ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 160|ئىنكاس: 0

ئامېرىكا فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىFBIھەققىدە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2916
تىللا
2561
شۆھرەت
4747

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 22:38:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىFBI

ئېف بى ئەي  يالغۇز ئىدارە نامى بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە، فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىدىغان ئەقىدىسى يەنى ساداقەت ، جاسارەت، مۇكەممەل،دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئامېرىكا فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى-ئامېرىكا ئەدلىيە مېنىستىرلىكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تەكشۈرۈش ئورگىنى ، مەسئۇلىيىتى بولسا كونكرېت جىنايەت ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەنە ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە باشقا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇ ئورگانلارنى بارماق ئىزىنى تونۇش،تەجرىبىخانىدا ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە ساقچى قىسمىنى تەربىيىلەش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەدلىيە مېنىستېرى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن ئامېرىكىغا قارشى بارلىق جىنايەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ. خىزمەت ۋەزىپىسى بولسا ئامررىكىنى باركۈچى قوغداپ ، دۆلەت سىرتىدىن كېلىدىغان ھەرخىل ئاخباراتلارنى تەكشۈرۈش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش . فىدىراتسىيە ، شتات ۋە ھەرقايسى يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارغا يادەم بېرىش ۋە ئامررىكا ئاساسىي قانۇنىنى بەرگەن تولۇق ھوقۇققا ئاساسەن دۆلەت خەپسىزلىكىنى قوغداش ۋە تەشكىلات تۈسىنى ئالغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاكتىپ ھالدا ئامېرىكا ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە ماسلىشىپ بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ، دۆلەت خەۋپىسزلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھەرقانداق خەپكە ۋە ھەربىي ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇش. فبى بارلىق ئامېرىكىلىقنىڭ كۆڭلىدە زورلۇق ۋاسىتىلەرگە زەربە بېرىشتىكى ئەڭ جەڭگىۋار قىسىم بولۇپ ساقچى قىسىمىدىن باشقا يەنە ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن 11000 نەپەر دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە خادىم خىزمەت قىلىدۇ .
19 -ئەسىردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دائىم پىنكەرتونس قاتارلىق شەخسىي رازۋېدكا شىركەتلىرىگە تايىنىپ،دىلولارنى پاش قىلاتتى بۇ ئەھۋال تاكى 1908 -يىلىغىچە داۋاملاشتى . كىيىن ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى يەرلەرنى قانۇنسىز سېتىش قىلمىشى ئەينى چاغدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭ شىلودىر روزۋېلىتنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى.زۇڭتۇڭ دەرھال ئەدلىيە مىنىستىرى چارۋېس بوناباغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،كىچىك تىپتىكى رازۋېدكا ئورگىنى تەسىس قىلدى ۋە كېيىنكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى. 1909-يىلى بۇ ئورگان رەسمىي ھالدا تەكشۈرۈش ئىدارىسى دەپ ئاتالدى . 1935-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىدارە نامى فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى دەپ ئۆزگەردى. فبىنىڭ جىنايەتنى پەن تېخنىكىلىق ئۇسۇلدا تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى، 1932-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا فبى سېسىق نامى پۇر كەتكەن بىر ئوچۇم بۇلاڭچىلىق قىلىش ، تۇتقۇن قىلىش ،ئادەم ئۆلتۈرۈشنى قىبلىنامە قىلغان،ئىرقىي كەمسىتىشنى تەرغىب قىلىدىغان گۇرۇھ 3ك، پارتىيىسىنى تامار قىلىشتا ئەڭ زور تۆھپە كۆرسەتتى.
20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 70-يىللىرىغىچە فبى ئامېرىكا تەۋەلىكىدە بىر تۇتاش جاسوسلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىللىرىدىكى 8نەپەر ناتسېست گىرمانىيىسىنىڭ جاسوسىنى قولغا ئالدى.
1950-يىلى فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدا تۇرغان،دۆلىتىمىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئالىمى چىيەن شۆسىننى قولغا ئالدى ۋە ئالاھىدە خادىم ئەۋەتىپ چىيەن شۆسىننىڭ تەتقىقات تەجرىبىخانىسى ۋە تۇرالغۇسىنى بۇزغۇنچىلىق تۈسۈنى ئالغان ھالدا ۋەيرەن قىلىۋەتتى.
فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىۋاسىتە ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ھەم پارلامىنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىدۇ . ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 10 يىل . تۇنجى نۆۋەتلىك ئىدارە باشلىقى خوف. ھازىر بۇ ئىدارىدە 20 مىڭدىن كۆپرەك خىزمەتچى بار ،بۇلارنىڭ ئىچىدە 8600 مىڭى تاشقى خادىم ، دۆلەت مالىيىسىدىن ھەريىلى فبى ئۈچۈن ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغ 2 مىليارد 300مىليون ئامېرىكا دوللىرى.
فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باش شتابى،ۋاشىنگتوننىڭ ئالاھىدە رايونى بولغان ج. ئەدگار ھووۋەر سارىيىغا جايلاشقان. بۇ ساراي 1974-يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. سىرتىدىن قارىغاندا ھەيۋەتلىك قورغانغا ئوخشايدۇ. باش شتابىنىڭ باشقۇرۇشىدا 10 ياردەمچى ئىدارە باشلىقى رەھبەرلىك بەنزىسى بار بولۇپ ئۇلار تۈرلەرگە ئايرىپ ئانالىز قىلىپ بېكىتىش، مەشىقلەندۈرۈش، جىنايى ئىشلار رازۋىتكىسى، تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. فبى پۈتۈن دۆلەتتىكى 59 شەھەرگە خىزمەت ئىدارىسى تەسىس قىلغان بولۇپ بۇ ئىدارىلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا يەنە 400 ئورۇندا يەرلىك ئىش بېجىرىش شۆبە ئىدارىسى بار . فبى يەنە 22 دۆلەتتە ئىش بېجىرىش ئورگىنى تەسىس قىلغان بولۇپ بۇلار باش شتاب تاپشۇرغان بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ.
فبىنىڭ يەنەئئەدىلىيە ئۇچۇر مۇلازىمەت بۆلىمى’’،’’جىنايى ئىشلار ئىلمىي تەجرىبىخانىسى’’،’’مەركىزىي بارماق ئىزى ئارخىپ سارىيى’’،’’تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش مەخسۇس ئەترىتىئۋەئمەخسۇس دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە خادىم تەربىيىلەش ئىنستىتۇتى’’ قاتارلىق قۇرۇلمىلىرى بار . ئالاھىدە خادىم تەربىيىلەش ئىنستىتۇتى، فورجىنىيە رايونى دېككىي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش بازىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئالاھىدە خادىم ۋە جاسوس تەربىيىلەش بازىسىنى 358 مو كېلىدىغان قويۇق ئورمان پۈتۈنلەي ئوراپ تۇرىدۇ . ھەتتا ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپمۇ بۇ يەرنى پەرق ئەتمەك ئىنتايىن تەس. ئالاھىدە خادىم تەربىيىلەش ئىنستىتۇتى رايونىدا 3 كورپۇس ياتاق بىناسى، بىر ئاشخانا ، بىر ئوقۇتۇش بىناسى، بىر قانۇن دوختۇرلۇق تەتقىقات مەركىزى،1000 كىشىلىك چوڭ زال، بىر چېركاۋ، بىر چوڭ تىپتىكى چېنىقىش سارىيى ، تاشقى يۈگۈرۈش يولى ۋە پۈتۈن ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان ماشىنا رېمونت قىلىش مەركىزى بار . ئۇنىڭ باشقا تەربىيىلەش ئىنستىتۇتى ئىچىدە بىر تەقلىدى شەھەر بەرپا قىلىنغان بولۇپ بۇ زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئەترىتىدىكى خادىملارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرىدىغان مەشىق ئورنى.يەنە زال ئىچى قارىغا ئېتىش مەيدانى، 8 زال سىرتى قارىغا ئېتىش مەيدانى 4ئۇچار تەخسە ئېتىش مەيدانى ۋە 200مېتىر دائىرىدىن بۆسۈپ قارىغا ئېتىش مەيدانى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.
1 . چوىنتەلپرو ھەركىتى-بۇ قېتىملىق ھەرىكەت ئاساسلىقى ئامېرىكا سىياسىي تۈزۈلمىسىگە باشقىچە پىكىردە بولغان تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار ئىچىدە ھەربىي ئىشلار تەشكىلاتلىرى ، تېنىچلىقپەرۋەر تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولۇپ فبى تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە قارشى چىققانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىگەن ۋە خەلق ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان.
2 . چارلىز چاپلىننى قوغلاش ھەرىكىتى- فبى دۇنياغا داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى چارلىز چاپلىننى قوغلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. 1922-يىلى فبىنىڭ بىر ئالاھىدە خادىمى چارلىز چاپلىننىڭ كىنو شىركىتىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ،چارلىز چاپلىننىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن. كېيىن ئىدارە باشلىقىغا دوكلات قىلىپ كىنو شىركىتىنىڭ ‘‘بولشىۋىكلارنى مەدھىيلايدىغانئمەزمۇندىكى كىنولار ئارقىلىق تاماششىبىنلاردىن كۈچ توپلاپ’’ ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە ئىنقىلاب تەربىيە تەشۋىقاتى توغرىسىدىكى كىنولارئتوغرىسىدا بەس مۇنازىرە پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا دېگەن. ئەينى چاغدىكى فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بورئېنس دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن ،كىيىن دەرھال قول ئاستىدىكىلەرگە كىنوغا ئائىت بارلىق ئارخىپلارنى يىغىپ كېلىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن . بولۇپمۇ ‘‘كىنو ئارقىلىق قانداق قىلىپ كوممۇنىزمنى تەشۋىق قىلىش ‘‘توغرىسىدىكى كىنولار بولۇپ ،بۇ كىنولار خەلقنىڭ ئىدىيىسىنى بۇرمىلاپ قالماسلىق ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلغان.
3 . ئېينىشتىيىننى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى- فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئېينىشتىيىننى تەكشۈرۈشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن باشلانغان بولۇپ، ئېينىشتىيننىڭ كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى قوللىشى، خەلق دېموكراتىك ھەرىكىتى،ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلاتلار ۋەبىر قىسىم سوتسىيالىزمنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى قوللىشى فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئۇلۇغ ئەرباپنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ھالدا،ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشى خەلقنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىغان. فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېينىشتىيىننى چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن بىر جىنايەت ئارخىپى تەييارلىغان. 1424 بەت كېلىدىغان بۇ ئارخىپتا ئېينىشتىيىن ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بارلىق تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى بار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-27 22:41  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 13:33 , Processed in 0.219671 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش