- توردا
- 85 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-7
- تىزىملاتقان
- 2011-1-15
- شۆھرەت
- 1416
- تىللا
- 564
- تۆھپە
- 924
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 4684
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 2
- يازما
- 364
- تېما
- 91
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1431
- تۆھپە
- 924
- تىللا
- 564
- شۆھرەت
- 1416
|
ئاپتور: hidayet
1.خەنزىرە:چوشقا،2.ئەلفىرە:چاشقان.3.مەنزىرە:چۈمۈلىنىڭ ئانىسى.4.نەدىمە:ھەسرەت چەككۈچى.5.سۇدىيە:قارا-ماتاق.6.راھىلە:يۈك ئارتىلغان تۆگە.7.ئاسىيە:يۈز ئۆرۈگۈچى.8.ئەنزىرە:ئاگاھلاندۇرۇلغۇچى.9.فىلورە:ئاياق ئاستى.10.مەجنۇن:ساراڭ....قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تەخمىنەن 50پىرسەنتى ئەرەبچە سۆزلەردىن كەلگەن بولغاچقا،كۆپىنچىمىز مەنىسىنى سۈرۈشتە قىلماستىن قۇلاققا ئالاھىدە پاساھەتلىك ئاڭلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپلا ھەر خىل ئىسىملارنى قويىۋېرىمىز.بۇ بىر تەرەپتىن بىلىمسىزلىكتىن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئابروي قوغلىشىپ خەق قويۇپ باقمىغان يېڭى-يېڭى ئىسىملارنى ئاختۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ شاكىلىغا ئېسىلىۋېلىپ مېغىزىدىن يىراقلاشقانلىقتۇر،بۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا.
يۇقارىقى ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى خاتا دەپ ئىنكار قىلىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ.بۇلاردىن ئالاھىدە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمانلار قويسا بولىدىغان ئىسىملارمۇ بار.مەسىلەن:ئاسىيەنىڭ مەنىسى گەرچە يۈز ئۆرۈگۈچى بولغان بىلەن بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئايرىم بىر تارىخى ۋەقەلىك بار.يەنى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان فىرئەۋىننىڭ ئايالى_ئاسىيە ئانىمىز فىرئەۋىندىن يۈز ئۆرۈپ مۇسا ئەلەيھىسسالام تەرەپتە تۇرۇپ ھەقىقەتنى ياقىلىغان(شۇ سەۋەبتىن ئاسىيە دەپ ئاتالغان).يەنە بىر ئىسىم راھىلە بولسا_يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى شۇنداقلا ياقۇب پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئايالىدۇر.ئەينى زاماندا قۇملۇقتا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان ئەرەب_ئىبرايلارغا ئوخشاش قەۋملەر تۆگىنى بەخت_بەرەكەتنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ ،تۆگە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلەنگەن ئىسىملارنى پەرزەنتلىرىگە كۆپرەك قوياتتى .شۇڭا بۇ خىل ئىسىمنىمۇ يامان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.بىراق خەنزىرە،ئەلفىرە،ئەنزىرە،فىلورە،مەجنۇن...قاتارلىق مەنىسى خۇنۇك،سەت ئىسىملارنى قەتئىي قويماسلىق،ئەگەر بىلمەستىن قويۇپ بولغان بولسا ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ ئېغىر كۆرمەي ئۆزگەرتىۋېتىش كېرەك،چۈنكى قىيامەتتە ئاتا_ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتلىرىگە قويغان ئىسىم سەۋەبلىك ھىساب بېرىشكە دۇچار بولىدۇ.
خۇللەس كالام پەرزەنتكە ئسىمنى ئۆز ھېسسياتىمىزغا ئاساسلىنىپ،يېنىكلىك بىلەن قويماستىن ياخشى ئويلاپ ،بىلىملىك ئۆلىمالاردىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراپ،ئەستايىدىللىق بىلەن مەنىلىك،گۈزەل ئىسىملارنى تاللاپ قويغىنىمىزياخشىدۇر.
ئەلكۈيىدىن ئېلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Segek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-20 16:18
|
|