ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 121|ئىنكاس: 0

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2919
تىللا
2566
شۆھرەت
4751

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 22:30:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىمىزدائۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئىسسىق قان،ئەزىز جانلىرىدىن كەچكەن ئەجدادلىرىمىزتاھازىرقى ئەۋلاتلارغا قەدەر ئۆرنەك بولۇپ كەلمەكتە.بىز ئەڭ چۇڭقۇرمىھرى-مۇھەببەت،سۆيۇنۇش بىلەن تىلغا ئىلىۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمى بۇنىڭ دەل مىسالى.
    ئۇنىڭ ھەقىقى خەلق پەرزەنتى،كۆرەش ئوغلىغا خاس خىسلەت-پەزىلىتى بۇنىڭدىن بىرقانچە ئون يىل ئاۋۋال تەرىپلەپ يازغان يولداش ماۋزېدۇڭدىن تارتىپ ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ھەربىر پۇقراغىچە،يۈكسەك ئىشتىياق بىلەن تىلغا ئالىدۇ ۋە چەكسىزئىپتىخارلىق ھىسسياتى بىلەن ئەسلەيدۇ.
    شۇڭا ئۇ،بىر قانچە ئون يىل ئاۋۋال بىزنىڭ ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز كەتكەن بولسىمۇ،تىنىچ بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەردىمۇ ئوخشاشلا خەلقىنىڭ سۆيگۈ يۈكسەكلىكىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز بولۇپ پارلاپ كەلمەكتە.
    بۇگۇنكى كۇندە  ئىلى ۋادىسىدىكى گۇلىستان شەھەر غولجىنىڭ گۇزەل خەلق باغچىسىدا ۋەتەن تۇپرىقىدىكى ئۇلۇغ خەلق قەھرىمانلىرى قاتارىدا قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئىنقىلابى قۇربانلار خاتىرە مۇنارىسى تېخىمۇ كۆركەم تېخىمۇ يارقىن تۇسكە كىرىپ ،ھەر- بىر مۇھەببەتلىك قەلىبلەر تۆرىدىن ئورۇن ئىلىپ كەلمەكتە ھەم ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۆزىگەبارغانسىرى مەپتۇن قىلماقتا.ھەر قىتىم بۇ مۇنار ئالدىغا بارسىڭىز،كىشىلەرنىڭ ئۇنى چوڭقۇر سىغىنىش ئىچىدە يات ئىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.بۇيەرگە كەلگەن ئىكىسكۇرىسىيىچىلەر ھەر مىللەت ئىشچى -دىھقانلىرى.ھەربى ۋە چەتئەللىك مىھمانلاربولۇپ ئايىغى ئۇزۇلمەستىن زىيارەتتە بولۇشۇپ تۇرىدۇ.مانا بۇ ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىنقىلابى قۇربانلارغا بىلدۇرگەن چەكسىز ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەخمەتجان قاسىمى خەلىقنىڭ سۆيگۈسى ئىپتىخارىنىڭ نەمۇنىسى سۇپىتىدە ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ .



    ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بالىلىق دەۋرى


    ئەخمەتجان قاسىمى 1914-يىلى4-ئاينىڭ15-كۇنى ،غولجا شەھىرى دۆڭكۆۋرۇك مەھەللىسىدىكى نامرات بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ دادىسى نادىر ئاكا نامرات ياماقچى ئىدى .ئۇ ئەخمەتجاننىڭ ئاپىسى شەرۋانىخان بىلەن يىڭى ئۆي-ئوچاغلىق بولۇشقاندا ،غولجا شەھىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىلى ۋاڭ نىڭ مۇساپىر -كۆچمەنلىرى تۇرىدىغان ھوجۇرىنىڭ بىرىدە ئىجارە تولەپ ئولتۇرغان بولۇپ تۇرمۇش شارائىتى ئىچىنىشلىق ھالدا نامرات ئىدى .نادىر ئاكا ئۇچۇن ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ،ياماقچىلىق بىلەن چۇشكەن ئازغىنە پۇل بەدىلىگە ئۆي ئىجارىسى تولىمەك تولىمۇ قىيىنغا چۇشەتتى ،شۇڭا بۇ ئورۇندا ئۇزاق ئىجارە تولەپ ئولتۇرالماي توغرا كۆۋرۇكتىكى ئۆيگە كۆچۇپ كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئەخمەتجان دۇنياغا كىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن نادىر ئاكىنىڭ يۇكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ .ياماقچىلىقتىن تاپقان پولى ئۆي ئىجارىسىدىن ئاشمىغانلىقدىن ،تۇرمۇشتا يىرىم ئاچ ،يىرىم يالىڭاچ ئەھۋالغا چۇشۇپ قالىدۇ ،ئاخىرىدا غولجىدا تۇرمۇش كەچۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقىدىن 1920-يىلى كەچ كۇزدە ئائىلىسىنى كۆچۇرۇپ سۇيدۈڭ ناھىيىسىدە ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ ھىمايىسىدە سۇيدۇڭ بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ھەم ئۇ يەردىمۇ ياماقچىلىق ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
