- توردا
- 677 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-16
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 4879
- تىللا
- 2651
- تۆھپە
- 2990
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 16457
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1058
- تېما
- 468
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 4
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2990
- تىللا
- 2651
- شۆھرەت
- 4879
|
سۆزنى توغرا تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا
تىلىمىزنىڭ توغرىلىقىغا ،ئىپادىلىشىمىزنىڭ جانلىق بولىشىغا ئەھمىيەت بېرەيلى
ئۇزۇن بولدى مەن بۇ ھەقتە ئازراق بىر نەرسە دەي دىگەن ئىدىم ،بىراق تىلشۇناسلارنىڭ ئالدىدا ئاتكاچىلىق قىلماي ،تىلشۇناسلار بىرنەرسە دىسۇن دەپ ئويلىغان ، بىراق تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللىرىنى مەن كۆرمىدىممۇ ياكى ئۇلارنىڭ ۋاقتى چىقماي يازمىدىمۇ بىلمىدىم گېزىت-ژورنال ۋە رادىئو-تېلىۋىزىلىلەردە موھىم بولغان بىر قىسىم سۆزلەرنى ئانا تىل بىلەن ئىپادىلەشكە تولۇق ئەھمىيەت بىرىلمىدى.
تەرجىمانلار ئۇلۇق كىشىلەردۇر،مۇخبىرلارمۇ ھەمشۇنداق ئۇلار مىللەتنىڭ پەن-تېخنىكا،ئىدىيە،مەدەنىيەت-سەنئەت،ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى يارىتىشتا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان.مۇنەۋۋەر تەرجىمانلار ۋە مۇنەۋۋەر مۇخبىرلار تېخىمۇ شۇنداق ئەلۋەتتە. بىراق ھەيرانمەن ... يات مىللەتلەرنىڭ شۇنچىۋالا مۇرەككەپ ھەم قىيىن بولغان لوگىكىلىقى ۋە پەلسەپىۋىلىكى ئىنتايىن چۇڭقۇر بولغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھرىرلىگەندەك،تۈزەتكەندەكلا گويا ئۆزىمىزنىڭ ئاپتۇرلىرى يازغاندەك قىلپ تولىمۇ راۋان تولىمۇ جانلىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىۋىتىدىغان تەرجىمانلىرىمىز تۇرۇپ بىرقىسىم سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆز تىلىمىزغا شۇپىتى ئۆزلەشتۇرۇۋالدۇق .شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن يىتىلىۋاتقان بىچەرە تەرجىمانچاقلار شۇپىتى ئىشلىتىپ ئۇ سۆزلەرنى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلى دەپ قاراۋاتىدۇ.بۇ سۆز گېزىت-ژورناللاردا،تېلىۋېزىيە خەۋەرلىرىدە ۋە تەرجىمە فىلىملەردە ئەڭ كۆپ،ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان «مودا سۆز»گە ئايلاندى.بولۇپمۇ رادىئو ۋە تېلىۋىزىيە دىكتورلىرىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.بىر پارچە خەۋەردە كەم بولسا 2-3.كۆپ بولغاندا 5-10قېتىم تىلغا ئېلنىدۇ . ھەيرانمەن بۇ تەرجىمانلارغا،بۇ مۇخبىرلارغا ھەم دېكتورلارغا... ئۇلار نىمانچە ئامراقتۇ بۇ سۆزگە.تەرجىمانلار،مۇخبىرلار ۋە دىكتۇرلار ئامراق بۇ سۆز «لىنىيە» دىگەن سۆزدۇر.
مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىمدا «لىنىيە» دىگەن بۇ سۆز توغرىلىق پاراڭ بولۇپ قالغاندا، شۇ چاغدا ئۇيغۇر تىلى دەرسى بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىمىزدىن «لىنىيە» دىگەن بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمۇ ياكى باشقا مىللەتنىڭ تىلىمۇ مەناسى نىمە؟ دەپ سۇئال سورىساق ئۇ مۇئالىم جاۋاپ بىرىپ بۇ «لىنىيە» دىگەن سۆز ئەسلى ئېنگلىز تىلىدىن روسلار ئارقىلىق بىزگە كىرگەن يات تىل .مەنىسى «يول»دىگەن بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرگىنى يادىمدا. بىراق ھەيرانمەن بۇ تەرجىمانلار ،بۇ مۇخبىرلار ،بۇ دىكتورلار نىمانچە ئامراقتۇ «لىنىيە »دىگەن بۇ سۆزگە...نىمانچەئامراقدەيمەن .
ئاتالمىش تەرجىمانلارنىڭ ،ئاتالمىش مۇخبىرلارنىڭ ئانا تىلىمىزنى بيىتىۋەتكەن يەرلىرى خېلىبار مەسىلەن :ئىرىنى«يولدىشى» دەپ .«بالىلىق بولغۇم يوق» دىگەن مەنادىكى” 不要孩子“ سۆزنى «بالا ئالغۇم يوق»دەپ خۇددى باققان چارۋا ماللىرىدىن تۆل ئالىدىغاندەك تەرجىمە قىلىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ . ئېيتىڭلارچۇ خالايىق بۇنداق خاتالىقنى ھەقىقى تۈزىتىدىغان ئاۋانگارتلار زادى كىم؟
مەنبەسى:باغداش تورى |
|