىزغىمۇ مۇشۇنداق ئەپچىل ئسىملارنى ئويلاشساق بولاتتى.)
5.بەممىيەن ئەمەس!!!!!لەغمەن .
............................................................................................  
خاپا بولماي « ئۇيغۇرچە » گەپ قىلسىڭىز !!  
ئائىلىدە....
يولدىشى : كېلەر ھەپتە ۋاقىت چىقىرىپ چوڭلارنى بىر يوقلاپ كىلەيلى !   
ئايالى : مەن بارالمايمەن .... كېلەر ھەپتە يەنە چۇچەي (كاماندوروپكا) گە چىقىمەن .
يولدىشى : چۇچەي ؟؟؟؟؟؟
ئايالى : كاماندوروپكىچۇ ؟
يولدىشى : ئەمسە ئەتىچۇ ؟   
ئايالى : مەن ئەتە جىبەر (نۆۋەتچى ) بۇلۇپ ئىشلەيمەن ...  
يولدىشى : نىمە ئۇ چۇچەي ، جىبەر دىگەن ؟ ؟؟ ؟ ؟ ؟؟ ؟ خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز  
تېلفۇنخانىدا ....  
ئالىم : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !   
ئەخمەت : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !  
ئالىم : مەن گۈلنار بىلەن ئالاقىلىشالماي قالدىم ، ياردەم قىلسىڭىز ..  
ئەخمەت : ئۇنىڭ شوۋجى (يانفۇن)سى يوق ..
ئالىم : شوۋجى ؟؟؟؟؟
ئەخمەت : يان تىلفۇن دەيمەن ...  
ئالىم : ئەمىسە ئۆيىنىڭ نۇمىرىچۇ ؟؟
ئەخمەت : ياۋ سەن با . ...........
ئالىم : خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز!!!  
تورخانىدا ...  
قەيسەر : ئاداش ! ئاۋۇ يەردە ئىككى جىزا (كومپيوتىر )باركەن.
قۇدرەت : ئىككى ئۇرۇن دە !
قەيسەر : ھە ئىككى ئۇرۇن .... مەن بېرىپ لىن شى كا (ۋاقىتلىق كارتا ) بېجىرىپ كىلەي ..
قۇدرەت : نىمۇ ئۇ لىن شى كا دىگەن   
قەيسەر : ۋاقىتلىق كارتىچۇ ؟
قۇدرەت : ھە !!!!!!
قەيسەر : ماۋۇ جىزى (كومپيوتىر) نىڭ شۇ بىياۋ (مائۇس) سى يوقكەن ..
قۇدرەت : ئاداش ، جېنىم ئاداش ! خاپا بولماي ئۇيغۇرچە گەپ قىلساڭ....   
ئاشخانىدا ....  
خېىرىدار : ئاشخاناڭلاردا ئايرىمخانا بارمۇ ؟   
كۈتكۈچى : يازورما ؟!؟!  
خېرىدار : ئايرىمخانا دەپ ئىشلىتىڭ !
كۈتكۈچى : بار ، قېنى ئىچكىرگە مەرھەممەت !   
خېرىدار : بىزگە ئىككى تەخسە لەغمەن ئون زىخ كاۋاپ !
كۈتكۈچى : سەل تەخىر قىلىڭلار   
خېرىدار : بىزگە بىر چىنە ئاش سۈيى ، بىرتەخسە چۆپ ئەكىرىپ بەرسىڭىز 
كۈتكۈچى : ميەنتاڭ (ئاش سۈيى ) بىلەن جىيامەن (چۆپما ) ؟؟  
خېىرىدار : جېنىم ئۇكام ! خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز ....  
يولدا  
A : كەچۈرۈڭ بۇ يەردە بىرەر خۇابا (تېلفۇنخانا ) بارمۇ ؟
B : تىلفۇنخانا دەمسىز ؟ ئالدىڭىزغا 100 مىتىر مېڭىڭ ..  
A: تىلفۇنغا پۇل چۇڭلى(قاچىلىغىلى ) قىلغىلى بولامدۇ ؟
B: پۇل چۇڭلى قىلغىلى بولمايدۇ ... پۇل قاچىلغىلى بۇلىدۇ ...
A: نىمە ؟
B: .................................... بۇندىن كىيىن خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز  
ئىشخانىدا....
كاتىپ : خوجايىن بۈگۈن ماڭا چىڭ جىيا (رۇخسەت) بەرسىڭىز ...   
خوجايىن : پۈتۈن كۈنما ؟
كاتىپ : ياق ! بەنتىيەن (يېرىم كۈن ) ....
خوجايىن : نىمە ئىش قىلاتتىڭىز ؟  
كاتىپ : بىر دوستۇمنى سۇڭ لى (ئۇزۇتاتتىم ) قىلاتتىم  
خوجايىن : رۇخسەت بەرسەممۇ بىرەي .... بۇندىن كىيىن خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز  
دەرسخانىدا ...
تايىر : ئاداش ! گاۋكاۋغا (ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا )بەك ئاز قالدى ، بۇلى (تۇلۇقلايدىغان)قىلىدىغان دەرسلىرىم بەك كۆپ مىنىڭ...   