    ئائىلە نەسەبنامىسىدە ئاتىدىن بالىغا داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەلنەغمىچىلىك ئەخمەتجاننىڭ دادىسى نادىر ئاكىدىمۇ بار ئىدى .شۇڭا ئۇ،غۇربەتچىلىك باسقان ئائىلىسىدىن دۇتارنى كەم قىلماي ساز چىلىپ ،ناخشا ئىيتىشنى مۇشكۇل كۇنلەردىمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ ،پۇتكۇل قايغۇ- ھەسرىتىنى ناخشا ئېيتىپ دۇتار چىلىپ ،يەڭگىللىتىشكە ئادەتلەنگەن نادىر ئاكىنىڭ خەلق ئىچىدە <ناخشا ئىيتىشقا ماھىر سازچى> دىگەن نامى بار ئىدى ،سۇيدۇڭگە بارغاندىن كىيىن ئۇ يەردە ،ئۇ قاتناشمىغا ن ئەل نەغمە ،مەشرەپلەر قىزىمايدىغا دەرىجىگە يىتىدۇ ،سۇيدۇڭ جامائەتچىلىكى ئۇنى شۇ قەدەر ئەزىز لەيدۇكى ،سۇيدۇڭدىكى سۇرۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى ئىغىزدىن چۇشۇر مەي تەرىپلىشىدۇ ،شۇ چاغلاردا سۇيدۇڭدە شەھەر بايۋەتچىسى <قاسىم كومشا> دېگەن بىر لۇكچەك بار ئىدى .ئۇ مەشرەپلەرگە، جامائەت سورۇنلىرىغا مۇشتۇم زورلۇق بىلەن ئىگىدارچىلىق قىلىۋالغان بولۇپ نادىر ئاكا ئۆزى ياۋاش ،لىكىن ئۆتكۇر سۆزلۇك ،خۇش چاقچاق ،ناھەق ئىشلارغا چىدىمايدىغان ئادەم بولغانلىقى ئۇچۇن ،ھىلىقى كومشانىڭ يامان ئىللىتىنى ھەزىل قىلىپ قويۇپ ،ئۇنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويىدۇ ،بۇ كومشانىڭ يەنە بىر خۇيى ئىنتايىن گۇمانخور بولغانلىقتىن،بىر بەزمىدە ئۆزىنىڭ ئوسال بولۇپ قالغانلىقىنى دەستەك قىلىپ ،نادىر ئاكىنى قەسلەپ ئۆلتۇرگۇزىۋىتىدۇ .ئارقىدىنلا ئەخمەتجاننىڭ ھەدىسى جەننەت ئىغىر كىسەل بولۇپ يىتىملىكتە داۋالىنىش مۆمكىن بولماي تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ .بۇ ئىغىر مۇسىبەت ئەمدى ئالتە ياشتىن يەتە ياشقا قاراپ ماڭغان ئەخمەتجاننى،ئۇنىڭ ئاپىسى شەرۋانىخانىنى ئىغىر مۇساپىرلىق كوچىسىغا سۆرەپ كىرىدۇ،ئۇلار تارتقان ئازاپ،غۇربەتچىلىك دەردى ئەخمەتجاننىڭ چوڭ دادىسى (شەرۋانىخاننىڭ ئاپىسىنىڭ ئاكىسى)چىلپەڭزىلىك كېۋىر ئاكىنىڭ قۇلىقىغا يىتىدۇ -دە،ئاز ئۆتمەي ھەر ئىككىلىسىنى ئۆز ئائىلىسىگە يۆتكەپ ئەكىتىدۇ ،بۇ ئائىلىدى تۇرۇشلۇق كەمبەغەل چارۋىچى قىدىر(قازاق)يەتتە ياشلىق ئەخمەتجاننى ئۆز ئوغلى بىلەن (مەكتەپ ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق جايدىن يىراق بولغانلىقى ئۇچۇن)ئەتىگەن ئاپىرىپ،كەچلىكى ئۆزى ئەكىلىپ يۇرۇپ ئوقۇتۇشقا قارىشىدۇ،ئۇنىڭ بەدىلىگە ئەخمەتجاننىڭ ئاپىسى ئاكىسىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ .كېۋىر ئاكا ئەخمەتجاننىڭ ئوقۇشدىكى تىرىشچانلىغىنى سېزىپ قالىدۇھەم ئۇزۇلدۇرمەي ئوقۇتىدۇ،زەرۋانىخان ئانىنىڭمۇ ئوغلىنىڭ بىرىلىپ ئوقۇغىنىغا مەسلىكى كىلىدۇ ،شۇڭا ھارغان-ئاچقىنىغا قارىماي ،ئوغلىنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۇچۇن ،باشقىلارنىڭ ئىشىكىدە كىر-قات يۇيۇپ،نان يىقىپ،ئىشىنغان پۇل پىچەكلەرنى ئەخمەتجانغا خىراجەت قىلىپ بىرىدۇ ،
    ئەخمەتجان باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرىدۇ ،ئۇنىڭ ئۆتكۇر ئەقىللىق بالا بولۇپ ئۆسۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان كېۋىر ئاكا ئۇنىڭغا تىخىمۇ چۇڭقۇر مىھرىۋانلىق قىلىدۇ ۋە ئامراقلىقى كۇنسىرى ئاشىدۇ.شۇڭا ئۇ ئەخمەتجاننى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئوقۇتۇش قارارىغا كىلىدۇ ، كۇنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن شەرۋانىخان ئانىنى كىسەل چىرماپ ،تۇرۇپ- تۇرۇپلا ئىسىدىن كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ ،بۇنداق چاغلاردا ئەخمەتجان ئاپىسىنىڭ قىشىدىن نېرى بولمايدۇ ،تۇللۇق ۋە يىتىملىك ئانا-بالىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۋىتىدۇ.ئەخمەتجان كىچىك بولسىمۇ ئەينى چاغدا ئاپىسىنىڭ ئېيتىپ بەرگەن سەزگۈزەشتىلىرىنى ،تاتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ئەسلەپ ،ياش قەلبىنىڭ قانچىلىك دەھشەتتە ئازاپلىنىۋاتقانلىقىغا قارىماي ،ئاپىسىنىڭ ئېتقىنى بويىچە ئوقۇشتىن قىلچە باش تارتماي ئۇگىنىدۇ ،زادىلا سۇسلىشىپ قالمايدۇ ،كېيىن يۇقىرىراق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش تۇرتكىسىدە ئەمىلي كىتاب ئوقۇش مەشخۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ،نەتىجىدە بۇنى كۆرگەن كېۋىر ئاكىنىڭ ئەخمەتجاننى <باشقا چوڭ شەھەرلەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتسام > دەيدىغان ئىشتىياقى قوزغىلىدۇ.
     ( بىلىم ئىلىش يولىدا )1926- يىلى سۆۋىت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كىتىپ ،يەركەنىت دېگەن شەھەردە تۇرۇپ قالغان تاغىسى (تەرەققى پەرۋەر)ئۆمەر قاسىم تىجارەت بىلەن ئۆز ئاكىسى كېۋىر نىڭ ئائىلىسىگە كىلىپ قالىدۇ .ئۇكەلگەن كۇنىدىن باشلاپ ئەخمەتجاننىڭ داۋاملىق بىر ئىش ياكى كىتاپ ئوقۇش يا ئەمگەك قىلىش بىلەن بەنىد بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ مېھرى چۇشۇپ قالىدۇ ،كېۋىر ئاكىنىڭ سۆزى ئارىسىدا ئەخمەتجاننى چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇتۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنىمۇ سىزىۋالىدۇ ھەمدە ئەخمەتجاننى ئاكىسى كېۋىرنىڭ ئارزۇسىغا مۇۋاپىق سۆۋىت ئېتتىپاقىغا ئەكىتىش قارارىغا كىلىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن 1934-يىلىغا كەلگەندە ئۇنى ئاپىسى بىلەن بىللە ئەكىتىپ تاشكەنىت شەھىرىدىكى دارىلئېتامغا ئوقۇشقا بىرىدۇ .بۇ-شىنجاڭدا ئاپېرىل ئۆزگىرىشى بولۇپ ،مۇستەبىق چىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇررۇلۇپ شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ ،سۆۋىت ئىتتىپاقى بىللەن دوست بولغان ،يىڭى شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ بەزى ئىلغار سىياسىي پىرۇگراممىلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان دەۋىر ئىدى ،شۇڭا بۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئەخمەتجاندىن باشقا ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدىنى -مائارىپىنى يولغا قويۇشقا ئەينى ۋاقىتتىكى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،شىنجاڭلىق بىر تۇركۇم ياشلار تاشكەنىتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەنىدى .ئەنە شۇ 1-قەرەللىك شىنجاڭ سىنىپىدا ئەخمەتجانمۇ ئوقۇدى .
    ئۇ باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىق ئوقۇش ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن كۆزگە كۆرۇنۇپ ،بۇ مەكتەپنىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇردى .( شۇ قەرەللىك ئوقۇشتا تاشكەنىتتە ئوقۇغانلارغا <تاشكەنىتچىلەر> دەپ نام بەردى ھەم شۇنداق ئاتالدى).1-قەرەللىك تاشكەنىتچىلەر ئوقۇشى پۇتتۇرگەندىن كىيىن ،شىنجاڭنىڭ مەدىنىي -مائارىپ قۇرلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۇچۇن قايقان بولسىمۇ ،ئەخمەتجاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۆيى شۇ يەردە بولغانلىقتىن ،ئەخمەتجاننىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ئوقۇش ھەم تىل ئۇگۇنىش ئارزۇسىنىڭ كۇچلىكلىكىنى بايقىغان تاشكەنىت ساگۇ ئىنىستىتۇتى ئۇنىڭ ئۇگۇنۇش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،مەكتەپنىڭ تۇزۇمى بويىچە دىپلۇمنى ئۆز قولىغا بەرمەي،ئۇنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىغا ئاساسەن يۇقىرى بىلىم يۇرتىغا يوللىۋىتىدۇ،شۇ سەۋەپتىن ئەخمەتجاننى ئەپقىلىپ 1937-يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدا مۇسكۋا شەرىق تىللىرى ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ،ئەخمەتجان مەكتەپتە ئاساسەن چەت ئەل تىلىنى ئۇگىنىدۇ.بولۇپمۇ رۇس تىلىنى ناھايتى پىششىق بىلىۋالىدۇ .ئۆزى پىششىق بىلىدىغان تارىخ،تىل-ئەدىبىيات قاتارلىق ئىجدىمائىي پەن ئاساسىنى چەتئەل تىلىنى ئۇگىنىپ تىخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ،ئۇ ئىگىلىگەن بىلىملەر ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ماكانى سۆيۇملۇك ۋەتىنىگە قايتىپ بىرىپ ،ئۆز ۋەتەنداشلىرى بىلەن بىللە ۋەتەن تەقدىرىنى ئويلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ،شۇڭا ئۇ،سۆيۇملۇك ۋەتىنىگە1942-يىلى كەچ كۆزدە چۆچەك ئارقىلىق قايتىپ كىلىدۇ.

    ( جاھالەت بىلەن ئېلىشىش )
    ئەخمەتجان قاسىمى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ۋاختىدا شىنجاڭدا جاللات شېڭ شىسەي قانلىق قىلىچىنى ئوينىتىپ جاڭ جىشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئىتىپ ،سۆۋىت ئېتتىپاقىدىن پۇتۇنلەي يۇز ئۆرۇپ سۇيىقەسىت،زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى ،ئۇ شىنجاڭدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنى ئىنقىلابى زىيالىلىرىنى ،ھەر مىللەتتىن بولغان كۆزگە كۆرۇنگەن ئىلغار مۆتىۋەر ،نوپۇزلۇق زاتلارنى ئۆزلۇكسىز قولغا ئىلىپ ،فاشىستىك قىرغىنچىلىق ئىلىپ بىرىۋاتاتتى ،شۇڭا ئۇئۆز قول ئاستىدىكى ئىشپىيونلۇق تورلىرىنى تېخىمۇ كەڭ يتىپ قۇرىدۇ،ئەنە شۇ غالجىر ،خائىن گۇماشتىلىرى ئارقىلىق بارلىق ئىلغار پىكىرلىك زاتلارنى تۇتقۇن قىلىشنى كۇچەيتىدۇ بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەت، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تىخىمۇ دەھشەتلىك تۇسكە كىرىدۇ .
    قاراڭغۇلۇق مۇشكىلاتلار ئىچىدە ئىنسان ئۇچۇن كېرەكلىك نەرسە يەنىلا بىلىمدۇر .بىلىم شۇنداق كۇنلەردىمۇ ھاياتنى توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر مەشئەل بولالايدۇ ،ياش ئەخمەتجاننىڭ قەلبىنى ئۆزىنىڭ تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۇگەنگەن بىلىمى ئالىجاناپلىق مەردانە بولىشقا ئۇندەيدۇ ،شۇڭا ئۇ چۆچەكتىكى دۇشمەن قورشاۋلىرىنى بۆسۇپ ئۆتۇپ ،1942-يىلىنىڭ ئاخىرى غولجىغا قايتىپ كىلىدۇ .ئۇنىڭ ئانا ۋەتەن تۇپرىقىدا ئۇچراۋاتقان بىر قىتىملىق دۇشمەن سۇيقەستىنى بۆسۇپ چىقىشتەك رىئال تۇرمۇش سەرگۇرەشتىسى بىلىملىك بولۇشنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكىنى،بىلىم ئەھلىلىرىدىن دۇشمەنمۇ قورقۇپ ،قامال قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تىخىمۇ چۇڭقۇر چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ ،شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى (چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى )<ماخمۇت>نىڭ ئورنىغا<ئاق-قارىنى تونىتقان><تەربىيلەپ يىتىلدۇرگەن>تاغىسى ئۆمەرنىڭ فامىلىسى <قاسىم >نى قوللىنىپ،غولجىغا كەلگەن كۇندىن باشلاپ ئۆزىنى << ئەخمەتجان قاسىمى>>دەپ ئاتايدۇ.
    ئۇ يىللاردا غولجا شېڭ شىسەي باندىتلىرىنىڭ دەھشەتلىك سۇيقەست-زىيانكەشلىك تولىرى بىلەن ئورالغاندى،شېڭ شىسەي غولجا شەھىرى ئۈستىدە مەخسۇس باش قاتۇرۇپ ،غولجا شەھىرىدىكى زىيالىرارنى ، ئامما ئىچىدە تونىلغان كىشىلەرنى بىراقلا يوقىتىش لازىم دەپ بۇيرۇق چۇشۇردى ،ئارقىدىنلا جاللات لى يىڭچىڭنىڭ ئورۇن باسارى ،جاللات ليۇبىندى(خۇيزۇ )نى غولجىغا ئەۋەتىدۇ ،ئۇ، كەلگەن كۇنىدىن باشلاپلا شېڭ شىسەينىڭ قانلىق قولى بولۇپ قالىدۇ .
    ياش ئەخمەتجان قاسىمى چۆچەكتىن جۇدۇن -چاپقۇن ئىچىدە دۇشمەننىڭ ئەپت-بەشرىسىنى ئىنىق تونۇپ يەتكەچكە،ناھايتىمۇ ئاددىې،نادان قىياپەت بىلەن كۆرۇنۇش مەقسىتىدە كىچىك دادىسى نادىر ئاكىنىڭ ئۆيىگە چۇشۇپ ،بىر مەزگىچە يۇشۇرنۇپ يۇرىدۇ ،كىيىنچىرەك  ناسىر ئاكا ئۇنى ئۆزىنىڭ جامائەت ئارىسىدىكى ئابرۇيىغا تايىنىپ ،ئۆزى بىلىدىغان غوپۇر جارۇللايۇۋ دىگەن يىگىت باشچىلىقىدىكى مەشرەپ-بەزمىلەرگىمۇ بىللە ئاپىرىدۇ،ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شۇ چاغدىكى قىياپىتى ،يۇرۇش--تۇرۇشلىرى ناھايتى ئاددىي بولىدۇ ،شۇ چاغدىكى مۇدھىش ۋەزىيەتتە بىخۇتلۇق قىلىشنىڭ زىيان-زەخمەت كەلتۇردىغانلىقى ،خەتەرنىڭ ھەر ۋاقىت پايلاپ يۇرگەنلىكى ئۇنىڭغا ئىنىق ئىدى ،كومپارتىيە ئەرالىرى،زىيالىلار، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە تەرەققىىيپەرۋەر زاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئەكەلگەن جاللات ليۇ بىندى غولجا شەھىرىدە <نوپۇزسىزلارنى يىغىش >بۇيرىقىنى چىقىرىپ ،غالجىرلىق بىلەن ئاختۇرۇپ ،غولجىدىكى ھەرمىللەت خەلىقلىرىگە دەھشەتلىك بالايى ئاپەتلەرنى ياغدۇرۋاتاتتى ،زۇلمەتلىك كۇنلەر يىتىپ كەلگەن ئىدى، بۇ ۋاقىتتا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ غولجىغا كەلگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ ،ئۇ، جامائەتكە ئارلىشىپ قالغان ،ھەتتا ناسىر ئاكىنىڭ مەشرەپ ئەھلىلىرىگىمۇ تونۇلۇپ قالغانىدى،شۇڭا ،پايلاپ تۇرغان ھۆكىمەت بىر كىچىدىلا <نوپۇسى يوق> دىگەن باھانە بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنى تۇتقۇن قىلدى ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭدىن چۇڭقۇر تەسىرئىلىپ، ياخشى كۆرۇپ قالغان جامائەت ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازە بولۇپ غۇلغۇلا قىلىشتى، ھەپتە ئۆتمەي ناسىر ئاكىنىڭ باش قاتۇرۇشى بىلەن غۇپۇر جارۇللايۇۋ باشچىلىقىدىكى ئەل-ئاغىنىلىرى نوپۇس تارقاتقۇچى ئەمەلدارلانى پارا بىرىش ئارقىلىق قولغا كەلتۇرىدۇ،بەزىلەر ئۇنىڭ تۇتقۇن بولىشىغا مۇناسىپ ئەمەسلىك توغۇرسىدىكى دەلىل-ئېسپاتلارنى تاپىدۇ ،يەنە بەزىلىرى ئەخمەتجان قاسىمىغا كىپىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇشىدۇ ،نەتىجىدە، ئۇنى تۇرمىدىن ساق-سالامەت قايتۇرۇپ چىقىدۇ .
    ياش ئەخمەتجان قاسىمى جاھالەت تۇرمىسى ئىچىدە ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۇپ،زالىملارغا ئۆچمەنلىك ھەم نەپرەت تۇيغىسىنى تىخىمۇ كۇچەيتىدۇ،ئۇ، تۇرمىدىن قايتىپ چىقىشى بىلەنلا ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە ھەسرەت چىكىۋاتقان خەلىقنىڭ ھېس -تۇيغۇلىرىغا ئورتاق بولۇشنى ئويلاپ ،خەلق ئارىسىغا بىرىپ ئاممىنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى ،ماددىي تۇرمۇشىنى ئەتىراپلىق ئۇگۇنۇشكە كىرىشىدۇ ،شۇڭلاشقا ئۇ دەسلەپتە<مەدىكارلار بازىرى>غا بىرىپ مەدىكارچىلىق قىلىدۇ ،بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يىتىمچى ،مۇساپىرلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ،ئەھۋال ئىگىلەيدۇ ،ئارقىدىن يەنە ئۆيمۇ- ئۆي يۇرۇپ ئېزۇلگۇچى خەلقنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىك تۇرمىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ ھەمدە تىخىمۇ ئىلگىرلەپ ھۆكۇمەت ئورگانلىدىكى پارازىتلىقىنى بايقاش يۇزىسىدىن ئەينەكچىلىك ،ياغاچچىلىق قىلىدۇ ،بۇ ئىشلار ھەممىسى كۆرۇنىشتە ئۇنىڭ تۇرمۇش يولى بولسىمۇ ،ئەمىلىيەتتە جەمىيەتنى تەكشۇرۇش ،خەلقنىڭ ئاھ_زارىغا يىتىش يولىنى تىپىۋىلىشىغا ئىلھام بىرىدۇ شۇڭا ئەخمەتجان قاسىمى تاللىۋالغان بۇ يول -ئۆزىگە خەلقنىڭ ھاياتىنى ئەينەكتەك روشەن، ئىنىق كۆرسىتىپ قاششاقلىق،جەبىر-زۇلۇم،تەڭسىزلىكنىڭ چىكىدىن ئاشقانلىقىنى ھەقىقى تونىتىدۇ ،ئەمما تۇشمۇ -تۇشتىن يامىلىراتقان جاھالەت تۇرلىرى ئۇنىڭغا ئۇگىنىش پۇرسىتى ھەم ئارزۇسى بويىچە خەلققە ئەمەلىي خىزمەت كۆرسىتىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ ،1943-يىلنىڭ باش باھار چاغلىرى ،ئەكسىيەتچى شېڭ شىسەي ھۆكىمىتىنىڭ ئىشپىيۇن-ساقچىلىرى يەنە بىر قىتىم ئۆي ئاختۇرۇش -ئادەم تۇتۇشنى ئىلىپ بارغاندا ئەخمەتجان قاسىمىغا<يۇشۇرۇن ۋەقە تارقاتتى ،ئادەم توپلىدى >دېگەن تۆھمەتنى چاپلاپ ، يەنە تۇتقۇن قىلىدۇ ،ئۇ،دەسلەپتە ئۇچ ئاي چامىسىدا غولجا تۇرمىسىدە (ھازىرقى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئورنىدا)،كىيىن ئۇرۇمچى تۇرمىسى(ھازىرقى ئاپتۇنۇمرايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن بوغدا مۇنچىسى ئوتتۇرسىغا سىلىنغان تۇرمە)دە خىلمۇ-خىل ۋەششىيانە قىيناش ،جازالاشلارغا ئۇچرايدۇ .لىكىن،بۇ قىيىن -قىستاقلار ئۇنىڭ خەلىققە ،ۋەتەنگە بولغان پاك،سادىق قەيسىرانە ئاڭلىق ئىرادىسىنى قىلچە بواشتۇرالمايدۇ،شېڭ شىسەي ھۆكىمىتى ئۇنى بىر يىل تۇرمىدە ئازاپلىغاندىن كىيىن ،ھىچنىمىگە ئىرىشەلمەي .ئاخىرى قويۇپ بىرىشكە مەجبۇرى بولىدۇ ،بىر يىللىق تۇرمە ھاياتى ،ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان تۇرمەداشلارنىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى ئۇنىڭ چىرىك ھۆكىمەتكە بولغان غەزەپ -نەپرىتىنى ھەسسىلەپ ئۇلغايتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ،خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ ،جەڭگە ئاتلىنىش ئىرادىسىگە كىلىدۇ .
    ئۇ1943-يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇرمىدىن چىقىپ ئۇرۇمچىدە تۇرۇپ قالىدۇ .ئۇ بۇ جەرياندا ئۇ،ئەكسىيەتچىل ھۆكىمەتكە قارشى بىر تۇركۇم ئىنقىلابچىلار بىلەن تونۇشىدۇ .شۇلار ئارقىلىق ئۇرۇمچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەر تاپىدۇ ،كىيىن غولجىغا قايتىىپ كىتىدۇ.
    ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 2-قىتىم تۇرمىدىن چىقىشى ئۇنى تونىيدىغانلار ئۇچۇن چوڭ خۇشاللىق بولىدۇ،ئۆزى ئۇچۇن ئىلىپ ئىتقاندا ئۇ،جۇشقۇنلۇق ئىنقىلابىي جاسارەتنى نامايەن قىلىپ ،دۈشمەن بىلەن مۇرەسسە قىلىشماسلىقتەك جەڭگىۋار خىسلەتكە ئىگە بولىدۇ .

ئەخمەتجان قاسىمى غولجىغا قايتىپ كىلىپ يار-بۇرادەر،ئۇرۇق -تۇققان،تونۇش-بىلىشلىرى بىلەن سالامەت كۆرىشىدۇ ،تۇرار جايى يەنىلا تاغىسى ناسىر ئاكىنىڭ ئۆيى بولىدۇ .
    ناسىر ئاكا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كىيىم -كىچەكلىرىنى يىڭىلاپ ،يىقىن بىر كىشىنىڭ ئات- ھارۋىسىنى ئېجارىگە ئىلىپ بىرىپ ،ئۇنى كۆمۇرچىلىك قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىش يولىغا سالىدۇ .ئۇ خاڭدىن كۆمۇر ئەكىلىپ سىتىپ يۇرگەچ ،خاڭ ئىشچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق سەزگۇدەشلىرىنى كۆرۇپ،ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن تونىشىپ چىقىدۇ .ئەخمەتجان قاسىمى ھارۋىسى بۇزۇلۇپ ،ھاردۇق يېتىپ قالغان كۇنلىرىنىمۇ بوش ئۆتكۇزمەستىن ،ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مائارىپ ئىدارىسىگە قاراشلىق كىتاپخانىسىگە كىرىپ كىتاپ كۆرۇش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ .
    ئەينى ۋاقىتتا كىتاپخانىدا بىر نەچچە تىللىق قامۇسلار،كىلاسىك ئەسەرلەر بولغانلىقتىن ،ئۇنىڭ بۇ كىتابلارنى زىېھىن قويۇپ ئوقۇشىنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ ئەينەكچىنىڭ بىلىملىك ئادەم ئىكىنلىكىگە ھەيران قالاتتى .
    ئەينى ۋاقىتتىكى <ياردەم>ناملىق كىتاپ خوجىلىق بۆلۇمىدىكى بىلال مۇنداق دەيدۇ<بۇ ئادەمنى ئارىلاپ مەكتەپكە كۆمۇر ساتقىلى كەلگنلەردە ئۇچۇرتاتتىم،شۇ چاغلاردا مەن بۇ ئادەمنىڭ خىلى ئوقۇمۇشلۇق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغان ،چۇنكى ،بىزگە كۆمۇر ساتقانلىق ئىسچوت يىزىپ بەرگەندە ،ئاز سۆزلەر بىلەن مەخسىتىنى چۇشەندۇررۇپ يازغانلىقىنى كۆرۇپ ھەيران بولاتتىم.
    يازغاندىمۇ شۇنداق چىرايلىق رەتلىك يازاتتى،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ئادەم مەكتەپكە كۆمۇر ساتىشقا شۇنداق خۇشتارئىدى ،مەكتەپكە ئالىمەن دىسەم <بوپتۇلا ئېلىڭ >دەپلا ئەرزان بىرىۋىتەتتى .شۇنىڭغا قاراپ ،بۇ ئادەمدە بىر خىسلەت بارمۇ_قانداق؟دەپ قالاتتىم .ئۇنىڭ ئەخمەت ئەپەندىم ئىكەنلىكىنى ئۇ چاغلاردا قانداقمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن .>

     ئۇلار <<ئالتە ئوغرى>>ئەمەس


    ئەخمەتجان قاسىمىنڭ تاغىسى ئۆز ھۇنىرى بىلەن ئەل ئارىسىدا نامى چىققان ئادەم ئىدى .ئۇ ماھىنۇرنىڭ ئاتىسى ئابابەكرى ئاكا بىلەن تۇققاندەك يىقىن ئۆتەتتى .1945-يىلى ئۇلار قۇدىلىشىپ (ئەخمەتجفن قاسىمى ماھىنۇر خانىم بىلەن توي قىلغاندا 30ياشلارغا كىرگەن)ئۇلارنىڭ تۇرمىشىدا يىتىشمەسلىك بولسىمۇ يوقسۇزلۇقنى بىلىندۇرمەي كۇن كەچۇرىدۇ،ئەمما شۇ كۇنلەردە ئەخمەتجان قاسىمى ئارىلاپ بىر نەچچە كۇن ئۆيىگە كەلمىگن كۇنلەرمۇ بولىدۇ ،شۇڭلاشقا ماھىنۇر خانىم ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئابابەكرى ئاكىلار؛
    سىز ئۇنداق كۇنلەپ يوقاپ كەتمەڭ ،بىز ئەنسىرەيدىكەنمىز ،ھازىر خەلق ئارىسىدا<<نىلقىلىق ئالتە ئوغرى چىقىپتۇ >> دېگەن سۆز تارقىلىۋاتىدۇ ،--دەيدۇ.
    ئەخمەتجان قاسىمى ئۇلارغا :
     ئەنسىرمەڭلار ئۇلار <ئالتە ئوغرى >ئەمەس،--دەپ جاۋاپ بىرىدۇ .
    ئۇلار شۇ چاغدا بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ ھەيران بولغانلىقىنى ھازىر مۇ ئىغىزىدىن چۇشۇر مەيدۇ .دىمىسىمۇ ئاز ئۆتمەي ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئازاتلىق ئىنقىلابى نىلقا ناھىيىسىدە پارتىلايدۇ .

( ئىنقىلاب يولىدا )
    بۇ ئىنقىلاپ دەسلەپتە نىلقا ناھىيىسىدىكى ئۇلاستايدىن باشلىنىدۇ ،جەڭ قوشۇنى قارا سۇلارغا يىتىپ كەلگەندە تېخىمۇ كەڭىيىپ ، دۇشمەن ئەسكەرلىرىنى تىرىپىرەن قىلۋىتىدۇ .1944-يىلى 7-ئۆكتەبىر كۇنى،قوزغىلاڭچىلار ئومۇمى يۇزدىن جەڭ سىگىنالى ئېلان قىلىپ نىلقىغا بىسىپ كىرىدۇ ،3-نۇيابىر كۇنى جاھالەتكە ئوتى ئاچقان مەردانە قوزغىلاڭچىلار نىلقىنى ئىگىلەپ،ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى غەلبە تەنتەنىسىنى جاكارلىغاندىن كىيىن ،5-نۇيابىرغا كەلگەندە ،باتىخ،ئەكبەر،غىنى،رەپىق،ئوسمان،نۇرى،مۇساجان قاتارلىق باتۇرلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ئازدىن كۆپىيىپ ،گومىنداڭنىڭ قوراللىرى بىلەن قوراللىنىپ ،چىچىلاڭغۇلىققا خاتىمە بىرىپ ،مۇنتىزىم ئەتىرەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ،نىلقىدىن غولجىغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ ،7- نۇيابىر كۇنى غۇلجىدا تۇنجى ئىنقىلاب يالقۇنى لاۋۇلداپ گومىنداڭنىڭ غولجىدىكى سىلىڭبۇ سىنى ۋە ۋالىي مەھكىمىسىنى تارمار قىلىدۇ .غەلبە تەنتەنىسى ئىچىدە قۇرۇلغان ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۇمەت گومىنداڭنىڭ مۇشۇ سىلىڭبۇ سى ئورنىغا ئورۇنلىشىدۇ.
    ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي ھۆكىمەتنىڭ رەئىسى ئىېلىخان تۆرە(ئۆزبىك)،مۇئاۋىن ھىكىم بەگ غوجا،باش كاتىۋى ئاندۇرەۋۇپ مەخسۇملار بولىدۇ،ئابدىكىرەم ئابباسوۋ،قاسىمجان قەمبەرى،مويدىن شەيىخ ، زۇنۇنتىېيىپ،ھەبىب يۇنچى،ئەنۋەر مۇسا بايوۋ،قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم ئەربابلار غولجىدىكى ۋەتەن پەرۋەر زاتلارنىڭ ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىگە بولۇپ ھەر قايسى ساھالەر بويىچە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۇستىگە ئالىدۇ .
    2-قېتىملىق مەركىزىي ھۆكىمەتنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇشتا، مەركىزى ھۆكىمەت ئەزالىرىدىن ،مۇھەمەتجان مەخسۇن تەشۋىقات ۋازارىتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر مۇسا بايوۋ مالىيە ۋازارىتىنىڭ باشلىقى رەخىمجان سابىر ساجىىيوۋ ئىچكى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان يىرمەت مۇئا ۋىن باشلىقى جانى يولداشوۋ بەيتۇل ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سالجان باي ،خەلق دەۋا ئىشلىرىنىڭ باشلىقى ھەبىب يۇنچى ،مائارىپ ۋازارىتى ۋە گىزىتخانا باشلىقلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ .
    دەسلەپتە ئارمىيىگە ئالىېكساندىر باش قۇماندان بولغا ئىدى ،كىيىن ئۇنىڭ ئورنىغا مايۇر پەلنوۋ بىلەن خېنېرال ئىسھاقبېك باش قۇماندان بولىدۇ ، شۇنداق قىلىپ تەشكىلى جەھەتتىن ھەربىي ئىشلار بىر ئىزغا چۇشكەن بىلەن ،مەمۇرىي ئاپپاراتلار تىخى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى ،شۇڭلاشقا ، ئىنقىلابى مەنپەئەتى ئۇچۇن پىداكارلىق خىزمەت قىلۋاتقان ،ۋاقىتلىق ھۆكۇمەت تەركىبىدىكى ئابدۇ كىرىم ئابباسوۋ، قاسقمجان قەمبىرى،ھەبىب يۇنچى،ھۈسەيەن مۇرايوۋ ،رەخىمجان سابىر ھاجىيوۋ ،زۇنۇن تىيىپ،ئادىل شاھ ،مەمتىمىن كىرىموۋ ،ئەنۋەر مۇسا بايوۋ ،جانى ، نەسىردىن داموللا قاتارلىق كىشىلەر ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ،ھەرخىل توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۇچۇن مۇمكلىن قەدەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىنقىلابىي زىيالى ۋە بىلىم ئەھلى بولغا لاياقەتلىك كىشىلەرنى كۆپرەك جەلىپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى .
    چۇنكى ،ئەينى ۋاقىتتىكى ئاپرىېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن يۇقرى دەرىجىلىك ئالى مەكتەپلەردە ئوقىغان داڭلىق زىيالارنىڭ يۇشۇرۇن كۇچىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكتىن تەدرېجى ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىغان ،شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابى ھۆكىمەتنىڭ ھەر قايسى ئاپپاراتلىرىدا بىر مەھەل داۋاملىشىپ كەلگەن بوشلۇقنى ئىلىم -مەرىپەتتىن خەۋەردار ،لاياقەتلەك كىشىلەر بىلەن تولدۇرۇپ تاكتىكا جەھەتتىن قوللىنىپ كەلگەن بەزى ئۇسۇللارنىڭ ماھىتىنى چۇشەنمەيدىغان بىر خىل نوقۇل پىكىر ئىقىمدىكىلەرگە تاقابىل تۇرۇپ ،سەپنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئالدىنى ئالدى .شۇ سەۋەپتىن ئىمقىلاپنىڭ ئەڭ كۇشلۇك جىددى پەيىتلىرىدە خەلىقنىڭ قان_ياش،دەت_ئەلەم ئىچىدە ئۆتكەن مۇسىبەتلىك تۇرمۇش سەزگۇرەشلىرىنى ئۆز ئەمىلىيىتىدىن ئۆتكۇزۇپ ئۆز خەلقىنىڭ بەخىت_سائادەتلىك يىڭى تۇرمۇشى ئۇچۇن تىرىشىپ بىلىم ئىلىپ كىلىۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمىمۇ ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتكە يىقىنلىشىپ ،مەزكۇر ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى ئەيسا ئۇستامنىڭ شاگىرىتى (ياردەمچى ئاشپەز )بولىدۇ.
    بۇ مۇناسىرەت بىلەن ئۇ،بۇ ئۇلۇغ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا خۇشال بولۇپ،ئۆز ئىشىنى زور مەسئۇلىياتچانلىق بىلەن ئىشلەيدۇ ،ئاشخانىدىكى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزى قىلىدۇ ،نەتىجىدە ئاشخانىدىكى ئۇستاملارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ،شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئۇستىسى ئەيسا ئاكا پات-پات چاقچاق ئارىلاش.
بۇ ئىشنى سىز قىلالامسىز ،---دەيدۇ .
    ماڭا ھەممە ئىش ئوخشاش ئىنقىلابقا ھەسسە قوشساملا بولدى دەيدۇ ،--ئەخمەتجان جاۋابەن .
    ئاشخانىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساۋاتسىز ئىدى ، ئەخمەتجان قاسىمى ئارىلاپ ئاشخانىدىكى ئۇستاملارغا گىزىت ئوقۇپ بىرەتتى ،ئۇ ئارىلاپ رۇسچە گىزىت ئوقۇپ چۇشەندۇرۇپ بەرگەچكە ،ئۇنىڭ بىر نەچچە تىل -يىزىق بىلىشىدىكى ماھارەتلىرى ئاشپەز ئۇستاملار ئارقىلىق ئاشخانىدىن ھالقىپ ،مەركىزىي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قۇلىقىغا يىتىدۇ،ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمىنى سىناپ بىقىپ قايىل بولىدۇ ،-دە،مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەكلىپ قىلىدۇ.
    ئەخمەتجان قاسىمى تەرجىمانلىق خىزمىتىگە قويۇلغاندىن كىيىن ،بۇ خىزمەت بىلەنلا بەنىت بولۇپ قالماستىن ،يەنە بىر تەرەپتىن ماشىنكىدا خەت باسىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا-بارا ئاخپاراتچىلىق ساھاسىدىمۇكىتاپخانىلارنى ئۆزگە جەلىپ قىلىدۇ ،ئۇنىڭ ماقالىرىنى ئوقىغان ھەر بىر كىشىدە كۇچلىك تەسىر قوزغايدۇ،بۇنى كۆرگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي خادىملار مەركىزىي ھۆكۇمەت تەرپىدىن چىقىدىغان ماقالە،نۇتۇق تىزىسلارنى ئەخمەتجان قاسقمىنىڭ كۆزدىن كۆچىرىشىگە ھاۋالە قىلىدىغان بولىدۇ ،بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر دىن بىر كۆزدە تۇتىدىغىنى ، يىڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ يولىنىشىنى توغرا يولغا سىلىش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئىدى . ئۇنىڭ بۇنداق تىرىشچان ۋە ئاكتىپ پائالىيەتلىرى ،ئىنقىلاپ مەنپەتى ئۇچۇن جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۇكسەكمۇھەببىتىنى قوزغايدۇ،ئەمما مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىچىدىكى نەزەر دائىرسى يار كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەسەتخۇر لۇق قىلىدۇ ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنى ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت ئىچىدىن گېزىتخانىغا يۆيكىۋىتىدۇ ،شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بۇ ئىشتىن قىلچە مەيۇسلەنمەستىن ئەكىسچە ئۆز بىلىمى بىلەن ئىنقىلابىي خىزمەتلەرگە تىخىمۇ چۇڭقۇر چۆكۇپ ، تەرجخمانلىق سىپىدە تىخىمۇ ئىلگىرلەپ نەتىجە يارىتىدۇ ،يەنە بىىر تەرەپتىن ماقالە يىزىپ ئاممىغا تەربىيە بىرىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ،ھەتتا ئۇنىڭ ماقالىرىنى ئوقىغان زىيالىلار ئۇنى ئۆزىگە ئۆلگە قىلىپ ئۇنىڭدىن پىكىر ئىلىپ تۇرىدىغان بولىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئەخمەتجاب قاسىمىنىڭ ئىجتىمايىي مۇناسىۋىتى كۇندىن -كۇنگە كىڭىيىپ ،يىڭىدىن دوسىت-يارەنلىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ

                                مەنبە      ئىلىخو تورى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-29 05:42 , Processed in 0.224028 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش