ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 296|ئىنكاس: 1

2011-يىلىدىكى ئېچىلغان ۋە ئېچىلمىغان سىرلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2990
تىللا
2651
شۆھرەت
4879

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 22:58:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىل كىرىش بىلەن دۇنيا پەن - تېخنىكا مۇنبىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى . بۇلتۇر كۆپلىگەن سىر ئاشكارىلانغان بولسىمۇ ، يەنە قىسمەن سىرلار بۇ يىل ئېچىشنى كۈتمەكتە . دۇنياغا داڭلىق پەن-تېخنىكا تەتقىقات تورى <<DISCOVeryNews >> يېقىندا بۇلتۇر ئېچىلغان ۋە ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىرنى ئېلان قىلدى.
ئېچىلغان بەش چوڭ سىر
1. ئېرۇسالېمدىن تارقالغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان UFO كۆرۈنمە چاستوتىسى
بۇلتۇر يىل بېشىدا ئېروسالېمدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان << UFO >> كۆرۈنمە چاستوتىسى تارقالدى . بۇنىڭدا بىر نۇرلۇق جىسىمنىڭ بۇلتۇر 28-يانۋار ئېروسالېمدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئۈستىدە بىر نەچچە مىنۇت ئايلانغاندىن كېيىن غايىب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى . بۇ ناھايى تېزلا  << UFO >> ھەۋەسكارلىرىنى جەلىپ قىلىپ ، << UFO >> نىڭ پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى . ئەمما ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر يالغانچىلىق ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
2. << ماگىنىتلىق بالا >> نىڭ سېھرى كۈچى
بۇلتۇر فېۋرالدا سېربىيەدىكى يەتتە ياشلىق ئوغۇل بالا بوگدان بەدىنىنىڭ ماگىنىتلىق ئىقتىدارى سەۋەبلىك داڭلىق شەخىسكە ئايلانغانىدى . بىراق ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى : ياز پەسلىدىكى تومۇز ئىسسىقتا بەدەن تەرلىگەندىن كېيىن ھەر قانداق نەرسە چاپلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە بوگداننىڭ بەدىنىنىڭ ھېچقانداق سېھرلىك تارتىش كۈچى يوق .
3. فىرانسىيەدىكى غالىتە مەخلۇق
كىشىلەر ئارىسىدا 1760-يىلى فىرانسىيەدە بىر قورقۇنچلۇق غەلىتە مەخلۇقنىڭ پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ - سۆزلەر تارقىلىپ يۈرگەنىدى . ئۇلار بۇ مەخلۇقنى چوغدەك يانىدىغان كۆزى ، يوغان ئاغزى بار ، دېيىشتى . تارىخشۇناس سېمىس بۇنداق مەخلۇخنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكى ، كىشىلەر ئېيتقان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ھۇجۇمغا  ئۇچىرىغانلىقى بۆرىنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىگىنى ئېلان قىلدى.
4. قان شورىغۇچى مەخلۇقنىڭ سىرى
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ، بولۇپمۇ لاتىن ئامېرىكىسىدا  ، كىشىلەر بىر غەلىتى مەخلۇقنىڭ ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قېنىنى شورايدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تارقاتقانىدى .بىر ئىسپانىيەلىك 1995- يىلى غەلىتە بىر مەخلۇقنىڭ 150 دىن ئارتۇق ئۆي ھايۋىنىغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ قېنىنى شۇرىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئەمما بۇ سىر بۇلتۇر ئاشكارىلاندى . ئامېرىكىلىق ئالىم جون : ئاتالمىش قان شورىغۇچى مەخلۇق بۆرە ياكى تېرە كېسىلى بار ئىت بولۇشى مۇمكىن ، بۇ بىر رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئىغۋا ، دېدى.
5. رۇسيەدەپەيدا بولغان ET جەسىتى
بۇلتۇر رۇسىيەدە ئىككى يىگىت سىبىرىيە رايونىدا تاشقى پىلانېتا ئادىمىنىڭ مۇزغا ئايلانغان جەسىتىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ، توردا جەسەتنىڭ سۈرىتىنى تارقاتتى . بۇ ئىككى يىگىت ئاخىردا بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ، ئەمەلىيەتتە سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن  جەسەتنىڭ قونچاقتىن ياسالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئېچىلمىغان بەش چوڭ سىر
1. تاشقى پىلانېتادا ھاياتلىق مەۋجۈتمۇ ؟
كېپلېر  تېلېسكوپى بۇلتۇر يانۋاردا تۈنجى قېتىم قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى مېتروئىتتىن شەكىللەنگەن پىلانېتا << كېپلېر 10b >> نى بايقىدى . تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە بۇ پىلانېتانىڭ يەر شارىدىن بىر يېرىم ھەسسە چوڭ ئىكەنلىكى ، ئىلگىرىكى مەلۇم دەۋىردە بۇ پىلانېتا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى پەرەز قىلىندى. بۇ يەنە << دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ يەر شارى >> دەپ ئاتالدى . بىراق ھازىرغىچە بۇ پىلانېتادا ھاياتلىق مەۋجۇتلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل- ئىسپات بايقالمىدى.
2. ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ چوڭ كۆلەمدە توپ ئۆلۈشى
ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە ئامېرىكىدا 2006-يىلىدىن باشلاپ زور كۆلەمدىكى ھەسەل ھەرىلىرى يوقاپ كېتىش ياكى ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلدى . ئالىملار بۇنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ياكى ككچمە ئالاقە سىگىنالىنىڭ تەسىرىدىن بولغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ ، تا ھازىرغىچە بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىى ئاشكارىلانمىدى.
3. نېفىت ئېقىش ھادىسىسى ئېكولوگىيە كىرىزىسىنى پەيدا قىلالامدۇ؟
ئامېرىكىنىڭ لۇئىزانا ئىشتاتىدا 2010 يىلى ئاپرېلدا نېفىت  ئېقىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، بەش مىليون باكقا يېقىن نېفىت مېكسىكا  قولتۇقىغا ئېقىپ كىردى . ئۇنداقتا بۇنىڭ تەسىرى قانداق بولىدۇ؟ ئالىملار ھازىرغىچە بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالمىدى .
4. 2012 يىلى ئاخىر زامان بولامدۇ؟
بۇ يىل ئاخىر زامان بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ -سۆزلەر مايالارنىڭ كالېندارىدىن كەلگەن بولۇپ ، كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە سالدى . بىراق ئىندىيان ئاقساقىلى كالېنداردىكى 2012-يىلى 21 - دېكابىرنىڭ كونا دەۋىرنىڭ ئاخىرلىشىپ ، يېڭى دەۋىرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاخىر زاماندىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئالىملار ئاخىر زامان ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.
5. نېيترىنو نۇردىنمۇ تېزمۇ ؟
ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىنىڭ 174 فىزىكا ئالىمى بۇلتۇر سېنتەبىردە نۇرنىڭ سۈرئىتىدىن تېز بولغان نېيترىنونى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ ، بىراق بۇ ھازىرغىچە دەلىللەنمىدى.
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

Rank: 4

تۆھپە
167
تىللا
212
شۆھرەت
257
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 15:58:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك ئىسىل يازما ئىكەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-17 01:03 , Processed in 0.770347 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش