ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 6

MIUI ئۇيغۇرچە نەشىرى(2.3.7)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Tiken 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
130
تىللا
185
شۆھرەت
169

ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 02:17:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام مۇنبەرداشلار!
ئاۋال بىر ئاچچىقلىۋالاي! ھىم، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش گورۇپپىسىمۇ قۇرۇلدى، ئەپ تەرجىمە قىلىش دەرىسلىكىمۇ ئىشلىنى يوللاندى!

تاس قالدىڭلار توپنىڭ ئىشىكىنى چېقىۋەتكىلى زادى مەنمۇ كىرمىسەم بولمايتى تەرجىمە توپىغا دەپ!
ئەمدىچۇ؟ بولمىسا تېمىغا ئېنىق يازغان، ئۆزىڭىزنى ئوبدان دەڭسەپ بېقىپ ئاندىن كىرىمەن دەڭلار دەپ!
قېنى شۇ مەيدىسىگە قاققانلار؟ بىر ئاي بولدى، ھېچ تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەرنى كۆرمەيمەنغۇ؟

شۇ ئاچچىقىمدا مانا 10 كۈن بولدى روم بولىقى يېشىش، ئەلالاشتۇرۇش، روم يەرلىكلەشتۈرۈش، java,ubuntuدىگەندەكلەرنىمۇ خېلى ئۈگۈنۈپ قاپتىمەن!
نەق گەپكە كەلسەك :
يېڭى نىشان، ئالى تىلەك، شىرىن ئارزۇ ! مۇنبەر ئېچىلدى! دىگەن تېمىدا كۆپچىلىككە چوقۇم miuiنىڭ رومىنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىمىز(تارقىتىمەن دىسەم بوپتىكەن) دىگەن ئىدۇق، ئېغىزدىن چىققىنى لەۋىز بولىدىكەن، چىدىمىساممۇ چىداپ ئاخىرى بارلىق تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ ھازىر تەرجىمە خىزمىتى 30% پۈتتى.
مانا ئىسپات:
تۈنۈگۈن 11:48 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (67.74 KB)


تۈنۈگۈن 11:48 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (508.71 KB)


تۈنۈگۈن 11:49 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (521.01 KB)


تۈنۈگۈن 11:45 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (83.22 KB)


تۈنۈگۈن 11:45 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (24.48 KB)


تۈنۈگۈن 11:45 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (96.69 KB)


تۈنۈگۈن 11:46 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (511.74 KB)


تۈنۈگۈن 11:44 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (64.33 KB)


تۈنۈگۈن 11:44 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (84.29 KB)


تۈنۈگۈن 11:44 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (72.3 KB)


تۈنۈگۈن 11:45 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (273.03 KB)


تۈنۈگۈن 11:44 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (74.83 KB)


تۈنۈگۈن 11:44 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (80.19 KB)


تۈنۈگۈن 11:44 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (73.78 KB)


تۈنۈگۈن 11:44 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (93.94 KB)


تۈنۈگۈن 11:44 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (60.59 KB)




ئىسپاتنى كۆردۇقمۇ ؟ ئىشەندۇقمۇ؟
ساقلاپ تۇرۇڭ ئەمىسە ، پات ئارىدا پۈتۈن يەرلىكلەشتۈرۈلۈپ چىقىلىدۇ!


تەرجىمە قىلىنغان ۋە ھەل قىلىنغان مەسىلىلەر:
1. ئاساسىي رايۇندا ھېچقانداق ھەرىپ ئۇلانماسلىق مەسىلىسى 90% ھەل قىلىندى(ئە ۋە ى لا ئۇلانمايدۇ)
2.كېيەيتىلگەن رايۇندا 100% نورمال ئۇلىنىدۇ( ئوڭدىن سولغا، تىنىش بەلگىلەردىن تارتىپ نورمال)
3. سىستېما يۈزىدىكى ھەرقانداق بىر ئورۇندا ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر ۋە سۆزلەر ئاپتوماتىك ئوڭدىن سولغا ئالمىسىدۇ(رەسىمدىن كۆرىۋالالايسىز)

ئەمدى تارقىتىش جەريانىغا كەلسەك ھازىرچە ھەقسىز تارقىتىش ئويلىشىلمىدى، سەۋەبى:
1. بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاز بولمىغان چىقىملار سەرىپ قىلىندى
2. ئەينى ۋاقىتتا سىيىمبىيانغا خەت نۇسخىسى ياساپ ھەقسىز تارقاتقاندا بەزى بىر قىسىم نومۇسسىز تېلېفون دۇكانلىرىدىكى <<پەخىرلىك>> ئۇيغۇرلىرىمىز ھەقلىق قاچىلاپ يۈرۈپتۇ، تارقاتقاندا بولمىسا ئېنىق قىلىپ سودا خارەكتىرىدىكى ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ تارقاتقان، بۇ گەپ دەل شۇ  <<پەخىرلىك>> ئۇيغۇرلىرىمىزغا قارىتىلغان گەپ ئىدى.
ئەگەر بۇ روم نى ھەقسىز تارقاتساق ئېنىقلا يەنە شۇلار نومۇس قىلماي ھەقلىق قاچىلاپ يۈرىدۇ، بۇنىڭغا كۆپچىلىكنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، شەخسەن مەن شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە:
1. ئوڭدىن سولغا توغۇرلاندى، بۇ ياخشى ئىش ، لېكىن مەسىلە مۇنداق:
تۈنۈگۈن 11:57 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (65.49 KB)



رەسىمگە ئوبدان قارايدىغان بولساق ئاۋۇ تاق تاللاش رامكىسى(chekbox) لارنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە خەتلەر مىنىۋاپتۇ
ھەي، بۇنىڭغا ئامال يوقتەك قىلىدۇ، بۇلا ئەمەس سىستېمىنى ھەرقانداق بىر تاق تاللاش رامكىسى بار ئورۇنغا خەت مىنىۋىلىشى مۇمكىن(ئۇيغۇرچە خەتلەر)
بۇنىڭ مەشغۇلاتقا ھېچقانداق تەسىرى بولمىغان بىلەن كۆركەملىككە بەك چوڭ تەسىرى بار ئىكەن.
2. ئاساسىي رايۇندا نورمال كۆرسىتىش مەسىلىسى، بۇ مەسىلە ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە ، ئەگەر ھەل قىلمايدىغان بولساق، بىلىك قاتارلىق مۇنبەرلەردىكى بەزى <<ئاقىللارنىڭ>> چالما كېسىكىگە چوقۇم ئۇچرايدىغان گەپ( ئېلھام بېرىشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ)


قالغان مەسىلىلەر ئاساسەن ھەل قىلىنىپ بولدى
بارلىق MIUنى قوللايدىغان يانفونلارغا روم ياساش مەسىلىسىگە كەلسەك گەرچە تېخنىكىلىق تەييارلىقلار پۈتكەن بولسىمۇ ئۆزۈم يالغۇز قىلىۋاتقان بولغاچقا ۋاقىت سەل سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىراتماسلىقىنى سورايمىز!


تەرجىمە پۈتكەندىن كېيىنكى خىزمەتلەر:
ئادەم بولغان ئىكەن خاتالىقتىن ساقلانمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ، ئۈستىدىكى رەسىمدىمۇ بىر ئىملا خاتالىقى بار، پۈتۈن تەرجىمە تۈگىگەندىن كېيى ئىملا تەكشۈرۈش قىسمىنى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغۇم بار، ۋاقتى كەلگەندە ئايرىم تېما يوللاپ ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.


خەيىر مۇنبەرداشلار <<پەخىرلىك تەرجىمە گورۇپپىسى >> ئەزالىرى!
1

باھا خاتىرىسى

Tiken 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
130
تىللا
185
شۆھرەت
169

ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 20:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىلدىكىلەر يانفون ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچتۇقمۇ؟ بۇرۇن قىززىپ قوياتتى يانفوننىڭ گەپلىرى، ئەمدىن جىمغۇ؟
serdar 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
247
تىللا
431
شۆھرەت
463
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 23:35:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەچەت ئىش بوپتۇغۇ مانا ! بارىكاللاھ ئوغلانلار !!!!! يارايسىلەر !


قارىغاندا كۆپىنچە كىشىلەر ئايفون ئىشلىتىپ ئاندىرويىد ئىشلەتمەيۋاتامدۇ نېمە ؟
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2417
تىللا
2431
شۆھرەت
4508

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 00:10:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ ھەقلىق بولغىنى ياخشى .  شۇ چاغدىلا تەرەقىيات ئىستىقبالى بولىدۇ
muhpul 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
433
تىللا
1151
شۆھرەت
933

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار پىداكار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 03:43:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈممۇ ئاندىرويىد ھەۋەسكارى ،  لىكىن بۇ جەھەتتە بىلىمىم چەكلىك . قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قىرىندىشىم  ... ئۇيغۇر يانفۇنچىلىقى سىزدەك تىرىشچان ، ھارماي-تالماي ئىزدەنگۈچىلەرگەن مۇھتاج ، بۇ روم ھەقلىق تارقىتىلىشى كىرەك ، سىزنى  قوللايمەن !
بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى ، ئەسكى تامنىڭ قىشلىرى ...
muhpul 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
433
تىللا
1151
شۆھرەت
933

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار پىداكار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 03:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈممۇ ئاندىرويىد ھەۋەسكارى ،  لىكىن بۇ جەھەتتە بىلىمىم چەكلىك . قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قىرىندىشىم  ... ئۇيغۇر يانفۇنچىلىقى سىزدەك تىرىشچان ، ھارماي-تالماي ئىزدەنگۈچىلەرگەن مۇھتاج ، بۇ روم ھەقلىق تارقىتىلىشى كىرەك ، سىزنى  قوللايمەن !
بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى ، ئەسكى تامنىڭ قىشلىرى ...
Tiken 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
130
تىللا
185
شۆھرەت
169

ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 13:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhpul يوللىغان ۋاقتى  2012-1-26 03:43
ئۆزۈممۇ ئاندىرويىد ھەۋەسكارى ،  لىكىن بۇ جەھەتتە بىلىم ...

رەھمەت! دىگىنىڭىز كەلسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 08:03 , Processed in 0.546150 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش