ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 294|ئىنكاس: 9

بىلەلمىسىڭىز ،قايتىپ كىرمەڭ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
44
تىللا
102
شۆھرەت
55
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 01:32:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمىسىڭز ،قايتا سوراڭ، يەنە بىلمىسىڭىز  يەنە سوراڭ .نەچچە قېتىم سورسىڭىزمۇ بۇلۇۋېردۇ.مەن سىزگە ياردەم قىلمەن.تارتىنماڭ.*شۇنداق بۇ بىر ئاقكۆڭۈل ،دانا،پەزىلەتلىك كىشنىڭ سۆزى.شۇنداقلا ئنسانغا كېرەك بولغان سۆزدۇر.شۇنداق بۇ بىزنىڭ جەمىيتىمىزنىڭ پىرىنسىپى ئىدى.تەلەپچانلىق ۋە مىھرى بىلەن ئىپادىلىندىغان ئتتىپاقلىق ئىدى.مۇشۇ پىرىنىسىپنى ئۆز ئەمىليىتى بىلەن بىزگە يەتكۈزۇپ كېلۋاتقان  كىشىلىرمىز   ئىزەتكە لايىق ،ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلۇپ كەلگەن ئىدى،ھېلىھەمۇ شۇنداق بۇلۇپ كېلىنشى كېرەك ئىدى. بىراق      بۇ   ئەڭ ئەقەلىي  پىرىنسىپمۇ  بىزنڭ  تۇپرىقىمىزدا  كىشنىڭ ئەقلىگە سغمايدىغان دەرىجىدە  توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا.ئاشۇ ئەڭ سۇيۇملۇك كىشىلىرمىز بولسا خار -زار بولماقتا.مانا ئادىي مىسالى تۆۋەندىكدەك.
       بۇ نارسىدىلەر  بۇ مەۋسۇم  ساۋاتسىز پېتىم ئوقۇش تاماملامدۇ ، شىنجاڭ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ  ئەدەبىيات كەسپىنى پۇتۇرگەن ئۇيغۇرىيەگە دەرس بۈلۇپ بەرمەي بەكمۇ تىتىت قىلىۋەتتۇق. ئۇيغۇرىيە ئۇلارغا دەرس بەرسۇن    دېگەن تەكلىپنى پۈتۈن ئوقۇتقۇچلارغا  ۋاكالىتەن سىزگە يەتكۈزدۈم ،مەكتەپ مۇدىرى ، دەپ. ھەق سۆز قىلسا خەن زۇۋانى بىلەن چىقڭ ماڭا دەرس بەرگىلى  كىرگەنما، دەپ 70 نەپەر نارسىدىنى ساۋاتسىز قالدۇرسا  ، تۆھپە يارتىپAQ دىن مۇكاپات ئېلىشقا تەييار تۇرغانلىقنى ئپادىلگەن ئۇيغۇر ئاتا -ئانىدىن تۇغۇلۇپ قالغان  نۇمۇسىز زۇۋانىلار تۇپەيلىدىن ئازاپ يۇتمەكتە.بوزەك بۇلۇنماقتا. بۇنداقلارنى  بىلسىڭىز مەڭگۈ  ئارىغا ئالماڭ ،قۇدرىتىڭىز يەتسە جامائەت ئالدىدا  سۆكۈڭ.(بۇنداقلار ئللا بۇرۇن رۇدۇپاي روھلۇقAQ كۈچىكىگە ئايلىنىپ بولغان) بۇنىداقلارنى  بىر تەرەپ قىلدىغان يەرگە بارسىڭىز ، يىنىك بولسا  ئالدرماي تۇرۇڭ بىز چارە كۆرمىز، ئوڭشۇلدۇدەيدۇ،ياكى بولمىسا سەن بەك سەزگۇر بوپكېتىپسەن، جەمىيەت پىرىنسىپغا خىلاپلىق بۇلدىغان ئاقىۋەتىنى ،بىز تۇزەيمىز،قاتتىق  زەربە بېرمىز ،قوغلاپ تۇتىمىز، رەھىم شەپقەت قىلمايمىز  دەيدۇ.بولمىسا سىزنى كەتكۇزۇپ  قۇيۇپ  ، ئارقىدىنلا سىزنى پايلايدىغان AQ كۇچۇكىدىن نەچچىنى كۆزەتكۈچلىكە  سالدۇ. ئاخىردا سىز بىر ،ئاق ساراي سىرتىدىكى  نەزەر بەنىت قىلىنغۇچىغا ئايلىنىپ قالسىز. ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئشلارنى بولسا مۇشۇ تۇپراقنىڭ ئگىلىردىن 7 ياشلىق بالىمۇ ئەينەن تەسەۋۇر قىلالاييدۇ.
          قارسىڭىز بۇ زىمىندا ،جەمىيەت پىرىنسىپىدا  ياشاش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. ھەممە يەرنى AQ تۇمانلىرى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ئۆيۇمگە كىرىۋالمىسۇن دەپ ،ئشىك دەرىزنى ئللا بەرگەن ساپ  ھاۋا بىلەن نەپەسلىنىش ئۇچۇن   ۋاقىتلىق ئاچقۇنىڭىزنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، مەھكەم يېپىپ ، ئۆيگە AQ لارنى كىرگۈزمەي ،ئۆز قېرىنداشلىرڭىز بىلەن ياشسىڭىز مۇ ،بۇ شەخسىي ھوقۇقىڭىز مۇ  ئاخىرى قان يىىغلاييتى. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ، سېنىىڭ كوچاڭنى تەرەقىقىي قىلدۇرمىز دەپ ، قان ياشلىرڭغىمۇ ،ئازاپ بىلەن سۇقۇشتىن  توختاي دەپ قالغان يۈركۈڭنىڭ نىداسىىغىمۇ پەرۋا قىلماي ، ئىنسان تەسەۋۇردىن ھالقىغان ۋەھشىيلىك بىلەن كۇدە كۆرپەڭنى قۇشۇپ چېقىپ تاشلايدۇ.شۇنداق زىمنى يوق ئىنسان نەگە باردۇ؟ نەدە جان ساقلايدۇ؟ئۆلۋالسىمۇ ،ئۈلۈمنى ئۇزتىدىغان يەرمۇ يوق.بارلىرمىز ئارىيەتكە بېرىپ تۇرايلى دېسەكمۇ بولمايدۇ، چۇنكى ، بۇ  كىشى AQ نىىڭ  پىرىنسىپدا تۇرماي، ئنسانلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان جىنايەتچى .دېمەك بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز   100 %ئاقماس بۇلاي دەپتۇ.بەزى يەرلەردە  100 %تىن ئېشىپ كېتىپبارماقتا.

.      شۇنداق بۇ يەردە ئەڭ ئېغىر خەتەرگە ،زىيانغا ئۇچرۇتۇلماقچى بولغىنى كەلگۇسمىزگە يېتىپ بارماقچى بولغان پەرزەنتلىرمىزدۇر.ئۇلار بولمىسا بىزنىڭ كەلگۇسى يوق دېگەن گەپ .شۇنڭلاشقا ھەممىز ئۆزمىز قىلشىمىز كېرەك بولغان بۇرچىمىز ۋە ياردەمنى داۋاملاشتۇرايلى!ئۇنداق قىلالمىساق ،ئۇلار بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىنىمۇ بىلەلمەي، مەڭگۇ يېىنىمىزغا قايتىپ كېلەلمەسلەردىن بۇلۇپ قالدۇ !
      مەن تاماق ئېتەلمەيدىغان تۇرسام دەپ ،ئۆيگە مېھمان كىرسە ئاپىسنىڭ تاماق ئېتىۋاتقىننى كۇرۇپ ئولتۇردىغان ھاڭۋاقتىلارنىى ،  35ياشتىن ئاشقان ئوغلى تۇرۇپمۇ، قۇربانلىق قوي ئۆلتۇرگۈزۈش ئۈچۈن قاسساپ ئىزدەپ ماڭغان بوۋاينڭ  ، كومپۇيۇتېر ئېلىپ بەرسىڭىز كىچىك تۇرۇپلا qq خۇمار بۇلۇپ قالغان پەرزەنتىلىرىڭىزنىڭ، ساۋاقدقشىمنىڭ تۇغۇلغان كۇن ئولتۇرشغا باردىم دەپ خىجىل بولماي كەچ سائەت10دىن كىيىن ئۆيگە كىرسە بىر تەستەك سالالماي ئاچىقىنى تاماكا ئىسىدىن ئالدىغان ،گومۇش دادنىڭ،يەڭلىرى يوق تاسمىلىق كىيىملىرە بىلەن سورۇنلارغا بىللە بېرىپ سىز بىلەنمۇ، باشقىلار بىلەنمۇ تانسا ئوينىغىنىنى(سىزمۇ ئوخشاش) كورسۇتۇش ئۇچۇن يىتلەپ ئاپارغان كىچىككىنە قىزىڭىزنىڭ، بىر كۇنلەردىكى ئولتۇرۇشلاردا ئاپا سىز ،ئاۋۇ داداش بىلەن تانسا ئوينۇسىڭىز ياخشى ئوينايدىكەنسىز دېگەن   كورۇنۇشلىرى ئېسىڭىزدىدۇرۇ .   
           مانا بۇلارنىنڭ باش سەۋەپچىسى ، سىزنىڭ ئۆز تەۋەلىكىڭىزدىكى ئىشقىمۇ سۇسلۇق قىلغىنىڭىزدا،تەلەپچانلىق ،ياردەم دېگەننى خۇشالىق دەپ قارىماي  ،پىرىنسىپسىز  ئادەمگە ئايلىنىپ قالغىنىڭىزدا، ئەمدى ۋاقتىڭىز قالدىمۇ؟!ئۆزۇڭىزگە ياردەم قىلمىسىڭىز ،كىم سىزگە ياردەم قىلدۇ؟رۇدپاي AQ مۇ؟ئۇنىڭ قانداقلىقىنى تېىخچە بىلمەي شىرىن گەپلىرگە قۇلاق سېلىپ يۇرگەن بولسىڭىز ،سىز تۇگىشەيلا  دەپ قاپسىز.
          مەن كۆچمەنلەر تىلدا ئوقۇۋاتقان  بولغاچقا ،ئۇيغۇر تىلىدا  سۆزلىسەم  گاچىدەك سۆزلەيدىكەنمەن ،   شۇڭا خاپا بولسىڭىز بولمايدۇ،دەپ ئۆز يۇركىنى    AQ نىڭ چاپىننى بىلەن ئوراشقا تەييار تۇرغانلىقنى  ئوچۇقلا ئېيتىپ بەرگەن  پەرزەنتىگە  قايتىدىن كەسكىن ھەم تەلەپچانلىق بىلەن ياردەم قىلىپ ،ئۇنىى مەڭگۈلۈك يۈرەك كېسلى بۇلۇشتىن  ساقلاپ قېلىپ ،گۇناھكار بۇلۇشتىن قۇتۇلغان  ئانىنىڭ  ھېكايسىنى ئاڭلاپ ئاجايىپ تۇيغۇلاردا بۇلۇپ قالغان ئەسلىملىرڭىزباردۇر بەلكىم .
          ئەمدى ئۇيغۇرلۇقنى پەقەت ئۆيدە كەسكىن ۋە تەلەپچانلىق بىلەن ئېلىپ بارمىساق بولمايدىغان  زامانغا ۋە ماكانغا قالدۇق.6يىلدىن بېرى ئەمەس ئارقىسىغا بىر نۆل قويسىڭىز تەڭ بولدىغىان ،ئاشۇ ۋاقىتلاردىن بېرى ئاللا ،ئۆزەڭ ساقلىغايسەن دەپ تىلەپ كەلگەن ئشلارنىنىڭ نەتىنجىسى مانا بۇگۇنكىدەك(گەرچە ئاجايىپ زور بەدەللەرنى تۆللەپ تىرىشقانلار كۆپ بولغان بولسىمۇ (چۇنكى*بىز رۇدىپايغا ئۆز قاچمىزدا ئاش بەرگەن*).شۇنداق مالمۇ يوق،ۋاقىتمۇ يوق ،پەقەت جانلا  قالدى بىزلەردە.  جاندىن تۇكۇلگەن ياردەملا بىزنى ساقلاپ قالدۇ.چۇنكى بىزنى  قۇتقۇزدىغان جاننى ئۇلۇغ ئاللا بىزگە بەردى!  ئەڭ ئەقەلىي ھەققانىي ئشلاردىمۇ قاتتىق قول تەلەپچان  بۇلۇپ ياردىمىمىزنى ئايمايلى.بۇ       ئەڭ ئاخىرقى ئۇمۇد ۋە ئشەنىچىمىز  ،  ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشساق ،ئۇيۇشالمىغانلارنىمۇ قايىل قىلىپ سېپىمىزگە ئەكىرسەك ،AQ نىڭ يۇركۇمىزگە سانجىماقچى بولغان چىغىنى سۇندۇرۇپ تاشلاشلا ئەمەس،سۇيقەسىت بىلەن مىڭىمىزگە كىرگۈزمەكچى بولغان مىكرو دولقۇنلىرنىمۇ چىقىرۋېتەلەيمىز.بۇ پەقەت قاتتىق تەلەپچانلىق ۋە سۆيگۈ بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىتپاقلىقنىڭ قۇدرىتى بىلەن  ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.  
      
      ئانا دەپ زۇۋان چىقان ،مەن ئادەم داۋالايدىغان دوختۇر بۇلۇمەن. سۇبات چاشقان داۋالايدىغان دوختۇر بۇلدۇ (ئنىسى سۇباتقا قاراپ) دەپ جاۋاپ بەرگەن  شوخ ،زېرەك رەيھانەمۇ  ،  * ياق ،مەن ئېگىز ئۆي سالىدىغان ئادەم بۇلۇمەن *،دەپ ئنكاس قايتۇرغان    ئەقىلىق سۇباتمۇ *ئانا *دېگەن سۆزنى  ئەمدى پەقەتلا ئۆيىدىكى ئاشۇ پەرىشتە سۈپەت ئانا  ئارقىلىق ،غۇنچەمنىڭ ئېلپبىەنى تۇگۇتىشى*دېگەن دەرسكە قاتنىشىپ، غۇنچەمدەك ئۇيغۇرتىلنى راۋان ئوقۇپ ،يازالايدىغان بۇلۇش ئۈچۇن تىرىشمەن دەپ ،مۇئەللىم  ۋە دوستلۇرنىڭ  ئالدىدا ۋەدە  بەرگەن  كىچىك ئوماقلارمۇ  ئاشۇ ۋەدىسىنى يەنىلا شۇ ئۆيدىكى  پەرىشتە ئانا ئارقىلىق ،ئەمەلگە ئاشۇرمىسا بولمايدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا  قالدى.شۇنداق . ھەق گەپنى قىلساق ياردەم قىلالايدىغان  ئادەمدىن سىلەرلا قالدىڭلار.
    ئۇيغۇرتىلدا ئوقۇتۇپ ،ئۇيغۇر مەدىنيىتنى چۈشۈندىغان ھالغا ئەكىلىپ قويسىڭىزمۇ ،سىز سىرىتىن ئىش -ئەمگەكىڭىزنى تۇگۇتۇپ ،ئۆيگە قايتىپ كېرىپ ،ئورۇندۇقتا ئولتۇرسىڭىز ،ئايالىڭىز تاكى تاماقنى ئېتىپ ،ئاندىن چاي دەملىمىگىچە ،ئۆز ئۈيۈدە خۇدى ئالىم بۇلدىغاندەك ،ئۆگۈنۇش قىلدىم دەپ ئىشىكنى چىڭ يېپىپ قۇيۇپ ،تاماققا ئۈلگۈرۈپ  چۈشۇدىغان پەرزەنتىڭزگە ئاتلىق تەسىرڭىزنى سىڭدۇرۈڭ .قىزىڭىزغا ،قاچا قۇچنى يۇغۇشتۇرۇڭ دەڭ.ئايالىڭىز دەم ئېلىش كۇنىمۇ خزمەت  قىلىپ ئۆيدە بولمىسا ،ئۆينى تازلاشقا بۇيرۇڭ.ئوغلۇڭىزنى بولسا چوڭلارنى يوقلاشقا ئەۋەتىڭ.ئۆيدە ئەر كىشى قىلىشقا تېگشلىك ئىش بولسا ئوغلۇڭىزغا قىلغۇزۇڭ.


           ئەڭ ئەقەلىي پىرىنسىپىمزدا ئاخىرغىچە، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىمىز قالغۇچە چىڭ تۇرايلى!! بۇنىڭ  ئۈچۇن تىرىشايلى !!!!! بۇنى ئورۇندىيالماي قالارمەنمۇ دەپ ئەندىشە قىلغۇچى قىرىندىشىمىز بولسا ، ئۆز كۆزۈم  بىلەن  كۆرگەن تەسىرلىك ئىشلارنى بۇ يەردە يېزىپ قالدۇرۇش بىلەن ئىلھاملاندۇرمەن.
          مەن ھازىر ئوقۇۋاتقان بۇ دۆللەتىمۇ ئۇيغۇرلار خېلى كوپ ئدى.كېلىشتىن بۇرۇن بۇ  يەردىكى داڭلىق بىر شىركەتتە ئېنجىنېر  بۇلۇپ ئشلەۋاتقان ئاكىمىز توغرۇلۇق مۇنداق بىر كىچىك بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم .
بىركۇنى  دوستۇمنىڭ ئاكىسى ،بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان بۇلۇپ بېرىپتۇ.
بۇ ئاكىمىز دوستۇمنىڭ ئاكىسنى كۈتۈۋالغىلى 7 ياشلىق قىزى تاڭنۇرىنىمۇ بىللە ئەگەشتۇرۇپ ،بېكەت ئالدىغا چىقىپ تۇرغان بۇلۇپ ،دوستۇمنىڭ ئاكىسى بىلەن قىزغىن سالاملىشىپتۇ.تاڭ نۇرىمۇ  ناھايىتى چىرايلىق ئۇيغۇرچە سالاملىشىپتۇ.ئۇلار پاراڭلاشقاچ  ئۆيگە يېقىن كېلەي دېگەندە  ،تاڭنۇرى دادا  مەن كۆكتات سېتۋېلىپ ئارقاڭلاردىن  كېرەي دەپ ،يان تەرەپتىكى تاللا بازىرى تەرەپكە بۇرۇلۇپ مېڭىپتۇ.
ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا ،دوستۇمنىڭ ئاكىسى ئارقىسىدىن بىرەيلەنىڭ ئەگشىپ ماڭغىنىنى ھېس قىلىپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ ،تاڭنۇرىنى  كۆرۇپتۇ.تاڭنۇرى خىجىل بولغان ھالدا ،دادسىغا قاراپ ،
دادا ،ئاپام بۇيرۇغان بىر خىل كۆكتاتنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .خاپا بولماي دەپ بېرىڭە، بۇلامدۇ ،دەپتۇ.
ھە، غول پىيازنى  ئۇنتۇپ قاپسىزدە ،دەپتۇ.بۇ ئاكىمىز.
غول پىياز دېگەن قايسى كۆكتات ئىدى، دەپ  چەتئەلچە نامىنى سوراپتۇ  ،تاڭ نۇرى قىزارغان  ھالدا.
نېمنى دەپ بېرمەن. قارا ما گەپنى، سىز كىم  ؟ئۇيغۇرچىسنى بىلمەي چەتئەلچىسنى بىلدىغان، ئاشۇنىڭدا تاماق ئەتسە يېيىشنى بىلدىغانسىز ھە ، دەپتۇ زەردە بىلەن.
دادا خاپا بولماي بىر قېتىم  دەپ  بېرىڭە ، دەپ يالۋۇرۇشلىرغىمۇ ، پەرۋا قىلىپ  قويماي ،****بلەلمىسىڭىز ، قايتىپ  كېرمەڭ !***دەپ مېڭىۋېرىپتۇ.
دوستۇمنىڭ ئاكىسى، تېخى كىچىك  تۇرسا ئالدىرماي ئۆگۈنۈۋالىدۇ ئەمەسمۇ دەپتۇ.
بۇ ئاكىمىز ،جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنغا كۈلۈپ قۇيۇپ مېڭىۋېرىپتۇ.
بىرمىنۇتتەك ۋاقىتتىن كىيىن تاڭنۇرى يۇگۇرگەن پېتىم كېلىپ، دادا ،خاپا بولماي بۇ بىر قېتىم دەپ بېرىڭچۇ، ئەمدە ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن .راست مەن سىزگە ۋەدە بىرەي دەپ ، يىغلىغان  ھالدا يېلىنىپتۇ.
شۇنىڭ  بىلەن بۇ ئاكىمىز ، دەپ بېرپتۇ.
شۇنداق بۇ يەردىكى تاڭ نۇرى ، كىچىكدىن باشلاپ چەتئەلىكلەر،يەسلىدىن باشلاپ بىللە ئۈسۈپ يېتىلۋاتىدۇ.پەقەت ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىكى بىر نەچچە سائەتلا ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ئانا تىلدا ئۇچرىشىدۇ.بۇ يەردىكى ئۇچرۇشۇش ئاديلا بىر ئۇچرۇشۇش ئەمەس بەلكى ،ئۇيغۇر مەدىنيىتى بىلەن ، ئۇيغۇر تۇرمۇشى بىلەن ئۇچرۇشۇش ئىدى.
مەن بۇ  دۆلەتكە  ئوقۇشقا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمايلا  ئۇلارنىڭ ئۆيگە مېھمان بولغىلى باردىم. بۇ بىر ھەپتە مەندە ئۇنتۇلغۇسىز ،تەسىرلىك ھەم ھاياجانلىق ئەسلىملەرنى قالدۇردى.
ئشىك قوڭغۇرقىنى بېسىشىمغا، 12 ياشلىق ئوماق بىر  قىز ئىشىكنى ئېچىپلا ،مەن بىلەن شۇنداق قىزغىن سالاملاشتى ۋە ئاپا  ، رەيھانە ئاچام كەپتۇ دېدى.
رەيھان ھەدە ، سىز مېھمان بولغاندكىن ئالدىدا مېڭىڭ  دېدى.
مەن ئۆيدىكىلەر كۇرۇشتۇم ،ۋە ئۆيدىكىلەر بىلەن تاماق ئۈستىلگە يېقىن كېلىپ ئولتۇردۇم. ھايال ئوتمەيلا تاڭ نۇرى چاي دەملەپ  ئېچىقىپ ،چاي سۇندى .بۇ  ئۆيدىكىلەرۋە  تاڭ نۇرنىڭ  ئۇيغۇر پۇرىقى چىقىپ تۇرغان پۇتكۈل گەپ سۆز ۋە قىلىقلىرى مېنى  خۇددى يۇرتۇمغا قايتقاندەك  ھالاتكە  كەلتۇرۇپ قويغان ئىدى.
ھەركۇنى تاماق يېيلىپ بۇلۇنغاندىن كىيىن مەن ئەدەپ  بىلەن قاچا -قۇچىلارنى يىغىشتۇراي دەپ تۇرۇشۇمغا، تاڭنۇرى دەرھاللا قۇلۇمدىن قاچلارنى تارتىپ ئېلىپ ،سىز مېھمان تۇرسىىڭىز .بولمايدۇ مەن يۇغۇشتۇرمەن دەپ چاقانلا يۇغۇشتۇرۇپ ،يۇغىلى ئەكىركىتەتتى.
بىكار ۋاقتى بولسا دادسنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆي يۇغۇشتۇراتتى. چۇنكى تاڭنۇرىنىڭ ئاپىسى  بۇ كۇنلەردە يېرىم كۇندىن ئىشلەۋاتقان ئىدى.
ئۇنىڭدىن كىيىن بولسا ئۇيغۇرچە رومان ئۇقۇيتى. ئۇ ماڭا كىچىكىدە دادسنىڭ چىڭ تۇتۇپ ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەنلىكىنى ،ساۋادى چىقىندىن كىيىن بولسا ،ھەركۇنى مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن 15 مىنۇت ئاپىسىغا ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇپ بېرىپ ئاندىن ماڭىدىغان بولغانلىقىنى.ھازىر بولسا دادسى ئەكەلتۇرۇپ بەرگەن بۇ روماننى مۇشۇ تەتىل ئىچىدە ئوقۇپ تۇگەتمەكچى بولغانلىقنى، ئادەتتە ئۆيدە كىچىكىدىن باشلاپ چەتئەل تىلىدا سۆزلىشىشىكە بولماي كېلىۋاتقانلىقنى  ئېيتىپ بەردى.
مەن بۇ بىر جۈپ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيلەپ قاتارغا قۇشۇۋاتقان ئۇيغۇردىن شۇنچىلىك سۈيۈندۇم .گەرچە يۈز تۇرانە رەخمەت ئېيتالمىغان بولساممۇ ، قەلبىمدە ئۇلارغا خەيرىلىك تىلەيمەن.

.



2

باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
660
تىللا
712
شۆھرەت
1195
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 12:28:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە   بىر   ئوقۇي   ،   بىر   قېتىم   ئوقۇپ  ھېچ   بىر  نەرسىنى  چۈشنەلمىدىم  يا   ؟    مەن  بەك  دۆتمۇ  يا  ؟

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
44
تىللا
102
شۆھرەت
55
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 12:37:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ،ئۇنداقتا قايتا ئوقۇپ  رەسمىي بىر پىكىر يېزىشىڭىزنى ساقلاي!

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
879
تىللا
673
شۆھرەت
1171

تەشۋىقات تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 13:53:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چۈشىنەلمىدىمغۇ؟  
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2417
تىللا
2431
شۆھرەت
4508

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 14:20:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى غۇلجىلىق ئاكاشنىڭ ( كەچۈرۈڭلار ،ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ) سەھنىدە دىگەن تاقا-تۇقا گەپلىرىدەكلا بىلىنىپ كەتتى ماڭا ........
  3قېتىم ئوقۇدۇم . نۇرغۇن  ئىبارىلەرنىڭ   مەناسى بەك چوڭقۇركەن .بىراق باش- ئاخىرىنى  باغلىيالمىدىم .......
مەنمۇ شۇنداق دىمەكچى :  مەن دۆتمۇ-يا ؟!!!!
ياخشىمۇ سىلەر قېرىنداشلار!!!

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
360
تىللا
475
شۆھرەت
638
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 14:53:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ھارمىغايسىز .
مىنىڭ ۋە جۈملىدىن پۈتكۇل سەينادىكى قېرىنداشلېرىمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تۇنۇنۇپ قويغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت .
ئۇلۇغ ئاللاھىم ئىشلېرىڭىزنى ئاسان ، يوللېرىڭىزنى راۋان قىلسۇن .

چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئاناتىلىنى ئۇنۇتماستىن بەلكى بالىلېرىغىمۇ كۈڭۈل قۇيۇپ ئۈگۈتۈشى مىنى ھەيران قالدۇردى.............................................................................
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5213
تىللا
4015
شۆھرەت
8806

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 14:56:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان ئوقۇسام بۇنىڭ جۈملە تەرتىۋى ئالمىشىپ كەتكەن ئەسەركەن، رەتلەي دىسەم ۋاقتىم سەل قىس كىلىپ قالدى، يېرىم سائەت ۋاقىت چىقارسا رەتلەپ چىققىلى بولىدىكەن.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
660
تىللا
712
شۆھرەت
1195
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 14:57:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ياخشى  يېزىلىپتۇ   ،  قايتا  قايتا   ئوقۇڭلار  قېرىنداشلار  
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2417
تىللا
2431
شۆھرەت
4508

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 21:12:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Koinlun يوللىغان ۋاقتى  2012-1-23 14:56
ئوبدان ئوقۇسام بۇنىڭ جۈملە تەرتىۋى ئالمىشىپ كەتكەن ئە ...

سىزگىمۇ شۇنداق بىلىندىمۇ ،باش ئاخىرى قولاشمىغان ............
بولمىسا خېلى جېنى بار گەپلەركەنتۇق بولمىسا
1

باھا خاتىرىسى

ياخشىمۇ سىلەر قېرىنداشلار!!!

Rank: 2

تۆھپە
30
تىللا
46
شۆھرەت
28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 00:44:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-23 21:12
سىزگىمۇ شۇنداق بىلىندىمۇ ،باش ئاخىرى قولاشمىغان ........ ...

ئەمدى ئۇيغۇرلۇقنى پەقەت ئۆيدە كەسكىن ۋە تەلەپچانلىق بىلەن ئېلىپ بارمىساق بولمايدىغان  زامانغا ۋە ماكانغا قالدۇق.!......
شۇنداق بۇ يەردىكى تاڭ نۇرى ، كىچىكدىن باشلاپ چەتئەلىكلەر،يەسلىدىن باشلاپ بىللە ئۈسۈپ يېتىلۋاتىدۇ.پەقەت ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىكى بىر نەچچە سائەتلا ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ئانا تىلدا ئۇچرىشىدۇ.بۇ يەردىكى ئۇچرۇشۇش ئاديلا بىر ئۇچرۇشۇش ئەمەس بەلكى ،ئۇيغۇر مەدىنيىتى بىلەن ، ئۇيغۇر تۇرمۇشى بىلەن ئۇچرۇشۇش ئىدى......
ماۋۇ قۇرلارنىڭ مەزمۇنى ماڭا بەك ياقتى. چۇنكى ھەممەيلەن دۇچ كىلىۋاتقان ھەم ئۆزىمىز ھەل قىلالايدىغان مەسىلە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 07:31 , Processed in 0.481741 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش