ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 160|ئىنكاس: 2

مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى CIAھەققىدە چۈشەنچە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2916
تىللا
2561
شۆھرەت
4747

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 22:32:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى CIA

     ئۇ ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ ئاخبارات،جاسوسلۇق ۋە جاسوسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى . ئاساسلىق خىزمىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ سىياسىي،ئىقتىساد،مەدەنىيەت،ھەربىي ئىشلار،پەن تېخنىكا توغرىسىدىكى ئاخباراتلارنى توپلاش ۋە ئانالىز قىلىش ، ئامىرىكا دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھەركىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ھۆكىمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا دوكلات قىلىشتىن ئىبارەت . CIA يەنە ئامىرىكىنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قوغدايدۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە باشقا دۆلەت ھۆكىمەتلىرىنى ئۆرىۋىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغان. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى يەنە بىرقىسىم ئامىرىكىغا پايدىلىق بولغان ھەركەتلەرنى قوللىغان ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن .مەسىلەن ،ئىلگىرى1949-يىلىدىن 1970-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ‹ ئۈچ خىل كۈچ › نى قوللىغان ۋە يادەم بەرگەن.
كۆپلىگەن خەۋەرلەرگە ۋە بىر قىسىم مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇھىم شەخىسلىرىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئامىرىكىغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە بولغان بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرىگە قارىتا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەركەتلىرىنى پىلانلىغان ۋە تەشكىللىگەن. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئاخبارات خىزمىتى ئارقىلىق ئامىرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە دۆلەت خەپسىزلىكىنى قوغداش.


CIA چۈشەنچىسى
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئامىرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئاپپاراتى. ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاشكارە ۋە مەخپىي ھالدا دۆلەت سىرتىدىكى ھۆكىمەت ، خەلقئارالىق شىركەت ۋە شەخىسلەر توغرىسىدىكى سىياسىي ، ھەربىي،ئىقتىساد ، مەدەنىيەت،ئىلىم-پەن توغرىسىدىكى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە تەھلىل قىلىش. CIA كۆپ قېتىم ئامىرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقا دۆلەت ھۆكىمەتلىرى ۋە رەھبەرلىرىنى قەستلەش ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ئامىرىكىلىقلارنىڭ كۆڭلىدە مەخسۇس قەستلەش ھەركىتى ئېلىپ بارىدىغان ئورگاننىڭ تەسىرىنى بېرىپ قويغان . مەسىلەن نۇرغۇن قېتىم كۇبا رەھبىرى كاستىرونى قەستلەش ھەركىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن،لېكىن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كاسترونى قەستلەش قىلمىشىنى تا ھازىرغىچە ئىنكار قىلىپ كەلدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئورنى ۋە ئىقتىدارى ئەنگىلىيەنىڭ ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسى ، ئىسرائىلىيىنىڭ < مۇساد > ئاخبارات مەركىزىگە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ كۈچلۈك جاسوسلۇق ئاپپاراتىغا ئايلاندى.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە پائالىيەت نۇقتىلىرى مۇتلەق مەخپىي بولغاچقا ھېچقانداق ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتنى قوبۇل قىلمايدۇ . CIA بۇ جەھەتتە FBI بىلەن ئوخشاشمايدۇ .


CIA نىڭ تارىخى
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئەڭ بۇرۇن ئامىرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە زوڭتۇڭ جورجى ۋاشىنگىتون ھەرخىل توپىلاڭلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان بولۇپ ئەينى چاغدىكى نامى < ئامىرىكا ئاخبارات تەشكىلاتى ئىستىراتىگىيە مۇلازىمەت ئىدارىسى> بولۇپ 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بۇ تەشكىلات تارقىتىۋىتىلدى. كىيىن زوڭتۇڭ تىرومىن ھۆكىمەت ئاخباراتلىرىنىڭ ۋە دوكلاتلىرىنىڭ تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن تەشۋىشكە چۈشۈپنى قۇرۇپ چىقتى ۋە بۇ ئورگان ئارقىلىق يۇقارقى دۆلەت ئاخباراتلىرىنى تەرتىپكە كىرگۈزدى ۋە ماسلاشتۇردى .1947-يىلى ئامىرىكا ئاخبارات ئىدارىسى ئىجرا ئورگىنى رەسمىي ھالدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بولۇپ قۇرۇلدى ۋە ئامىرىكا زوڭتۇڭى ئىجرا ئىشخانىسىغا بىۋاستە قارايدىغان ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئاپپاراتقا ئايلاندى . باش شىتابى فورجىنىيە شىتاتىنىڭ رانلى شەھىرىگە جايلاشقان . ۋاشىنگىتون رايونىغىمۇ نۇرغۇن ئىشخانا تەسىس قىلغان بولۇپ 20مىڭ خىزمەتچى ئشلەيدۇ. دۆلەت مالىيىسىدىن ھەريىلى CIA ئۈچۈن 8 مىليارد ئامىرىكا دوللىرى ئاجرىتىلىدۇ .
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەنە مەركەز ئاخبارات مۇدىرى .ئۇ ئامىرىكىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى پائالىيەتلەرنى باشقۇرىدۇ. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تۆت ئاساسىي بۆلەككە بۆلىنىدۇ ،ھەربىر ئاساسىي بۆلەككە بىر مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەسئۇل بولىدۇ. يەنە ئىدارە باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىغا قاراشلىق ئالتە ئىشخانا بار . ئۇلار ،باش ئانالىز ئىشخانىسى، باش كۈزۈتۈش ئىشخانىسى،باراۋەر خىزمەت پۇرسىتى ئىشخانىسى، خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسى، سىياسەت بەلگىلەش ئىشخانىسى ۋە پىلان ئىشخانىسى . تۆت ئاساسىي بۆلىكى مۇنۇلاردىن تەركىپ تاپقان ، قوماندانلىق باشقارمىسى، ھەركەت باشقارمىسى، تېخنىكا باشقارمىسى، ئاخبارات باشقارمىسى . قوماندانلىق باشقارمىسىنىڭ قارمىقىدا ئالاقە ، ئارقا ساپ، بىخەتەرلىك، داۋالاش مۇلازىمىتى، مەشىقلەندۈرۈش،تەربىيلەش، سانلىق بىرتەرەپ قىلىش مەركىزى قاتارلىقلار بار .
ھەركەت باشقارمىسىنىڭ قارمىقىدا ئاخباراتقا قارشى تۇرۇش، دۆلەت سىرتى ئاخباراتى، يوشۇرۇن ھەركەت، مەركىزىي قوغداش بۆلىمى، تەھلىل قىلىش ،پىلانلاش ۋە لاھىيلەش بۆلىمى قاتارلىقلار بار ،جەمئىي 6000 خىزمەتچى ئىشلەيدۇ. ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ قارمىقىدا،باشقۇرۇش ۋە تەھلىل قىلىش، قورال كونترول ئاخباراتى، ئىھتىياج بۆلىمى، بەش يەرلىك ئىشخانا ۋە بەش تېخنىكىلىق ئىشخانا ۋە بىر مۇستەقىل مەركەز بار . تېخنىكا باشقارمىسى 1962-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ بارلىق تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلارغا مەسئۇل.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاخبارات ئۇچۇر تورىنى ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشتۇرغان بولۇپ ،پۈتۈن يەرشارىدا ئوغۇرلىقچە ئاڭلاش ئىستانسىلىرىنى تەسىس قىلغان ، يەنە ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئىلىكتىر ماگنىت ئەسلىھەلىرى،مەخسۇس ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى، ئالەملىك سۈنئىي ھەمرائىي،كۆپەيتىش مەركىزىي، تەربىيلەش مەركىزىي ۋە ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش قىسمى تەربىيلەيدىغان بازىسى بار بولۇپ، كىشىنى تەشۋىشكە سالىدىغان كۆپلىگەن جاسوس، ئالاھىدە خادىم ۋە ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تېخنىكىلىق خادىملار بار.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئامىرىكا دۆلەت خەپسىزلىك كومىتىتىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىگە بوي سۇنىدۇ ھەم ئامىرىكا زوڭتۇڭى ۋە پارلامىنتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاخبارات مەسلىھەتچىسى بولىدۇ .


مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ پەرقى
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئامىرىكا دۆلەت خەپسىزلىك كومىتىتىنىڭ بىۋاستە قارايدۇ. ئاساسلىق خىزمىتى بولسا پۈتۈن دۇنيانىڭ سىياسىي،ئىقتىساد،مەدەنىيەت،ھەربىي ئىشلار،پەن تېخنىكا توغرىسىدىكى ئاخباراتلارنى توپلاش ۋە ئانالىز قىلىش ، ئامىرىكا دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھەركىتىنى ماسلاشتۇرۇش . فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بولسا ئامىرىكا ئەدىلىيە مېنىستىرلىكىگە بىۋاستە قارايدۇ .خىزمەت ۋەزىپىسى بولسا ئامىرىكىنى باركۈچى قوغداپ ، دۆلەت سىرتىدىن كېلىدىغان ھەرخىل ئاخباراتلارنى تەكشۈرۈش ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش . فىدىراتسىيە ، شىتات ۋە ھەرقايسى يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارغا يادەم بېرىش ۋە ئامىرىكا ئاساسىي قانۇنىنى بەرگەن تولۇق ھوقۇققا ئاساسەن دۆلەت خەپسىزلىكىنى قوغداش ۋە تەشكىلات تۈسىنى ئالغان تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت.

مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئامىرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدە ھىچقانداق ئادەمنى قولغا ئېلىش ھوقوقى بولمايدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-27 22:41  

turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2417
تىللا
2431
شۆھرەت
4508

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 22:46:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
CIAبىلەن FBIنىڭ پەرقى نىمە ؟   
turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2916
تىللا
2561
شۆھرەت
4747

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 22:49:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى ياخشى ئوقۇمىدىڭىزمۇ قانداق؟
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA)بىلەن فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ(FBI) پەرقى
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئامىرىكا دۆلەت خەپسىزلىك كومىتىتىنىڭ بىۋاستە قارايدۇ. ئاساسلىق خىزمىتى بولسا پۈتۈن دۇنيانىڭ سىياسىي،ئىقتىساد،مەدەنىيەت،ھەربىي ئىشلار،پەن تېخنىكا توغرىسىدىكى ئاخباراتلارنى توپلاش ۋە ئانالىز قىلىش ، ئامىرىكا دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھەركىتىنى ماسلاشتۇرۇش . فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بولسا ئامىرىكا ئەدىلىيە مېنىستىرلىكىگە بىۋاستە قارايدۇ .خىزمەت ۋەزىپىسى بولسا ئامىرىكىنى باركۈچى قوغداپ ، دۆلەت سىرتىدىن كېلىدىغان ھەرخىل ئاخباراتلارنى تەكشۈرۈش ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش . فىدىراتسىيە ، شىتات ۋە ھەرقايسى يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارغا يادەم بېرىش ۋە ئامىرىكا ئاساسىي قانۇنىنى بەرگەن تولۇق ھوقۇققا ئاساسەن دۆلەت خەپسىزلىكىنى قوغداش ۋە تەشكىلات تۈسىنى ئالغان تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 07:15 , Processed in 0.266410 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش