ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 142|ئىنكاس: 0

ئىككى ئۆلچەملىك كارتون سىنىپىغا تىزىملىتىڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
26
تىللا
20
شۆھرەت
18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 23:14:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://tap114.com/karton/
ياپونىيە دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتىتى كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئېرپان يارمۇھەممەت، 2012- يىللىق قىشلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن،ئىككىنچى قېتىملىق كارتون فىلىم تەربىيىلەش كۇرۇسنى ئاچماقچى!!!
  <جانلانما سۆرەت> يەنى كارتون فىلىم دېگەن بۇ ئىپادىلەش سەنئىتى 21 – ئەسىردە كىنو ۋە تېلىۋىزىيە قاتارلىق ئېكران ئىپادىلەش ۋاستىلىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان  ۋە تەرەققىياتى ئەڭ تېز دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىپادىلەش ۋاستىسى بولۇپ، مېدىئا ۋاستىلىرى ئىچىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئىپادىلەش ۋاستىسى بولۇپ قالدى.
  پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈچ ئۆلچەملىك كومپيوتېر گرافىكىسى يەنى 3DCG تېخنىكىسى قوللىنىپ ئىشلەنگەن، رىئال دۇنياغا يېقىن ۋە كۆركەم بولغان كۆرۈنۈشلۈك كارتون فىلىملار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، <كارتون فىلىمنىڭ جەننىتى> ۋە <كارتون دۆلىتى> دەپ ئالغان ياپونىيە بولسا تەكشىلىكتىكى ئەنئەنىۋىي كارتون فىلىم ئىشلەش ئۇسلۇبىنى ساقلىغان ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ،خەلقئارادا ئالىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.بولۇپمۇ تېلىۋىزىيە كارتون فىلىمنى ئاساس قىلغان <ياپونىيىچە كارتون فىلىم> خەلقئارا تېلىۋىزور سەھنىسىدىكى ئورنىنى تىكلەپ، قويۇلۇۋاتقان كارتون فىلىملار ئىچىدە 85%تىن ئارتوق فىلىمنىڭ ياپونىيە كارتون فىلىمى بولۇشتەك غايەتزور نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.ھەمدە ياپونىيىنىڭ يېڭىچە مەدەنىيىتى سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلۇپ كەلمەكتە.
2011-يىلى 8 – ئايدا،ياپونىيىدە كارتون فىلىم كەسپىدە ئوقۇۋاتقان سىتۇدىنت ئېرپان يارمۇھەممەت، كارتون فىلىمنىڭ ھەقىقىي ئېنىقلىمىسى، قائىدىلىك ئىشلىنىش ئۇسلۇبلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە مۇشۇ ساھەدە ئىلگىرلەشنى خالايدىغان ياشلىرىمىز ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىش ۋە ھەمكارلىشىش مەقسىتىدە بىر ھەپتىلىك كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپى ئاچقانىدى. گەرچە بۇ سىنىپنىڭ تەشۋىقات  ۋە ئېلان ئىشلىرى يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ھەر ساھە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىشى ۋە مەدىھىلىشىگە ئېرىشكەنىدى.
  كارتون فىلىمغا قىزىققۇچىلار ھەمدە مۇشۇ ساھەگە كۆرۈل بۆلىدىغانلارنىڭ قوللىشى ۋە تەلىپى ئاستىدا،قىشلىق تەتىللىك مۇناسىۋىتى بىلەن،ئېرپان يېڭى بىر قېتىملىق كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپى ئېچىپ،تېخىمۇ كۆپلىگەن ھەۋەسكارلارغا بۇ ساھە توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر  بولغان چۈشەنچە ۋە بىلىم بەرمەكچى. بۇ ساھەدە ئىلگىرلەشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەمدە قىزىققان ياشلىرىمىزنىڭ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-17 05:26 , Processed in 0.542563 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش