ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 178|ئىنكاس: 3

تۈركىيەنىڭ داڭلىق چولپىنى «شابان»   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2916
تىللا
2561
شۆھرەت
4747

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 21:36:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كەمال سۇنال 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بۇلۇپ،تۈرك تىياتىرچىلىقى،كومىدىيەلىك كىنو ساھەسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەتچىلىرىنىڭ بىرى.داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى كەمال سۇنال،تۈرك كىنوچىلىقىدىكى جانلاندۇرغان روللىرى ئارقىلىق خەلىقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.ئۇ ئالغان روللىرىدا،ساددا،تەلەيلىك ۋە ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. كەمال سۇنالنىڭ كىنولىرى تا ھازىرغىچە خەلىق تەرىپىدىن ياقتۇرۇپ كۆرۈلۈپ كەلمەكتە ھەم كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كىنولار قاتارىدا تۇرماقتا.
بالىلىقى:
ئىستانبۇل كىچىك بازار رايونىدا تۇغۇلغان سەنئەتچىنىڭ دادىسى مالاتيادا تۇغۇلغان بولۇپ،  Migros تاللا بازىرىدىن پېنسىيىگە چىققان مۇستاپا سۇنالدۇر.ئاپىسىنىڭ ئىسمى سائىمە سۇنالدۇر.كەمال سۇنالنىڭ جەمىل سۇنال،جەڭگىز سۇنال ئىسىملىك ئىككى ئىنىسى بار.
سەنئەتچى باشلانغۇچ مەكتەپنى مىمار سىنان باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى ۋە تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىنى پۈتتۈردى.ئۇنىۋېرسىتېتنى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق بۆلۈمى بىلەن باشلىدى.ئوقۇش جەريانىدا Emayetaş زاۋۇتىدا ئىشلىگەن.ۋەفا تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىسى بەلكىس بالكېرنىڭ سەنئەتچىنى مۈشفىك كەنتەر بىلەن تونۇشتۇرۇشى،كەمال سۇنالنىڭ كېيىنكى ئىش ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.



ئىش ھاياتى:
1964-يىلى ئەنقەرە باندو-مىزىكا بىرلىكىدە ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ.سەنئەت ھاياتى ۋەفا تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىدە ئىشتىن سىرت "Zoraki Tabip"  ئىسىملىك تىياتىردا رول ئىلىشى بىلەن باشلايدۇ.تۇنجى قېتىم كەنتەرلەر تىياتىرخانىسىدا كەسپى ئارتىس بولۇپ ئىشلىگەندىن كىيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۇلۋى ئۇراز تىياتىرخانىسىدا،قىسقا ۋاقىت ئايفەر فەراي تىياتىرخانىسىدا،ئاخىردا دەۋەكۇشى تىياتىرخانىسىدا ئىشلەيدۇ.دەۋەكۇشى تىياتىرخانىسىدا رول ئالغان بىر تىياتىردا ئەرتەم ئەگىلمەز سەنئەتچىنىڭ رول ئېلىش قابىلىيىتىنى بەك ياقتۇرۇپ قالىدۇ ۋە شۇنداق قىلىپ كىنوچىلىق ساھەسىگە يۆتكىلىدۇ.تۇنجى رولىنى 1973-يىلى ئەرتەم ئەگىلمەزنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى(  Tatlı Dillim) «تىلى تاتلىقىم» ئىسىملىك فىلىمدە رول ئالىدۇ. ئېگىز بۇيى سەۋەبىدىن ۋاسكېتبولچىنىڭ خاراكتېرىنى جانلاندۇرىدۇ.بۇ فىلىمدە رول ئالغاندىن كىيىن ئەرتەم ئەگىلمەزنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى باشقا فىلىملەردىمۇ رول ئېلىشقا باشلايدۇ.
تۈرك كىنوچىلىقىدا ئىنەك شابان خاراكتېرى بىلەن پۈتۈن خەلقنىڭ يۈرىكىدىن ئورۇن ئالغان كەمال سۇنال،يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.ئىنەك شاباننىڭ ياقتۇرۇشقا ئېرىشىشى بىلەن كەمال سۇنال نۇرغۇن فىلىملەردە شابان ئىسمى بىلەن رول ئالىدۇ.



1974-يىلى توي قىلىدۇ.ئالىي ۋە ئەزو ئىسىملىك بىر قىز،بىر ئوغلى بار.1977-يىلى ئانتاليا كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.1990-يىللاردىن باشلاپ رول ئالغان فىلىملىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلمەي كۈندە دېگۈدەك تېلېۋىزورلاردا قۇيۇلىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ.ئەمما،ئۆزى بۇلار ئۈچۈن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدىن ھەق تەلەپ قىلمايدۇ.
يېرىم يولدا تاشلاپ قويغان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن ،مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتى،رادىئو تېلېۋىزىيە ۋە كىنوچىلىق بۆلۈمىنى1995-يىلى ئوقۇپ پۈتتۈرىدۇ ۋە ئارقىدىنلا ئۇلاپ ماگىستىرلىقنى تاماملايدۇ.
ۋاپاتى ۋە ئاخىرقى يىللىرى:
پۈتۈن ئۆمرىدە جەمئىي 82 فىلىمدە رول ئالىدۇ.2000-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى بالالايكا فىلىمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى باشلاش ئۈچۈن تىرابزونغا مېڭىش ئالدىدا،ئايروپىلان قوزغىلىدىغانغا ئاس قالغاندا يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئىستانبۇلدىكى زىنجىرلى ساھىلى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

مەنبە:http://nur.cn/html/news/50124.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-26 21:38  

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
472
تىللا
390
شۆھرەت
889
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 21:53:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇنى مەن بار ئادەم دىسەم ئۈلۈپ كەتكەن دەڭلا مەن تېخى ھازىرمۇ بار دەپ ئويلاپتىكەنمەن ،بۇ شاباننىڭ بەزى كۈرۈنۈشلىرى بەئەينى ھەجۋى رەسىمنىڭ ئۆزىلا...

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
282
تىللا
389
شۆھرەت
433

ئاكتىپ تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 00:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھايات دەپ يۈرەتتىم تېخى بۇ ئاداشنى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
68
تىللا
66
شۆھرەت
75
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 04:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شابان بىر ئۆمۈر ھەقىقى ساددىلىقنى ھىس قىلدۇرۇش بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ئاكىمىزنىڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 07:49 , Processed in 0.396679 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش