http://sheriyet.com/ ئايرىمخانا قىزلىرى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
قېنى قەدىر-قىممىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
قېنى ئىززەت-ھۆرمىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
قېنى ئېسىل خىسلىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
قېنى نومۇس-ئىپپىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
قېنى غۇرۇر،شۆھرىتىڭ ئايرىمخانا قىزلىرى؟
كىم ئىدىڭ سەن تارىختا، ئۇنۇتتۇڭمۇ ئەسلىڭىنى؟
قۇرۇتتۇڭمۇ نەفىسە،نۇزۇگۇمدەك نەسلىڭنى؟
ئۇيغۇر قىزى دىسەمدىم كۆرۈپ گۈلدەك ۋەسلىڭنى،
بىلمىدىڭ ئاھ،چەيلىدى كىملەر باھارپەسلىڭنى؟
بولدى ئىبلىس ئۈلپىتىڭ ، ئايرىمخانا قىزلىرى..
ئانىلارنىڭ قەلبىدەك پاكىز ئىدى بۇ تۇپراق،
ئوغۇز سۈتى پۇرايتتى چاچسا ھەر گۈل خۇشپۇراق،
ئەجدادىمىز ئاسرىغان بولۇپ ئاڭا كۆزقاراق،
بۇلغىدىڭسەن،ۋىجدانىم ياغدۇرىدۇ مىڭ سوراق،
تەقدىر ئەمەس قىسمىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.
چىقىپ كەتتىڭ ئۆيۈڭدىن كىرىپ تۇيۇق يولغا سەن،
تاشلاپ ئاتا -ئاناڭنى بۇزۇلغاچقا پۇلغا سەن،
خوجايىنىڭ ئالدىدا ئايلاندىڭغۇ قۇلغا سەن،
ماڭالمايسەن ئوڭغا بىر ،ۋەيا ئەمدى سولغاسەن،
قۇللۇق بولدى خىزمىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.
«رېستۇران»دەپ چىرايلىق ۋىۋىسكىغا باقتىڭسەن،
بىر شەرمەندە، ۋىجدانسىز خوجايىنغاياقتىڭسەن،
نەسىھەتكە توختىماي پەشلىرىڭنى قاقتىڭسەن،
كالتە ئىشتان ،قىزىل چاچ كوچىلاردا ئاقتىڭسەن،
بازار تاپتى ئىشرىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.
تالاي سەبى قىزلارنى ئالداپ ساتتىڭ شەيتانغا،
ئانا ئىدى ئۇلارمۇ ئوغۇز، سۇتۇق سۇلتانغا،
باقار ئىدۇق ئۇلارنىڭ كۆزىدە بىزجاھانغا،
قان يىغلىدى يۈرەكلەر يەتمەي ئارزۇ-ئارمانغا،
شۇمۇ بىزگە ھىممىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى..؟!.
ھەمراھ بولۇپ بايۋەچچە، كاتتىلارغا كۈندە سەن،
يېشىل چىراق ياندۇردۇڭ بوسۇغاڭدا تۈندە سەن،
كوچىلارنى بىر ئالدىڭ ،سەت، چىقىراق ئۈندە سەن،
يۈزىمىزگە ياق!دىلغا چاچتىڭ شۇنداق يۇنداسەن،
يۇقتى رەزىل ئىللىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.
ئاتاڭ شەربەت ئىچكەنتى، سەن ئوتلۇدۇڭ زەھەرنى،
ئاناڭ دەملەپ چاي بەرگەن بېسىپ كەلسەڭ سەپەرنى،
چەكتىڭ،ئىچتىڭ ئاھ،ئەجەپ تاشقا ئۇردۇڭ گۆھەرنى،
كىم ئۈگەتتى بىلەمسەن،ساڭا بۇ خۇي-ھۈنەرنى؟
ئۆلدى ئەردەك غەيرىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.
ئون بەش ياشلىق ئالۋاستى!ساتتىڭ خەخكە تېنىڭنى،
نومۇسۇڭنى ساتقىچە، ساتساڭ ئىدىڭ قېنىڭنى،
بارلىقىڭنى ساتساڭمۇ باقالمىدىڭ جېنىڭنى،
خوجايىنغا تۇتقازدىڭ ھەميىنىڭنى-يېنىڭنى،
دوزاق بولدى جەننىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.
سۆيەر ئىدىڭ بالاڭنى، ئاغزىڭ سېنىڭ بۇلغاندى،
قۇچاقلاردىڭ ئاناڭنى،ئېسىت، تېنىڭ بۇلغاندى،
ئۇيغۇر دەيتىڭ ئۆزۈڭنى،ئەمدى قېنىڭ بۇلغاندى،
ئېلىپ سېنى تىلغا مەن،تىلىم مېنىڭ بۇلغاندى،
يەتتى ئەجەل مۆھلىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.
توۋا دەيمەن،قولۇڭدا«تىجارەت»كە خېتىڭ بار،
بىراق، ئەلنىڭ ئاغزىدا پاھىشە دەپ ئېتىڭ بار،
ھايۋان كەبى ياشايسەن،ئوچۇق ساغرا -چېتىڭ بار،
لەنەت قىلساق تالايدۇ،بوسۇغاڭدا ئىتىڭ بار،
كاتتا سېنىڭ «قۇدرىتىڭ»، ئايرىمخانا قىزلىرى.
ئۇچرىغاننىڭ ئالدىنى كوچىدىلا تورايسەن،
رېستۇرانغا سۆرەيسەن،چۆنتىكىنى سورايسەن،
قۇچىقىغا تاشلىنىپ«ۋاي جېنىم»دەپ توۋلايسەن،
تىللىرىڭنى چىقىرىپ ئەمەس يەرنى شورايسەن،
رەسۋالىقىڭ دۆلىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى.
ئېلىپ كەلدىڭ خىروئىن، ئەيدىز ئاتلىق ۋابانى،
نامىمىزنى سېسىتتىڭ،بۇلغىۋەتتىڭ ھاۋانى،
مىڭ بىر تەشۋىش ئويۇمدا، بۇلغارسەنمۇ دۇنيانى؟
بەندىلەرنىڭ ئالدىدا تەڭقىس قىلدىڭ خۇدانى،
تۈگىشەرمۇ مىللىتىڭ، ئايرىمخانا قىزلىرى؟؟؟
مەنبە: http://sheriyet.com/ |