- توردا
- 677 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-26
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 4747
- تىللا
- 2561
- تۆھپە
- 2916
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 16003
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1032
- تېما
- 447
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2916
- تىللا
- 2561
- شۆھرەت
- 4747
|
كۈلۈمسىرەش شىپالىق دورا
كۈلۈمسىرەش ئاجايىپ جەلىپكارلىققا ئىگە. ئۇ كىشىگە خۇشاللىق، كۆڭۈل ئازادىلىكى ئاتا قىلالايدۇ. چىن قەلبتىن كۈلۈمسىرەش كىشى كۆڭلىنى ئىللىتىپ، دىل ئازارىدىن قاتقان ‹‹توڭ›› لارنى ئېرىتىۋېتەلەيدۇ. ئېنىقكى، كۈلۈمسىرەش سەمىمىي بولۇشى كېرەك. ئۇ ساختا بولۇپ قالسا، باشقىلارغا يېقىملىق تۇيغۇ بېرىش تۈگۈل ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدۇ. ئېھتىمال، بەزىلەر ھەمىشە كۈلۈپلا يۈرگىلى، كۈلۈمسىرەش بىلەن ھەممە ئىشنى ھەل قىلغىلى بولاتتىمۇ؟ دېيىشى مۇمكىن. كۈلۈمسىرەشنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ. كۈلۈمسىرەش تۇرمۇشىمىزدىكى ئاددىي ئىش بولسىمۇ، گېزى كەلگەندە بىر قېتىملىق كۈلۈمسىرەشنىڭ جىددىيلەشكەن نېرىپلارنى پەسەيتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا زور ياردىمى بولىدۇ.
ئادەم جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن تارتىپلا كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە خىلمۇ - خىل بېسىملاردىن خالىي بولالمايدۇ. ھاياتلىقتا كىممۇ ئۆزىنى ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىمايمەن دېيەلىسۇن؟ شۇنداق ئىكەن، ئادەمنىڭ بېشىغا قانداق ئىش كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، كۆڭلى – كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، مەسىلىلەرگە سوغۇق قانلىق بىلەن توغرا مۇئامىلە قىلالىسىلا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھاياتقا چىن دىلىدىن كۈلۈمسىرەپ بېقىشنى بىلەلىسىلا، ئۆزىنىمۇ قىينىماي، باشقىلارنىمۇ تەڭقىسلىقتا قويماي، ئازادە مۇھىتتا كۈنلىرىنى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزەلەيدۇ. ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئاسارىتىدىن قۇتۇلالىغان ئادەمنىڭ كەلگۈسى پارلاق، تۇرمۇشى مەنىلىك ئۆتىدۇ.
تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى، تۇرمۇشتا خۇشال – خۇرام ئۆتۈشنى ئويلىسىڭىز ھەر ۋاقىت كۈلۈمسىرەشتىن ئىبارەت شىپالىق ‹‹دورا›› نى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىڭ!
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى |
|