بەشكېرەمنىڭ تارىخ ـــ جۇغراپىيىسى
مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق
بەشكېرەم قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، يېزا مەركىزىنىڭ قەشقەر شەھىرى مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 15 كىلومېتر كېلىدۇ. شەرقتە ئاققاش يېزىسى بىلەن، غەرپتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئايرودۇرۇم بىلەن، جەنۇب تەرەپتە ئاۋات يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدا قۇمالتاغ تىزمىسى ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنڭ ئاتۇش ناھىيسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي تەرىپى ئېگىز، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 1298 مېتىر ، يەرقاتلىمى ئاساسەن لاتقا تۇپراق، سۈپتى ئوتتۇرا ئەت تۇپراق، ئومۇىي يەر مەيدانى 242.93 كۇۋادىرات كىلومېتىر (364394مو)، ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل، تۆت پەسىل ئېنىق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 13، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃ 42.3، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن℃ 25.3، قۇياش نۇرى يېتەرلىك، ھۆل يېغىن مىقدارى 50-60 مىللىلىتىر ،كۈننىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2800-2900 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، قىراۋسىز مەزگىلى 220-240 كۈنگىچە بولىدۇ. بۈگۈنكى بەشكېرەمنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 55 مىڭ مودىن ئارتۇقراق بولۇپ، ئاساسلىق سۇ مەنبەسى چاقماق دەرياسى ۋە قىزىل دەرياسىدىن ئىبارەت. قەھرىمان، باتۇر بەشكېرەم خەلقى ناھايتى قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى چاقماق دەرياسىنىڭ تاشتىن –تاشقا ئۇرۇلۇپ تاۋلانغان، ئىللىق قۇياش نۇرلىرىدا پاكلانغان «ئەركەك سۇ»لىرىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئەۋلادمۇ ئەۋلات كۈرەش قىلىش نەتىجىسدە ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئەجرى بىلەن چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكان –بەشكېرەمنى بەرپا قىلغان.
2
بەشكېرەمنىڭ قاچان بىنا بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق. ئەمما بەشكېرەمگە دائىر رىۋايەتلەر، جۈملىدىن «چاقماق دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت»، «ئاپراسىياپ ھەققىدە رىۋايەت»، «خانئۆي ھەققىدە رىۋايەت»، «خانئۆي مەلىكىسى ھەققىدە رىۋايەت»، «توققۇز ھۇجرا ھەققىدە رىۋايەت» ۋە «بەشكېرەم سەيلىسى ھەققىدە رىۋايەت» قاتارلىق جانلىق تارىخىي ماتېرىياللاردىكى تارىخىي ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بەشكىېرەمنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅴ، Ⅵ ئەسىرلەر ئارلىقىدا، ئوردو كەنت –خانئۆيگە يانداش ھالدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى، چاقماق دەريا ۋادىسىدا بۇددىزم راسا ئەۋجىگە چىققان مەزگىللەردە بەلگىلىك تەرەققىيات دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى، قارخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە ناھايىتى گۈللىنىپ خاقانلارنىڭ باغ سەيلىسى قىلدىغان بېھىشتەك سەيلىگاھىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۋېلىش تەس ئەمەس.
3
ئەڭ قەدىمكى يۇرت ناملىرىدىن بىرى «بەشكېرەم» ئاتالغۇسى كەڭ ھەم تار مەنىدە قوللىنىلىپ كېلىنگەن تارىخىي ئاتالغۇ بولۇپ، كەڭ مەنىدە غەربىي شىمالدا چاقماق دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قىيالىققا جايلاشقان ئۈچ بۇرھان مىڭئۆيى ئالدىدىكى تۈتۈرگىدىن شەرقتە ئاققاش، پەيزاۋاتقىچە، شىمالدا قۇمال تاغ تىزمىسىدىن تارتىپ جەنۇبتا تۈمەن دەرياسى بىلەن قىزىل دەرياسىنىڭ بويلىرىغىچە بولغان قەدىمكى دەۋرلەردە چاقماق دەريا سۈيى بىلەن ياشنىغان بوستانلىقنىڭ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا ھازىرقى بەشكېرەم، ئاۋات، قوغان، يېڭىئۆستەڭ، دۆلەتباغ، نەزەرباغ، خاڭدى، ئاققاش قاتارلىق يېزىلارنىڭ دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمكى «بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكى»نىڭ، تار مەنىدە بۈگۈنكى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نام مەيلى كەڭ مەنىدە ياكى تار مەنىدە قوللىنىلىشتىن قەتئىنەزەر قەدىمدىن ھازىرغىچە تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرلۈپ كەلدى.
1. «بەشكېرەم» ئەسلى «بىھىشكەرەم» بولۇپ، «جەننەت» مەنسىدىكى پارىسچە سۆز «بېھىشت»[1] بىلەن «باغ، تال، تەك» مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم»[2]نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «جەننەت بېغى» ياكى «بېھىشباغ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
2. «بەشكېرەم» ئەسلى «بېھىشكېرەم» ياكى «بېھىشكىرام» بولۇپ جەننەت مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بىھىشت» بىلەن «ئۇلۇغ، كاتتا، سىخى، مەرد» مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم» ياكى «كىرام»[3]نىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «ئۇلۇغ بېھىشت» ياكى «كاتتا جەننەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
3. «بەشكېرەم» ئەسلىي «بېھىشكۆرەم» ياكى(«بېھشكۆرۈم») بولۇپ، «جەننەت» مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بېھىشت» بىلەن «كۆرۈنۈش» مەنىسىدىكى ئۇيغۇرچە سۆز «كۆرەم» («كۆرۈم»)[4]نىڭ بىركىشىدن تۈزۈلگەن. ئۇ «بېھىشتەك كۆرۈندىغان ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
4. «بەشكېرەم» ئەسلى «بىيىشكەرەم» بولۇپ «تال باراڭ، باراڭ ياغىچى» مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بېدىش»[5] بىلەن «باغ، تال، تەك(ئۈزۈم)» مەنسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم»نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ «د»تاۋۇشى «ي» تاۋۇشىغا ئالمىشىپ، «بىيشكەرەم» بولغان. (بۇنداق «د» تاۋۇشى بىلەن «ي» تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىشى قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئورتاق ھادىسە. مەسلەن، ئاداققىچە –ئاياققىچە ...) بۇ «بېدىشلىك باغ»، «تال باراڭلىق جاي»، «ئۈزۈمزار ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن باشقا بەزى تەتقىقات ماتىرياللىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا[6]، «بەشكېرەم» دىگەن سۆزنى «بەش» سانى بىلەن «باغ ۋە بېدىشكە ئارتىلغان ئۈزۈم» مەنىسىدىكى «كەرەم» سۆزنىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يۇرۇتتا «بەشلا باغ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن قويۇلغان» دەپ چۈشەندۈرۈگەنلەرمۇ بار ئىكەن.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىتىش، سۈپەتلەش مەنىسىدە بولۇپ، ئۇلار خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرگە ۋە باشقا كىشلەرنىڭ ئىلمىي پەرىزىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا، بۇ چۈشەندۈرۈشلەردە بەشكېرەمنىڭ «ھەممىلا يېرى باغ بىلەن قاپلانغان مېۋە –چىۋە ماكانى» بولۇشتەك ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى مەركىزى ئورونغا قويۇلغان. شۇڭا، خېلى نوپۇزلۇق تەزكىرىلەردىمۇ يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر ئوموملاشتۇرۇلغان ھالدا «بەشكېرەم ئەسلىدە ‹بېھىشكېرەم› دېگەن سۆز بولۇپ، ‹جەننەتكە ئوخشاش مېۋە–چىۋىلەر مول جاي› دېگەن بولىدۇ. بەشكېرەم خەلقى ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ مېۋىلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈپ، باغ بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگۈچىگە، بۇ جايدىكى مېۋىلەرنىڭ تۈرى كۆپ، سۈپىتى ياخشى، ھۆل ھەم قۇرۇق مېۋىگە ئىش قوشىدۇ. بۇ جاينىڭ مەنزىرسىمۇ ناھايىتى گۈزەل، ئۇزاق تارىختىن بېرى كىشلەر بۇ جاينى ‹مېۋە-چىۋە ماكانى› دەپ ئاتاپ كەلگەن. تىل يېزىقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ‹بېھىشكېرەم› دېگەن بۇ سۆز ‹بەشكېرەم›گە ئۆزگىرىپ، شۇ بويىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە، دەپ خاتىرىلەنگەن»[7].
بىراق، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك موھىم مەسىلە شۇكى ، يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى بىر ئۇيغۇر يېزىسىنىڭ نامى «شالغۇت بىرىكمە» سۈپىتىدە شەرھىلەنگەن. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى ئومۇميۈزلۈك «ئىسلاملىشش» تەشەببۇسنىڭ نەتىجىسى. ئۇنداق ئىكەن، بۇ قەدىمكى يۇرۇت نامىنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئلگىرىكى تەلەپپۇزى، تىل تەۋەلىكى ۋە مەنىسى قانداق؟
تارىخىي خاتىرىلەر ۋە بەزى تەتقىقات نەتجىلىرىگە ئاساسلانغاندا «بەشكېرەم» ھەرگىزمۇ ئەرەبچە، پارىسچە سۆزلەردىن بىرىككەن سۆز بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئەجدادلىرىمىز «بەشكېرەم» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ كەلگەن ئېنىق ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ھىسابلىنىدۇ[8]. كونكرېت ئېيىتقاندا «بەشكېرەم»نىڭ ئەسلى «بەشكەرەم» بولۇپ، ئۇ «بەش» بىلەن «كەرەم»دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ئۆزنىڭ شاھانە ئەسرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «بەش» دېگەن سۆزنى «ساناقتىكى بەش سانى»[9] دەپ ئىزاھلىسا، «كەرەم» دېگەن سۆزنى «گەمە» دەپ ئىزاھلىغان[10]. شۇنىڭدەك «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لوغىتى»دە «كەرەم» دېگەن سۆز «گېرەم»، «گەمە»[11] دەپ ئىزاھلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى شاھ مەھمۇد جوراسىنىڭ «تارىخى رەشىدى زەيلى»(«سەئىدىە خاندانلىق تارىخىغا دائىر ماتىرياللار »دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسىرىدە[12]، موللا مىرسالىھ قەشقەرىنىڭ «چىڭگىزنامە» دېگەن ئەسىرىدە[13] ھەم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ناماياندىلىرىدىن مۇھەممەد سىدىق زەلىلىنىڭ «سەپەرنامە» داستانىدا[14] ۋە ئابدۇرېھىم نىزارى داستانلىرىنىڭ «دىباچە» قىسىمدا[15] بۇ ئەزىز يۇرتنىڭ نامى «بەشكەرەم» شەكلىدە خاتىرىلەنگەن. مانا بۇ تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، «بەشكېرەم» (بەشكەرەم) ھازىرقى تىلىمىزدا «بەش گەمە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بەشكېرەم خەلقىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى دەۋرلەردىكى ئولتۇراق ئۆي مەدەنىيىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ.
ئەمدى «بەشكېرەم»دىن ئىبارەت قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ خەلق چۈشەنچىسىدە ئەرەب، پارىس تىللىرىغا مەنسۇپ دەپ قاراپ كېلىنگەنلىكىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئەرەب، پارىس تىللىرىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا كۈچەپ تەشەببۇس قىلشى بىلەن نۇرغۇن ئەرەب، پارىسچە ئاتالغۇلار ئانا تىلمىزغا ئېقىپ كىرگەن. كىشلەر ئېڭىدىكى دىنغا بولغان ئىېتقاد ۋە ھۆرمەت تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىنى تەدرىجى يوسۇندا ئەرەب، پارىسچە ئاتالغۇلار ئىگىلگەن ياكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز ئاتالغۇلار زورلاپ ئەرەب، پارىس تىللىرىغا تەدبىق قىلنىپ شەرھلەنگەن. يەنە كېلپ تارىخىي ماتېرياللاردا ئىيتىلىشچە، سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەزگىللەردە قارخانىيلار خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بەشكېرەم خانئۆيىدە[16] بولغاچقا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بۇ يۇرۇتتا تېخمۇ قويۇق ئىدى. شۇڭا ئىسلام ئەقىدىسى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم ئۆلىمالار «بەشكېرەم» سۆزىنى خۇداغا تېخىمۇ يېقىن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەرەب، پارىس لۇغەتلىرىدىن جاۋاپ ئىزدىگەن. تاكى ⅩⅨ ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەردە «بەشكەرەم» تەلەپپۇزى بىلەن خاتىرىلەنگەن «بەشكېرەم» سۆزىنىڭ «بېھىشكەرەم»، «بېھىشكۆرەم»، «بېھشكۆرۈم»، «بېدىشكەرەم» ياكى «بېھىشكېرەم» قاتارلىق شالغۇت بىرىكمىلەرگە ئاھاڭ جەھەتتىن يېقىن كېلدىغانلىقى يۇقىرىدىكى «ئىزدىنىش»لەرگە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «يول» ئېچىپ بەرگەن. ئوندىن باشقا مېھنەتكەش ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھالال ئەجرى بىلەن بۇ يۇرۇتتا مەيدانغا كەلگەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى «بەشكىرەم» سۆزىگە ئەرەب، پارىس تىل تەۋەلىكى بويىچە بېرىلگەن «باغ ۋە باغۋەنچىلىككە دائىر مەنە ۋە شەرھىي»لەرنى نىسبىي تارىخىي ئۇيغۇنلۇققا ئىگە قىلغان. شۇڭا، جەمئىيەت ۋە تىل تەرەقىقياتىي نوقتىسىدىن كىشلەرنىڭ ئىدىيە–ئتىقادىنىڭ يېڭىلىنىشى نەتىجىسىدە «بەشكېرەم» سۆزنىڭ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھالدا يۇقىرىدىكىدەك يېڭى مەنە ۋە شەرھلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.
يۇقىرىدىكى بايان ۋە مۇھاكىملەردىن، بۇ ئەزىز يۇرتنىڭ دەۋرلەردىن بۇيانقى تارىخىي قىسمەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلىرى داۋامىدا «بەشكېرەم» ئاتالغۇسىنىڭ «بەشگەمە» دېگەندىن ئىبارەت ئېتنوگراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قەدىمكى مەنىسىدىن باشقا ھازىرقىدەك، كۆپ ئەسىرلىك باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى تارىخىغا ماس كېلدىغان «بېھىش باغلىرىدەك گۈزەل ماكان» دېگەن ئوخىشىتىش ۋە سۈپەتلەش خاركتېرىدىكى يېڭى مەنىگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
4
بەشكېرەم قەشقەر دىيارىدىكى ئەڭ قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە ئۆزىگە خاس تارىخى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە نۇرغۇن قەدىمكى يادىكارلىقلارنى بۈگۈنكى دەۋرگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. بۈگۈنكى بەشكېرەم دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردىن 3-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان لايلىقتىكى تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلەر، يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردىن مىلادى 13-ئەسىرلەر ئارىلىقىدىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان ھەم 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايو دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى» دەپ ئېلان قىلىنغان خانئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 2-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان ھەم 2001-يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان يادىكارلىق ئورنى» دەپ ئېلان قىلىنغان مورا بۇددا مۇنارى خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 3-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان كەپتەرخانا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 6-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە توغرا كېلىدىغان تاك-تاك تىم خارابىسى ۋە بۇدخانا خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 3-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان جاڭگال ئىزى، كارىز ئىزى، قاراخانىيلار دەۋرىگە ئائىت بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرى، قىزىلجى خېنىم مازىرى، سۇلتان مەجىد خوجام مازىرى، بۇئانام مازىرى، تار ھەم ئۇزۇنلۇقتا يىراق-يېقىنغا مەشھۇر تاغ يولى ــ ئىت يولى بىلەن يىپەك يولىنىڭ قالدۇقى بولغان ئۇلۇغ يول قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلارنى ساناشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، قەدىمكى بەشكېرەم دائىرىسىدىن ئېيتقاندا، يەنە ئۇلارغا قوشۇپ، يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادى 3-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان دەقىيانۇس شەھىرى ئىبادەتخانىسى ۋە دەقىيانۇس شەھىرى تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلىرى، ئۈچ بۇرھان مىڭ ئۆيى، تۈگمەن خارابىسى، ياۋىلىق ئىزى، قاراخانىيلار دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان ئوسمان بۇغراخان مازىرى، قىلىچ بۇغراخان مازىرى، ئابدۇللا بۇغراخان مازىرى، قاراخان پادىشاھىم مازىرى، سىدىق بۇغراخان مازىرى، ھۈسەيىن پەيزۇللا خوجام مازىرى، شام پادىشاھ مازىرى، قارا ساقال ئاتام مازىرى، سۇلتان سسۈزۈك ۋەلىيۇللا مازىرى، خوجىلار دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان زىلەيخا بېگىم مازىرى، ئاپاق خوجا مازىرى، تۆت ئوغۇل ئاتام مازىرى، يېقىنقى دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىغان ياۋىلىق ئۆتەڭ ئىزى قاتارلىق مەدەنىيەت ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ[17].
5
تارىخىي ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا، سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە سۇلتانلارنىڭ قول ئاستىدا ھاكىم بەگلەر تەيىلەنگەن[18]. «قورىغار رايونىنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرسىى»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ دەۋردە يېڭسار، بارچۇق(مارالبېشى )، پەيزاۋات، قاغىلىق، ئاتۇش، يورۇڭقاش، قارقاش، چىرىيە، كىرىيە قاتارلىق جايلار بىلەن بىر قاتاردا بەشكىرەمگىمۇ ھاكىم بەگ قويغان[19]. بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكنىڭ مەركىزى قازىرقتا بولۇپ، ھاكىم بەگ شۇ يەردە تۇرغان. بۇ دەۋردە بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكىنىڭ زېمىن دائىرىسى ئارا ياڭاق، تاغ بويى، پايناپ، ئاۋات، قوغان قاتارلىق بەش چوڭ رايوندىن تەشكىل تاپقان. ئارا ياڭاق مەركىزى رايون بولۇپ، ئۇ قازىرىقنى مەركەز قىلغان ھالدا قازىرىق، بۇچى، چۇمبۇس، شامپادىشاھ، قارا ساقال، كىچىك ئېرىق، سوزاق(باش سوزاق، ئاياغ سوزاق، تىل سوزاق)، تۆۋەنكى ھويلا، توقاي قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پايناپ رايونى چاكسا، قۇمپېتىق، يىڭىچىكە، يالاڭ، چىتلىق، يامانلا ــ ئامانلا، بويلا، قارلۇق ــ قالۇق، گۇلكەنت ــ كۇكاڭ، يىچا، سىدىر، بەش توغراق، خانئۆي، مىرابلىق قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تاغ بويى رايونى چۈگۈر، ساپئېرىق، ئۈچتالا ــ ئىشچانلا، سايباغ، قۇمباغ، لەڭگەر، بايلا، بەگئېرىق ــ بېغىرىق، ئەسكە ــ يېڭىئاۋات قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاۋات رايونى كۆكچى، باغھويلا، تۈگمەن بېشى، قاتار قىشلاق، غەزنە بويى، چاگاھ، مازار ئالدى، يار بېشى، بوغاش، خاپانلا قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قوغان رايونى قاسساپ مەھللىسى، قۇتۇبىدىن مازار، موللازادە، موللاخېنىم، قوش كۆل، ياغدۇ ــ ھەزرەت، تاربوغۇز، ئارسلانخان، قەدىم جاي قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھاكىم بەگلىك مەركىزى قازىرىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي رايون تاغ بويى، پايناپ، ئاۋات، قوغان رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ــ ئارىسىغا جايلاشقانلىقتىن «ئارا ياڭاق» دەپ ئاتالغان. سەئىدە خاندانلىقى دەۋردىكى ھاكىم بەگلەرنىڭ قول ئاستىدا يەنە ھەر بىر رايۇننىڭ مەمەۇرىي ئەمەلدارى، بەگلەر تۇراتتى[20]. شۇنداق بولغاچقا بەشكېرەم بەگلىكنىڭ ئاراياڭاق، قوغان، ئاۋات، پايناپ، تاغ بويى رايۇنلىرىغىمۇ ھاكم بەگنىڭ قول ئاستىدا ئايرىم-ئايرىم بەگلەر قويۇلغان. بەگلەرنىڭ قول ئاستىدا ھەر بىر كەنتكە بىردىن يۈز بېشى، ھەر بىر مەھەللىگە ئون بېشى قويۇلغان. سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مىراب بەگ، ئۇنىڭ قول ئاشتىدا ھەر قايسى رايۇنلارغا كۆك بېشى، مەھەللىلەرگە داققال قويۇلغان. ھاكىم بەگلىكتە ھاكىم بەگدىن باشقا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلغۇچى بەگ ـــ پاششاپ بەگلەرمۇ قويۇلغان. پاششاپ بەگ قانۇنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغان. ھاكىم بەگلىكتە يەنە مەھكىمەشەرئى تەسىس قىلنغان بولۇپ، مۇپتى ئاخۇنۇم، ئەلەم ئاخۇنۇم، قازى، رەئىس ئاخۇنۇملار شەرىئەتكە دائىر مەسىلىلەرنى باشقۇرغان. ھاكىم بەگدىن باشقا ئەمەلدارلارنىڭ مەخسۇس ھۆكۈمەت تامغىسى يوق بولۇپ، پەقەت قولىدىكى ئۈزۈكىگە ئويۇلغان شەخسي مۆھۈرى بولغان ...
بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكىدىكى كەنتلەرنىڭ دائىرىسى سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىن كېيىن ئزلۈكسىز كېڭەيگەن ۋە كۆپەيگەن. خوجىلار دەۋرىدىكى ئاۋات ئۆستىڭىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك رىمۇنىت قىلىنىپ، كېڭەيتىپ چېپىلىشى، زوھۇرىدىن ھاكىم قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى كېيىنكى چارىكىدىكى تۈمەن دەريا سۈيىنى بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىنام يەرلەرگە باشلاپ تۈمەن بۈگۈنكى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ بىنا قىلىنىشى[21]، قوغان رايونى قۇتۇبىدىن مازار كەنتىنىڭ غەربىدىكى بوزلۇقتا يەر ئېچىلىشى(شۇ چاغدىن باشلاپ بۇ يەرنىڭ نامى «بوز يەر» دېگەن مەنىدە ‹‹荒地›› ــ خاڭدى دەپ ئاتىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە بىر كىچىك يېزىنىڭ نامى بولۇپ قالغان) ۋە خانئۆي قاتارلىق جايلاردا يەر ئېچىشى[22]، شۇنىڭدەك، زوھۇرىدىن ھاكىم بەگنىڭ بەشكېرەمنىڭ قوغان رايونى دۆلەتباغ تەۋەسىگە بىر قىسىم تۇرپانلىقلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشى (بۈگۈنكى دۆلەتباغ تەۋەسىدىكى «تۇرپان كوچىسى» كەنتى شۇ چاغدا پەيدا بولغان[23]) ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەرنى يېڭىئۆستەڭگە ھەم ئۇنىڭ ئايىغىدىكى ئاققاشقىچە ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئىش-پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كېڭەيگەن. ئەمما زوھۇرىدىن ھاكىم بەگە دەۋرىدىن كېيىنكى ئاخىرقى قېتىملىق خوجىلار ۋەقەسىدىن كېيىن بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكى بۆلۈۋېتىگەن. شۇڭا ياقۇپ بەگ قورچاق ھاكىمىيىتى دەۋرىگە دائىر تارىخى ماتېرىياللاردا بولسا ئاۋات، قوغان قاتارلىق رايونلارنىڭ بەشكېرەمدىن مۇستەسنا ھالدا تاناپ بېجى تاپشۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان[24].
بەشكىرەم ھاكىم بەگلىكى تاكى يۇرتىمىز ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان ھەم ئىگىرىكىدەكلا كوناشەھەر ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. 1954-يىلى كۇكاڭ، يىچا، سىدىر، مىرابلىق، بويلا، بەشتوغراق، خانئۆي، ساپئېرىق، ئۈچتالا (ئىشچانلا)، چۇگۇر، سايباغ، لەڭگەر، قومباغ، بايلا، بېىغرىق، ئەسكە(يېڭى ئاۋات) قاتارلىق 16 كەنت بەشكىرەمگە قالدۇرۇلۇپ، چاكسا، قۇمپېتىق، يالاڭ، يېڭىچىكە، چىتلىق، يامانلا، قالۇق قاتارلىق يەتتە كەنت ئاۋات يېزىسىغا؛ بۇچا، قازىرىق، چۈمبۇس، شامپادىشاھ، قاراساقال، كىچىك ئېرىق، باش سوزاق، ئاياغ سوزاق، تىل سوزاق، توقاي، تۆەنكى ھويلا، چۆجەباش، ئاچچىق ئوي قاتارلىق 13 كەنت قوغان يېزىسىغا قوشۇۋېتىلىپ، بەشكىرەم بەگلىكى بەشكىرەم يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن[25] ھەم يېزا مەركىزى قازىرىقتىن سىدىر كەنتتىگە يۆتكەلگەن. 1960-يىلى سىدىر كەنتىدىن ھازىرىقى ئورنى بېغىرىق كەنتىنىڭ توقاي مەھەللىسىگە يۆتكەلگەن. 1976-يىلى قەشقەر شەھىرىگە تەۋە بولغان. 1982-يىلى يەنە كوناشەھەر ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىرىش قۇرۇلۇش جەريانىدا، نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە كۆلىمىنىڭ ئۇزلۇكسىز كىڭىيشىگە ئەگىشىپ، 15 كەنتنىڭ بەزىلىرى بۆلۇنگەن ۋە بەزى يېڭى كەنت، مەيدانلار بارلىققا كەلگەن. 1998-يىلىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، پۇتۇن يېزا بويىچە 26 كەنت، 196 مەھەلە (تەبىئى كەنت) بولۇپ، ئۇمۇمى ئائىلە 8800 گە، نۇپۇس 43892 نەپەرگە يەتكەن.
1998-يىلنىڭ ئاخىرىدا بەشكېرەم يېزىسىنىڭ كۇكاڭ، ساي(يۇقىرىقى ساپئېرىق)، ساپئېرىق، ئىشچان، چۈگۈر قاتارلىق بەش كەنتى قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بەشكېرەم باش سېدىر، ئاياغ سىدىر، بويلا، يىچا، قاتارلىق 21-كەنت، مەھەللە، ئائىلە، نوپۇسقا ئىگە يېزىغا ئايلانغان.
2010-يىلىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، پۇتۇن يېزا بويىچە 21 كەنت، 145 مەھەلە (تەبىئى كەنت) بولۇپ، ئۇمۇمى ئائىلە 8800 گە، نۇپۇس 43892 نەپەرگە يەتكەن. |