تۇرسۇن : نىمۇ ئۇ بۇلى قىلىدىغان دىگەن ؟؟؟  
تايىر : تۇلۇقلايدىغان دەرسلىرىم دىمەكچى .
تۇرسۇن : قايسى پەندىن
تايىر : شۇ شۆ (ماتىماتىكا ) بىلەن خۇاشۆ (خېمىيە )   
تۇرسۇن : جىنىم مىن كاۋ خەن ئادىشىم ئۇيغۇرچە سۆزلىسەڭ قانداق ؟؟
دەرۋەقە تىلمىزغا سېڭىپ كىرىۋاتقان مۇشۇنداق ئاتالغۇلار ساماندەك ....  
ئاغزىمىز قانداق سۆزلىسە شۇنداق كۈنىدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز .. ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلىساق ..  
ئەگەر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى يوق سۆز بولسا مەسلىھەت بىلەن ئاتالغۇسىنى تاپساق !
1. « ۋاڭبا » 网吧 = تورخانا
2. « شۇجى » 手机 = يانفۇن
3.« چاۋشى » 超市 = تاللا بازىرى
4. « دۈۋەن شىن » 短信 = قىسقا ئۇچۇر   
5. « گاۋداڭ » 高档 = ئىسل
6. « جىيامەن » 加面 = قۇشۇلما چۆپ  
7.« بەن چې » 班车 = نۆۋەتچى ماشىنا   
8. « خۇا فېي » 话费 = تىلفۇن ھەققى
9. « گاۋ كاۋ » 高考 = ئالى مەكتەپ ئىمتھانى  
10 . « نۇيۇ زەيكۇ » 牛仔裤 = پادىچى ئىشتان )
11. «شۇيۇ شەن » 秀鲜 = كۆركەم
12. « يىيجىيا » 依架 =كىيىم ئاسقۇچ
13.« بىڭجىلىن » 冰淇淋 = مۇز قايماق
14. « يېچاڭ » 夜场 = كىچىلىك مەيدان   
15 . « جىزە » 机子 = ماشىنا  
16.« سەي لېڭ » 彩铃 = رەڭلىك قۇڭغۇراق  
17 . « جىيى ۋۇ » 街舞 = كوچا ئۇسۇلى  
18. « جۇجى » 主机 = باش ئاپرات   
19 . « بۇكاۋ » 补考 = تۇلۇقلىما ئىمتىھان
20. « دا پەنجى » 大盘鸡 = چوڭ تەخسلىك تۇخۇ قۇرۇمىسى
21. « ما بۇ » 抹布 = سۈرتكۈچ
22. « شىن شى » 信息 = ئۇچۇر
23. « شۇبىياۋ » 鼠标 = چاشقىنەك
24. «چۇ كۇەن جى » 取款机 = پۇل ئېلىش ماشىنىسى
25. « خوگو » 火锅 = ساماۋەر شورپىسى  
26 . « گۇاڭ چاڭ » 广场 = خەلىق مەيدانى  
27. « شۆ فېي » 学费 = ئۇقۇش پۇلى
28. « جىاڭ جىن » 奖金
39. « لۈۋ شېيى » 旅鞋 =ساياھەت ئايىقى   
40. « خو چى جىيەن » 火车站 = پويىز ئىستانىسى  
41.« سەن تىڭ جى » 餐厅纸 = تاماق قەغىزى   
42. « دىيەن زى يوۋ جىيەن » 电子邮件 = ئىىلكتورۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى   
43. « جۇاڭ شىيۇ » 装修 = زىننەتلەش  
43 .« چۇزۇ » 出租 = تاكىسى
44. « سۇلىياۋ » 塑料 = خاشو  
45. « ئېر جى » 耳机 = نائۇشنىك
46. « پىجىيۇ » 啤酒 = پىۋا   
47. « شى مىيەن نەي » 洗面奶 = يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقى


      مەنبە مىسرانىم مۇنبىرى
ۋاقتى: 2012-1-28 20:38:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن ، ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتەيلى ، بەلكىم ئارلاش سۆزلەيدىغانلار ئۆزىنىڭ خەنزۇتىلى بىلىدىغىنىنى كۆزكۆز قىلىش ئۇچۇن ياكى گەپ-سېزىنى مۇدىلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق سۆزلەيدۇ.
ۋاقتى: 2012-1-28 20:57:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
________________________________ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xawkat521 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-8 23:41  

ۋاقتى: 2012-1-29 13:21:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاراپ سەل خىجىل بوپ قالدىم.چۈنكى مەنمۇ تېلىغونغا پۇل قاچىلىسام چۇڭ قىلىمەن دەيمەن.قارىغاندا بۇنى ھازىردىن باشلاپ تۈزىتىپ ماڭسام بولغۇدەك.رەھمەت، بۇنى كۆرۈپ خېلى جىق جەھەتلەردە سۆزلەرنى ئىنتايىن خاتا ئىشلىتىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم.
ھەراسىت ئاۋۇ 秀鲜 دىگەن سۆز خاتا يېزىلىپ قالغان ئوخشايدۇ.ئەسلى توغرا ئاتىلىشى 休闲؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 04:20 , Processed in 0.123702 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat