- توردا
- 27 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-10
- تىزىملاتقان
- 2012-1-20
- شۆھرەت
- 55
- تىللا
- 102
- تۆھپە
- 44
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 262
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 6
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 3736
- تۆھپە
- 44
- تىللا
- 102
- شۆھرەت
- 55
|
ساللام دوستلار !
ئالدى بىلەن پىكىردىشمىز تۇراننىڭ جاڭىيۇغا ئىسىم قۇيۇش توغرىسدا تەكلىپ بەرگىنى ئۈچۇن رەھمىتىمنى بۈلدۈرمەن.
تۇران بۇ تېمىنى يوللىغىلى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ،تېخىچە رەسمىيى بىر ئىسىم قۇيۇلماپتۇ. بۇ قېتىم مەن ئىسىم قۇيۇش توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقماقچى.پىكىرداش دوستلارنىڭ ئۆز پىكىرلىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن!
جاڭىيۇ دېگىنىمىز بولسا،ئاساسلىقى دانلىق زىرائەتلەرنى ئاساسىي خام ئەشيا قىلىپ(ئاساسىي ماتېريال) ، ئېچىتىش تېخىنىكىسدىن پايدىلنىپ ئېچىتىپ ياسالغان سۇيۇق تەم تېڭشىگۈچ.جاڭيۇ دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى، يەنى يىلتىزى بولسا جىىياڭ دىن ئىبارەت.جىياڭنىڭ كەڭ مەنىدىكى ئېنىقلىمىسى بولسا،يېمەكلىكنىڭ تۇزى،يېمەكلىككە تۇز تەم كىرگۈزگۈچى ،يېمەكلىكنى تېخىمۇ مىزىلىك قىلغۇچى تەم تەڭشىىگۈچ دېگەندىن ئىبارەت.
دادۇر ئىشلەپچىقىرىشتا ئشلىتىدىغان پۇرچاق بولسا، مايسىزلاندۇرۇپ پىشىقلاپ ئشلەنگەن پۇرچاقتىن ئىبارەت.
بەزى پىكىرداشلىرمىز پۇرچاق مېيى دېگەن نامنىمۇ ئويلىشىپتۇ. ماي بولسا جىياڭيۇ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئشلىتىلگەن مىكرو ئورگانىزىمنىڭ رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ، ئىشلەپچىىقىرىش جەرياندا مەخسۇس مايسىزلاندۇرغان پۇرچاق ئشلەتمەي ،ئادەتتكى پۇرچاق ئىسشلەتكەن ئەھۋالدا ،ئۇستگە لەيلەپ چىققان ماينى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىمۇ ، ئشلەپچىقىرىشنىڭ بىر تەرتىپى سۇپىتىدە قولىنىدۇ.
يۇقارقىلاردىن خۇلاسىلسەك پۇرچاق تېتىتقۇسىدېسەك مۇۋاپىق بولغۇدەك.
ئىزاھات:
ئەگەر ئنگىلىزتىلدىكى تەرجىمىسى(soy sauce) بۇيۇنچە تەرجىمە قىلساقمۇ ئوخشاشلا شۇنداق بۇلدۇ. يەنى soy دېگىنىمىز پۇرچاق،sauce
بولسا تېتىتقۇ دېگەندىن ئىبارەت.
يەنە كېلىپ بۇ يەردە ئېيتىلغان تېتىتقۇ دېگەن مەنە ئۇنسىمان قۇرۇق ھالاتتە بولغان نەرسىنىمۇ ، سۇيۇق ھالەتىكىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىمىزدىمۇ ئوخشاش. مەسلەن كۈندىلىك تۇرمۇشمىىزدىن مىسال ئالساق:ئاداش بۇ تاماققا قانداق تېتىتقۇ ئىشلەتىڭ؟
ھە! ئېچىتىلغان لازا، ياكى شۇخلا مىراباسى دېگەندەك جاۋاپلارنى ئاڭلايمىز. |
|