ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 308|ئىنكاس: 5

ئىنتىل سەيناسىدىكى ئىنتىلىشنى سىغىندىم !!!!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
68
تىللا
66
شۆھرەت
75
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 07:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ئىنتىل سەيناسىدىكى سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىم ، ئۇزۇن بوپتۇ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىم بىلەن بىريەرگە كېلىپ ئۆز ئارا دىدارلىشىپ سالاملاشمىغىلى ،
ئۇزۇن بوپتۇ ئىنتىل سەيناسىدىكى كوئىنلۇن ، كۈلكە ، ئاتامان ، ئىنتىل .......... ئوقۇقۇچىلىرىمنىڭ مۇسابىقىگە چۈشكەن ھالاتلرىنى كۆرمىگىلى ، بۈگۈن نىمىشقۇدۇر ، قەشقەردىكى ئاشۇ يىللاردىكى قىزغىنلىقلىرىمنى
شۇنداق سېغىنىۋاتىمەن ، ئىنتىل سەيناسىغا يېڭى تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇۋاتقان ۋاقلىرىمدا ئوقۇتقۇچۇمنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن كىرىشكە باشلىغان ئىدىم ، ئۇچاغدا مەن پەقەت ياردەم تېمىسىنى بەك كۆپ يازغاچقا شۇنداق خىجىل بولاتتىم  . ئەمدى -ئەمدىلەردىن تېما يوللاشنى ، ئىنكاس قالدۇرۇشنى ،
كوئىنلۇن ئەپەندىمنىڭ توپلام دىسكىلىرىنى قىزىقىش ھەيرانلىق ئىلكىدە چۈشۈرشنى بەكلام ياخشى كۆرەتتىم ، بىركۈن بۇ سەيناغا كىرمىسەم كۈنۈم ئۆتمەيدىغاندەكلا بىرخىل گاڭگىراپ قالاتتىم
ئۆزۈم يېڭىلىق تېما يوللاشنى بىلمىگەچكە مەنمۇ ئىنتىل سەيناسى ئۈچۈن بىررەر ئىش قىلىپ بەرسەم بولاتتى دەپ ئويلاپ باشقا مۇنبەرلەرنى بىر مەلۇم تېمىنى كۆچۈرۈپ
ئىنتىل سەيناسىغا يوللىغىنىمدا ، بىر قىسىم دوستلىرىمىز مىنى شۇنداق تەنقىدلەپ كەتكەن ئىدى شۇ تەنقىد پىكرىگە چىدىيالماي ئىنتىل ئەپەندىمگە ئۇچۇر يوللاپ تېمامنى ئۆچۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغىنىمدا ئىنتىل ئەپەندىمنىڭ شۇنچىلىك ئىللىق مۇلايىم ھالدا خۇددى ئۆز ئۇرۇق تۇققۇنۇمدەك كۆڭلۈمنى ياسىغىنى ۋە قانداق تېمىلارنى يوللاش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى ئويلىسام ئۇلارغا شۇنداق ھۆرمىتىم كېلىدۇ ، ئىنتىل .... قاتارلىق نۇرغۇن ئوقۇتچۇچىلىرمنىڭ (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن بولمىساممۇ ) ئۇيەر بۇيەردىكى خاتىرە رەسىملىرى ۋە قىسقا قىسقا چارىباغ ۋە بىھىشباغ تاماقخانىلاردىكى ئولتۇرۇش فىلىملىىر ھېلى ھەم كومپىيۇتېرىمدىن ئايرىلمىدى ، شۇ چاغلاردا مەن چوقۇم ئىنتىل سەيناسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرسىگە ئايلىنىمەن دەپ نىيەت قىلاتتىم ، ئەجەب ئۆتۈپتىكەن شۇ كۈنلەر ، مانا ھازىر توپ توغرا 4 يىلدىن ئېشىپتۇ ، مانا مەنمۇ بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن ، ئۇزۇن بولدى ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلار تۈپەيلى توربېكەت يۈزىگىمۇ چىقالمىدىم ، ئەمدى ئاللا بۇيرۇسا مەنمۇ شۇ گۈزەل ئەخلاقلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمدەك  ئىنتىل سەيناسىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇشنى شۇنداقلا بۇ سەينادىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم بىلەن يار يۆلەكتە بولۇشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن !

كەچۈرۈڭلار ئۇستازلار مەن كېچىكىپ قالدىم !

Rank: 4

تۆھپە
220
تىللا
362
شۆھرەت
411
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 12:16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام خۇش كېلىپسىز.
سىز ئېيتقاندەك مەنمۇ سېغىندىم بۇرۇنقى ئۇستاز ھەم دوست بۇرادەرلەرنى بىراق ھەممىسى يوققۇ. نىمە بولدىكىن......
ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك ياردەم تېمىسىنى بەك تولا يوللاپتىكەنسىز.  ھې ھې ..
خۇلاسەم : ھەممىسى ئۆگىنىدىغاننى ئۆگىنىپ تاشلاپ قويغاندەك بىلىندى ئىنتىلنى.!
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5288
تىللا
4139
شۆھرەت
8967

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 12:45:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنغان بولسىڭىز كۈندە كىرىپ سەينانى يوقلاپ تۇرۇڭ، بىلگەننى يوللاڭ، بىلمىگەننى سوراڭ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ بىرلىكتە ئالغا باسىمىز.
taxna520   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
414
تىللا
630
شۆھرەت
701

ئاكتىپ تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 01:03:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەزىدە سۇئال تىمىلارنى بەك كۆپ يوللايمەن لېكىن بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
68
تىللا
66
شۆھرەت
75
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 04:42:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق ھەي سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما دىگەن گەپ بار ، ئۇلارمۇ ھامان بىر كۈنى ئىنتىل سەيناسىغا قايتىپ كىلىدۇ !

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
68
تىللا
66
شۆھرەت
75
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 04:49:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوئىنلۇن ئەپەندىم بىلىدۇ ، مەن خېلى بولدى بىر كەسپىي توربېكەت قۇرۇش ئىشى بىلەن ، ئاللا بۇيرىسا مانا بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ تورىنى ئىچىشتىن بۇرۇن
ئىنتىل تورىنى ئىچىۋاتىمەن ، مىنىڭمۇ ئازىراق بولسىمۇ ئىنتىل ھەۋاسكارلىرىغا قولۇمدىن كىلىشچە يار يۆلەكتە بولغۇم بار ، ئاللا خالىسا شۇ نىشانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھە دەپ ئىقدىساد يولىغا ماڭىدىغان گەپكەن ، بۇ قىيىنچىلىقلارمۇ پات ئارىدا تۈگەپ قالا !!!! ئۇستازلىرىمنىڭ تەلىم تەربىيسىگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئېيتىمەن رەھمەت سىلەرگە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-8 17:52 , Processed in 0.121663 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش