ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 147|ئىنكاس: 4

جىددى ياردەم !!! خاتىرە كومپىيوتىردىن چاتاق چىقتى!!!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
27
تىللا
22
شۆھرەت
19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 04:02:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار ! ياردەم قىلساڭلار، ACER Aspire 3830TG تىپلىق خاتىرە كومپىيوتىر،سىتىۋالغىلى يىرىم ئايمۇ بولمىدى.ئالغان چاغدا قاتتىق دىسكىسى تەڭ ئىككى رايونغا بۆلۈگلۈك ئىكەن.شۇ سەۋەپتىن قايتىدىن تۆت رايونغا بۆلۈپ WIN7نىڭ64بىتلىق كارخانا نۇسخىسىنى قاچىلىغان ئىدىم.شۇنداق نورمال،سۈرئىتىمۇ خىلىلا تىز بولۇپ قالغان .ئارىدىن ئىككى كۈندەك ئۆتتى ،كەچ ۋاقتىدا بىردەم كىنو كۆرۈپ بولۇپ نورمال ئۆچۈرۋەتكەن. ئەتىسى قوزغاتسام پەقەت قوزغالمىدى ، رەسىمگە تۇتۇپ يوللاپ بىرەي دىسەم ئامال بولمىدى.سىستىما قوزغىلىۋاتقاندا تۆت خىل رەڭدىكى نۇر چىقىپ Windowsبەلگىسىنى ھاسىل قىلىدىغان يەرگە كىلىپلا قايتا قوزغىلىپ كىتىدۇ .پەقەتلا ئارقىسىغا ئۆتمىدى.WINPEغا كىرىپ Ghostقايتۇراي دىسەم قاتتىق دىسكىنى تاپالمىدى دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى.我的电脑غا كىرسەم راستىنلا قاتتىق دىسكا يوق ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ ،WINPE قاچىلانغان رايونلا تۇرىدۇ. Biosقا كىرسەم قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇرى بار بولمىسا .نەچچە قىتىم WINPEغاقايتا-قايتا كىرسەم بەك تەستە قاتتىق دىسكىدىكى تۆت رايون كۆرۈندى لىكىن سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا .Ghostقايتۇرغىلىمۇ بولمىدى .قايتا رايونغا بۆلىۋىتەي دىسەممۇ بولمىدى . قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈپ ئەسلىگە قايتۇرىدىغان قورال بار ئىكەن ئۇلارمۇ كارغا كەلمىدى . بېيجىڭدىن ئەكەلدۈرگەنىدىم ،ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ ئوڭشىتىپ بولغىچە ، قاتتىق دىسكىنى ئالماشتۇرماي ئوڭشىغىلى بوپ قالسا مۇشۇ يەردە ئوڭشىتىپ باقاي دىگەن ئىدىم .شۇ باھانىدە ئوڭشىلىپ قالسا مەنمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق ساۋاققا ئىگە بولارمەن دىگەن ئۈمىتتە كومپىيوتىر سىتىش رىمونىت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نەچچە دۇكانغا ئەكىرىپ باقتىم.ئوڭشىيالمىدى «قاتتىق دىسكىدىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ »دەيدۇ.ئامال يوق ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلدىم.ئۇستازلار ئاراڭلاردا مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچراپ باققانلار بارمۇ ؟ يول كۆرسەتسەڭلار!!!قاتتىق دىسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان قورال بولسا ئوڭشىغىلى بولارمۇ؟ تەجىربىسى بارلارنىڭ يول كۆرسىتىپ ياردەم قىلىشىنى سورايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AplaSorry تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-27 04:03  

turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2417
تىللا
2431
شۆھرەت
4508

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 14:29:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا قاتتىق دېسكا  سېلىپ سىناپ بېقىڭ .  نورمال بولسا  سىزنىڭ قاتتىق دېسكىڭىزدا چاتاق  بار دىگەن گەپ.........
ئەگەر قاتتىق دېسكىڭىزدىكى  چاتاق فىزىكىلىق چاتاق بولسا ،ئامال يوق دوستۇم. ھەرقانداق يۇمشاق  دىتال كارغا  كەلمەيدۇ ....................
شۇڭا قاتتىق دېسكىنى باشقا  كومپىيوتىرغا  چېتىپ سىناپ   بېقىڭ . .............
سىزگە ئامەت  تىلەيمەن !!!!1 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-27 14:30  

ياخشىمۇ سىلەر قېرىنداشلار!!!

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
612
تىللا
769
شۆھرەت
1174
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 21:03:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز AplaSorry :
قارىغاندا سەل جىددىلىشىپ قالغان ئوخشايسىز...نۇرمال ئەھۋال ئاستىدا خاتىرە كومپيۇتىرنىڭ قاتتىق دىسكىسىدىن ئاسان چاتاق چىقمايدۇ. قارىسام سىز نۇرغۇن ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىپسىز، لېكىن قانداق خاتالىق كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلىرەك ئۇچۇر بەرمەپسىز.
سىز قالدۇرغان ئىنكاستىن قارىغاندا، قاتتىق دىسكا يۈزدە- يۈز مەسىلە يوق، بولمىسا بىئوس رايۇنىدا ئەكىس ئەتمىگەن بولاتتى.
يەنە كىلىپ، سېستىمىمۇ قوزغىلىدىكەن ئەمەسمۇ؟...
مۇنداق قىلىڭ:
1. كومپيۇتېرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ماينى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن توكقا بىۋاستە چېتىپ قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ.... سېستىما نۇرمال قوزغىلالامدۇ يوق؟(توك بېسىمى تۇراقسىز بولغاندا خاتىرە كومپيۇتېردا ئاجايىپ بىر خىل غەلىتە مىجەز شەكىللىنىپ قالىدىكەن، يا كومپيۇتىرىڭىزنىڭ قوزغىلىشى ناھايىتى ئاستا بولۇپ قالىدۇ، ياكى كومپيۇتىرىڭىزغا قەتئى توك ئۆتمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ماينى ئېلىۋېتىپ بىۋاستە توكقا چېتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. )
2. بىرنچى خىل ئەھۋال مەۋجۇت بولمىسا، بىئۇس ئۇچۇرىنى زاۋۇت تەڭشىكىگە تەڭشەڭ... ئاندىن قايتىدىن رايۇنغا ئايرىڭ.
ئەگەر سىز قوزغىتىش دىسكىلىرى ئارقىلىق رايۇنغا ئايرىماقچى بولسىڭىز، تىزىملىكتىكى pQ8 قۇراللىرى ئارقىلىق رايۇنغا ئايرىش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەڭ ئاددى ئۇسۇل تىزىملىكىتىن بىراقلا توت رايۇنغا ئاپتۇماتىك ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش...
بۇ خىل ئۇسۇلنى سىنىغاندا بىرتال نۇردىسكا بولمىسا، باشقا يېڭى، باشقىلار سىناپ مۇۋەپپىقەتلىك مەشغۇلات قىلغان دىسكىلاردىن پايدىلىنىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بەك بولمىسا، بارماق دىسكىدا قۇزغىتىش دىسكىسى ياساپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلدا خاتالىق ئۇچۇرى ناھايىتى ئاز كۆرىلىدۇ.
3. رايۇنغا ئايرىشتىمۇ مەغلۇپ بولسىڭىز ئەڭ ئاخىرقى ئۇسۇل كومپيۇتىرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى سۆكۈپ ئېلىپ، باشقا كۆچمە دسىكا قېپىغا سېلىپ، ئاندىن باشقا كومپيۇتىردا ئېچىپ، سېستىما مەشغۇلاتى ئىچىدە رايۇنغا ئايرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
جىددىلەشمەي ئالدىرىماي سىناڭ، چۇقۇم ئوڭشىيالايسىز.....
ئارىلىقىمىز يېقىن بولغان بولسا، دوكىنىمىزدا سىزگە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلغان بولاتتىم...

Rank: 2

تۆھپە
27
تىللا
22
شۆھرەت
19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 00:31:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhammad يوللىغان ۋاقتى  2012-1-27 21:03
ياخشىمۇ سىز AplaSorry :
قارىغاندا سەل جىددىلىشىپ قالغان ئوخ ...

جىددىيلىشىپ  قالغىنىم  راس  يىپيىڭى بىر نىمىدىن  مۇداق  چاتاق  چىققىلى  تۇرسا ھەي......
مىيى كومپىيوتىر بىلەن بىللىكەن ئالغىلى بولمايدىكەن قاتتىق دىسكىنى سۆكمەي ئوڭشىغىلى بولسا بولاتتى ئەگەر سۆكۈپ قويسام قارشى تەرەپ رىمونىت قىلغىلى ئۇنىماي قالىدۇ.  بىئوستىن زاۋۇت ھالىتىگە قانداق تەڭشەيدۇ   يول كۆرسەتسىڭىز؟

Rank: 2

تۆھپە
27
تىللا
22
شۆھرەت
19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 00:41:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhammad يوللىغان ۋاقتى  2012-1-27 21:03
ياخشىمۇ سىز AplaSorry :
قارىغاندا سەل جىددىلىشىپ قالغان ئوخ ...

ھە راس بۈگۈن بىئوس قا كىرسەم قاتتىق دىسكا ئۇچۇرى يوق تۇرىدۇ بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ نەچچە قايتا قوزغىتىپ باقسام ئاندىن كۆرۈندى شۇندىن كىيىن تۇرۇپلا يوقاپ كىتىدۇ تۇرۇپلا پەيدا بوپ قالىدۇ. قانداق ئۇچۇرلار كۆرۈنگەنلەكىنى يوللاپ بىرىشكە ھازىر ئىمكانىيەت بولماي قالدى ئەتە ئەتتىگەندە ھەممە ئۇچۇرنى رەسىمگە تارتىپ يوللاي كۆرۈپ باقسىڭىز...؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 08:43 , Processed in 0.397700 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش