ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! 
ھازىر مىكروسوفتنىڭ NET سۇپىسى 4.0 گە كۆتىرىلدى. بۇ سۇپا Microsoft Visual Studio 2010 نى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، Visual Studio 2010 دا NET 4.0 نىلا ئىشلىتىدىكەن. Visual Studio 2008 دە NET نىڭ 2.0، 3.0، 3.5 دېگەندەك خالىغان نەشىرلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. 
سىز كومپيۇتېرىڭىزغا NET FrameWork 4.0 نى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز تۆۋەنكى نەشىرلىرىنى قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. 4.0 نەشىرى ئۆزىدىن تۆۋەنكى بارلىق نەشىرلىرىنى قوللايدۇ. 
تۆۋەندە Visual C# 2010 دىن پايدىلىنىپ ياسالغان <<شاھدىيارسوفت تور بەت سۈرەتچىسى 1.0>> نى ھوزۇرىڭىزلارغا سۇندۇق: 
 
پروگراممىنىڭ ئاساسىي كۆرۈنۈشى: 
 
 
بۇ پروگراممىنى چۈشۈرۈپ پىرىس ھۆججەتنى يېشىپ تور ئادېرىسى يازىدىغان ئورۇنغا ئۆزىڭىز خالىغان ئادېرىسنى يېزىپلا <<رەسىمگە تارتىش>> كونۇپكىسىنى باسسىڭىز مەزكۇر پروگرامما تورۇشلۇق ئورۇنغا PNG شەكىلدە ئەسلى ئۆلچەم چوڭلۇقى ۋە سۈزۈكلۈكتىكى تور بەت رەسىمىنى ھاسىل قىلىپ ساقلاپ بېرىدۇ. 
ئۇنداق بولسا بۇ پروگراممىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقامسىز؟... 
چۈشۈرۈش ئادېرىسى: 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/webcam.rar 
بۇ پروگرامما ئىنتايىن كىچىك ھەم يېشىل دىتال. 
بۇ پروگراممىنى ئىشلەشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئانچە چوڭ ئەھمىيىتىمۇ يوق. تور بەتنى سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى ھازىر كۆپ قىسىم تور كۆرگۈچلەردە تەمىنلەنگەن. ئەمما، بىز بۇنىڭ ئەسلى كودى بىلەن بىرگە تەمىنلىمەكچى. 
بۇ پروگراممىنىڭ ئەسلى كودى Visual C# 2010 دا يېزىلغان بولۇپ، كومپيۇتېرىڭىزغا C# 2010 نى قاچىلىشىڭىز كېرەك. 
بۇ پروگرامما NET Framework 4.0 سۇپىسىنى ئىشلىتىدۇ. ئەگەر يۇمشاق دېتالنىلا ئىشلىتىمەن دەپ قارىسىڭىز NET Framework 4.0 نىمۇ قاچىلىشىڭىز كېرەك. بۇنى ماۋۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:  
http://www.shahdiyar.com/bilim/forum.php?mod=viewthread&tid=4357 
 
تۆۋەندە بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق سۈرەتكە تۇتۇلغان بىر قانچە تور بىكەتنىڭ سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ قويدۇم: 
 
شاھدىيار تورى باش بېتىنىڭ سۈرىتى: 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/www.shahdiyar.com.png 
 
شاھدىيار مۇنبىرىنىڭ باش بەت سۈرىتى: 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/www.shahdiyar.combilim.png 
 
زامانىم يانفۇن تورىنىڭ باش بەت سۈرىتى: 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/www.zamanim.net.png 
 
ئالىپ تورىنىڭ باش بەت سۈرىتى: 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/www.alip.biz.png 
 
ئۇلىنىش cn تورىنىڭ باش بەت سۈرىتى: 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/www.ulinix.cn.png 
 
نۇرخەۋەر تورىنىڭ باش بەت سۈرىتى: 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/www.nur.cn.png 
 
مىسرانىم مۇنبىرى باش بەت سۈرىتى: 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/bbs.misranim.com.png 
 
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى جەۋھەر تېما <<ئۇيغۇرلاردىكى قوشنىدارچىلىق يوقاپ كېتەرمۇ>> دېگەن تېما 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/bbs.misranim.comthread-69830-1-1.html.png 
 
تەڭرىتاغ مۇنبىرى باش بەت سۈرىتى: 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/bbs.xjtsnews.com.png 
 
تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى جەۋھەر تېما <<ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ساختا دېگۈچىلەرگە...>> دېگەن تېما 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/bbs.xjtsnews.comforum.phpmod=viewthread&tid=7856.png 
 
 
يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش ئادېرىسى: 
http://www.shahdiyar.com/soft/software/webcam/webcam.rar 
 
  
ئەسلى كود پروگراممىسىنىڭ كۆرۈنۈشى: 
 
ئەسلى كودىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: 
http://www.shahdiyar.com/bilim/forum.php?mod=viewthread&tid=4359 
  
شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گورۇپپىسى  |