- توردا
- 677 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-26
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 4747
- تىللا
- 2561
- تۆھپە
- 2916
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 16003
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1032
- تېما
- 447
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2916
- تىللا
- 2561
- شۆھرەت
- 4747
|
ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل
ئەل ئىچى ئويۇنلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل بولۇپ، چوڭ جەھەتتىن بالىلار ئويۇنلىرى ۋە چوڭلار ئويۇنلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، مەزمۇن جەھەتتىن كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئويۇنلار ۋە مۇسابىقە تۈرىدىكى ئويۇنلارغا ئايرىلىدۇ. مۇسابىقە تۈرىدىكى ئويۇنلاردا كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورگانىك بىرىككەن بولىدۇ. مۇسابىقە تۈرىدىكى ئويۇنلارنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ئۆز ئارا ئوينالغاندىن سىرت، مەسەللە بىلەن مەسەللە، كەنتلەر بىلەن كەنتلەر، يېزىلار بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بۇ خىل مۇسابىقە تۈرىنىڭ بىرى گاگا- چۇك بولۇپ، بەزى رايۇنلاردا يەنە «ۋالەي»، «ۋەللەي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گاگا- چۇك – بۇ ئويۇندىكى ئاساسلىق قورال بولۇپ، گاگا – 50~70 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كەتمەن دەستىسى توملۇقىدىكى كالتەكنى كۆرسىتىدۇ. يۇلغۇن ياغىچىدا ياسالغىنى گاگانىڭ ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇق، ئەپچىل كالتەكنى ياخشى سىلىقلاپ، توم ئۇچىدىن 2~3 سانتىمېتىر بوشلۇق قويۇپ قىناپ، قىناقنىڭ ئۈستىنى 5~8 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا يۇناپ تۈزلەپ، چۇكنى ئىلىشكە قولايلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ. چۇك – باش بارماق توملۇقىدىكى قۇرۇق يۇلغۇن ياغىچىنى 20~25 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ، ئىككى ئۇچىنى ئۇچلاپ ياسىلىدۇ. گاگا- چۇك ئويناشقا بىر مودىن يوقۇرى تۈزلەڭ ئوچۇقچىلىق بولسا كۇپايە. مەيداننىڭ بىر تەرىپىدىن مۇۋاپىق بوشلۇق قويۇپ، ئوتتۇرا قىسمىغا ئۇزۇنچاق كىچىك كاتەك كولىنىدۇ. بۇ «ئوردا» دەپ ئاتىلىدۇ. چوكنى ئوردىنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇپ، گاگانىڭ ئۇچىنى ئوردا ئىچىگە سېلىپ، چوكنى ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
بۇ ئويۇننى ئىككى ئادەم ئوينىسىمۇ، كۆپ ئادەم ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. ئويۇن قائىدىسى: چۇك ئۇرۇش نۆۋەت بىلەن بولىدۇ. چۇك ئۇرغۇچى چۇكنى ئۇرۇپ بولۇپ، گاگانى ئوردىنىڭ كەينىگە بويلىتىپ قويۇپ قويىدۇ. قارشى تەرەپ چۇك ئورۇلىدىغان تەرەپتە ساقلاپ تۇرىدۇ، چۇك ئۇرۇلغاندىن كېيىن، چۇك يەرگە چۈشۈپ بولغۇچە چۇكنى تۇتىۋالسا ئۇتقان بولۇپ، چۇك ئۇرۇش نۆۋىتىنى ئالىدۇ، تۇتالمىسا، چۇك چۈشكەن يەردە تۇرۇپ، چۇكنى ئوردىغا قارىتىپ ئاتىدۇ، چۇك ئوردىغا چۈشسە، ياكى گاگاغا تەگسە، ئۇتقان بولۇپ، چۇك ئۇرۇش نۆۋىتىنى ئالىدۇ، ئوردىغا چۈشۈرەلمىسە ياكى گاگاغا تەككۈزەلمىسە، چۇك ئۇرغۇچى چۇكنى توختىغان يىرىدە تۇرغۇزۇپ بىر بېشىغا گاگا بىلەن ئۇرۇپ قاڭقىتىپ، يەرگە چۈشۈپ بولغۇچە يەنە ئۇرۇپ، چۇكنى ئوردىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بۇ «چاقلاش» دەپ ئاتىلىدۇ. چاقلاش 3 قېتىم بولىدۇ. ئاخىرقى قېتىم چۇك چۈشكەن يەر بىلەن ئوردا ئارىلىقى قەدەملىنىدۇ. مۇسابىقىدىن بۇرۇن قەدەم سانى بىكىتىلىدۇ، ئادەتتە 10 قەدەمدىن 100 قەدەمگىچە بولىدۇ. چۇك بىلەن ئوردا ئارىلىقى بۇ شەرتكە توشسا، دەرىجە ئۆستۈرۈپ چۇك ئۇرىدۇ، شەرتكە توشمىسا، شۇ دەرىجىدە قايتا ئورۇپ، كېيىنكى ئارىلىقنى ئالدىنقى ئارىلىققا قوشۇپ ھېساپلاپ، قەدەم سانى توشقۇچە شۇ دەرىجىدە داۋاملاشتۇرىدۇ.
مۇسابىقە چۇك ئۇرۇش شەكلىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بويىچە يوقۇرى ئۆرلەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. دەرىجە تۈرلىرى ۋە ئۇسۇلى مۇنداق:
1. ئىلىپ: بۇ چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
2. دوك: بۇ چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن گاگانى يەرگە بىرنى ئۇرىۋېتىپ، ئاندىن چۇكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
3. قوش دوك: بۇ چۇكنى ئوردىدىن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن گاگانى يەرگە ئىككىنى ئۇرىۋېتىپ، ئاندىن چۇكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
4. كالتە كۈسەي: بۇ گاگانىڭ تۇتىدىغان ئۇچىدىن ئازىراق ئۇچ چىقىرىپ، چوكا تۇتقاندەك تۇتۇپ، شۇ ئۇچ بىلەن چۇكنى ئوردىدىن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن گاگانىڭ يەنە بىر ئۇچى بىلەن چۇكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
5. ئوڭ چات: بۇ ئوڭ پۇتنى ئالدىغا ئېلىپ، گاگانى كەينى تەرەپتىن چات ئارىلىقىدىن چىقىرىپ، چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن گاگانى چاتتىن ئېلىپ چوكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
6. چاپ چات: بۇ سول پۇتنى ئالدىغا ئېلىپ، گاگانى ئالدى تەرەپتىن چات ئارىلىقىدىن چىقىرىپ، چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن گاگانى چاتتىن ئېلىپ چوكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
7. ئوڭ توڭكاي: بۇ چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن ئوڭ پۇتنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، گاگانى ئوڭ پۇت ئاستىدىن چۆرۈش ئارقىلىق چۇكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
8. سول توڭكاي: بۇ چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن سول پۇتنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، گاگانى سول پۇت ئاستىدىن چۆرۈش ئارقىلىق چۇكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
9. ئالقان: بۇ چۇكنى سول قول ئالىقاندا توغرىسىغا قويۇپ ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
10. دۈمبە: بۇ چۇكنى سول قول دۈمبىسىدە توغرىسىغا قويۇپ ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
11. مۇش: بۇ چۇكنى سول قول مۇشتۇمىسى ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇپ ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
12. چوڭ تىماق: بۇ چۇكنى سول قول باش بارماق تىرنىقى ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇپ ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
13. ئۇششاق تىماق: بۇ چۇكنى سول قول تۆت بارماق تىرناقلىرى ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇپ ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
14. قاڭشا: بۇ چۇكنى قاڭشادا توغرىسىغا قويۇپ، باشنى سىلكىش ئارقىلىق ھاۋاغا ئېتىپ، گاگا بىلەن ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
15. ئاقا: بۇ ئوردىغا كەينىنى قىلىپ زوڭزىيىپ، گاگانى كەينى تەرەپتىن ئۆتكۈزۈپ، چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ.
16. چۆگلەپ: بۇ چۇكنى ئوردىدىن گاگا بىلەن ئىلىپ ھاۋادا لەيلىتىپ، ئاندىن بىر چۆرگىلىۋېتىپ، چوكنى ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوينىلىدۇ. بۇ تۈرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەك يوقۇرى بولغاچقا، «چۆگلەپ چىچا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
قايسى تەرەپ يۇقارقى ئۆتكەللەردىن تولۇق ئۆتۈپ بولسا، شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ. چۇك ئۇرغۇچى چۇكنى لەيلىتىپ بولۇپ ئۇرالمىسا، چۇكنى چاقلاپ ئوردىدىن بىر قەدەم يىراقلىققا ئاپىرالمىسا، چۇك ئۇرۇش نۆۋىتىنى ئۇتتۇرغان بولىدۇ. گۇرۇپپىلار بويىچە مۇسابىقىلەشكەندە، ئالدىنقى ماھىر چۇك ئۇرۇش نۆچىتىنى ئۇتتۇرۇپ قويسا، كېيىنكى ماھىر نۆۋەت ئېلىپ، كەلگەن دەرىجىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر ئەترەتنىڭ ھەممە ئەزاسى بىر نۆۋەتتىن چۇك ئۇرۇش نۆۋىتىنى ئۇتتۇرۇپ بولغاندا، چۇك ئۇرۇش نۆۋىتى يەنە بىر ئەترەتكە كېلىدۇ. بىر ئەترەت قارشى ئەترەتتىن چۇك ئۇرۇش نۆۋىتىنى ئۇتقاندا، چۇك ئۇرۇشنى ئۆزلىرى توختىغان دەرىجىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىدۇ.
بىر تەرەپ تولۇق يىڭىپ بولغاندا، قارشى تەرەپنى جازالايدۇ. ئەڭ ئاددى ۋە ئادەتتىكى جازا ئۇسۇلى «ۋالەي قىچقىرتىش» بولۇپ، ئۇتقان تەرەپ بىرىنچى ئۆتكەلدىكى ئۇسۇل بويىچە چۇك ئۇرىدۇ. چۇك چۈشكەن يەردىن قارشى تەرەپنىڭ بىر قۇلىقىدىن تۇتۇپ، يۈگۈرتۈپ ئوردىغىچە ئېلىپ كېلىدۇ. يىڭىلگەن تەرەپ توختىماي «ۋالەي، ۋالەي، ۋالەي…» دەپ ۋارقىراپ يۈگرەيدۇ.گۇرۇپپىلار بويىچە ئوينىغاندا، ئۇتقان تەرەپنىڭ ھەر بىر ماھىرى قارشى تەرەپنىڭ بىردىن ماھىرىنى يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە ۋالەي قىچقىرتىدۇ.
گاگا- چۇك مۇسابىقىسى توغرىسىدا ئېنىق تارىخى مەلۇمات يوق. لېكىن ئۇ ھازىرقى زاماندىكى خەلقارالىق كالتەك توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى بولۇپ، توپنىڭ ئورنىغا چۇك ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن 20 يىللار مۇقەددەم ياشلار ۋە بالىلار ئارىسىدا بۇ پائالىيەت كۈندە دىگۈدەك ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ ناھايىتى ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە دەل ئۇرۇش ماھارتىنى يىتىلدۈرۈش پائالىيىتى ئىدى. ھازىرغا كەلگەندە بۇ پائالىيەت ئىستىمالدىن قالدى، ياشلار ۋە بالىلار بۇ مۇسابىقە تۈرىنى بىلمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇ جىددى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا، تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراستۇر.
(ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىدا)
|
|