- توردا
- 85 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-7
- تىزىملاتقان
- 2011-1-15
- شۆھرەت
- 1416
- تىللا
- 564
- تۆھپە
- 924
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 4684
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 2
- يازما
- 364
- تېما
- 91
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1431
 
- تۆھپە
- 924
- تىللا
- 564
- شۆھرەت
- 1416
|
باللار ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىسىدىن بىر ئويۇن ئوينايلى يەنى ھەرىپنى خاتا يازسا ياكى باشقا ھەرىپ يازسا مەنىسى ئۆزگۈرۈپ كېتىدىغان سۆزلەرنى توپلايلى.
مەن باشلاي:
1-تىز دېگەن پۇتنىڭ تىزى، تېز دېگەن سۈرئەت(ئىتتىكلىك).
2- سۈرەت دېگەن رەسىم ئاپاراتىدا تارتقان رەسىم، سۈرئەت دېگەن تېزلىك.
3- ئېشىكى دېگەن ھايۋاننى كۆرسىتىدۇ، ئىشىكى دېگەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى كۆرسىتىدۇ.
4- قويۇن دېگەن چاپان، كۆينىكنىڭ ئىچ تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ، قۇيۇن دېگەن تۈۋرۈكسىمان چىققان سۈرئىتى تېز شامالنى كۆرسىتىدۇ.
5- ئېلان دېگەن بىرەر نەرسىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۆرسىتىدۇ، ئىلان ( ژىلانمۇ دەپ قويۇمىز) دېگەن ئارغامچىدەك ئۇزۇن، يەر بېغىرلاپ ماڭىدىغان ھايۋاننى كۆرسىتىدۇ.
6- بۇلاي دېگەن بىر نەرسىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ، بولاي دېگەن مەلۇم ئوبيىكىتتەك بولماق، دورىماق ، شۇنداق قىلىش دېگەننى كۆرسىتىدۇ.
7- كوچا دېگەن ئائىلىك بار جايدىكى يولنى كۆرسىتىدۇ، كۇچا دېگەن يۇرتلىرىمىزنىڭ بىرسى كۈسەن دىيارىنىڭ ھازىرقى نامىنى كۆرسىتىدۇ.
8- ئىچىش سۇيۇق نەرسىنى ئىستىمال قىلىش (سۈمۈرۈش)، ئېچىش دېگەن سۈپەتنىڭ بۇزۇلۇشى، چىرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
9- ئارسلان دېگەن شىر دېگەن ھايۋاننىڭ نامى، ئاسلان دېگەن مۈشۈك دېگەن ھايۋاننىڭ بالىسى.
10- ئۈزۈم دېگەن چىۋىقسىمان ئۆسۈملۈكتە بولىدىغان مىۋە (بەشكېرەمنىڭ ئۈزۈمى دېگەندەك)، ئۈژمە دېگەن مىۋىلىك دەرەختە بولىدىغان مىۋە.
ئەمدى نۆۋەت سىزنىڭ.
ئانا تىلىڭىزنى سۆيىدىغان بولسىڭىز بۇ تېمىنى داۋاملاشتۇرغايسىز. كەمچىلىكنى كۆرسەتسىڭىز، مەزمۇن تولۇقلىسىڭىزمۇ ھېساپ. |
|