ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!! بۇنى بەلكىم بەزى تورداشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا يوللاپ قويدۇم. سىز كومپىيۇتېردا قىلىۋاتقان مەشغۇلاتىڭىزنى رەسىمگە ئېلىۋالماقچى بولسىڭىز، بەلكىم توردىن بىرەر دېتالنى چۈشىرىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. windows 7 دە بۇ ئىختىدار بار. سىزنىڭ مەشغۇلاتىڭىزنى قەدەممۇ-قەدەم رەسىمگە تارتىپ ماڭىدۇ. <<باشلاش>> نى بېسىپ <<قوزغۇتۇش>> دېگەن يەرگە psr دەپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ، ياكى win+r نى بېسىپ ، چىققان كۆزنەك psr.exe دەپ بېسىپ قوزغاتسىڭىزمۇ بولىدۇ. قېنى، تۆۋەندىكى رەسىملىك چۈشەندۈرۈشكە قاراڭ. 1. <<باشلاش>> نى باسىمىز. 2.<<قوزغۇتۇش>> دېگەن يەرگە psr دەپ باسىمىز. 3. psr دېگەننى بېسىپ ئىجرا قىلىمىز. 4. zip ھالىتىدە ساقلىنىدۇ. 5.zip نى ئاچساق رەسىمدىكىدە ھۆججەەت چىقىدۇ. شۇنى باسىمىز. 6. شۇ ھۆججەتنى باسقاندىن كېيىنكى چىققان كۆزنەك. ئەمدى رەسىمىڭىزنى خالىغانچە ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى يەنە بىر خىل ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى. يەنى win+r نى بېسىپ چىققان كۆزنەككە psr.exe دەپ بېسىپ ئىجرا قىلساقلا بولىدۇ.
-ئىزدىنىش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-27 12:40
|