ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 473|ئىنكاس: 5

چەتئەللىكلەر:ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2916
تىللا
2561
شۆھرەت
4747

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 15:00:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھى باي گاداي باي گاداي ، روھى گاداي باي گاداي باي
 
ھەر يىلى ئاياللار بايرىمى كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئىشنى قىلالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن . ئوچۇقىنى دېسەم ئىنتايىن يارىماسلىقىمنى ھىس قىلىمەن . چۈنكى مەن سىڭىللىرىم ، ئاچىلىرىم ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم ئىچىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ، كۆيۈمچان تۇققان بولالمىدىم . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقىغا مەسلىھەتچى ، تۆۋرۈك بولالمىدىم . شۇڭا قىز – ئاياللىرىمىز ھەققىدە بولۇنغان ھەر قانداق ئەيىبلەش ، مەسخىرە قىلىش ، ھاقارەتلەشكە قارىتا مىللەت ھەققىدە گەپ ساتقۇدەك ، ھىچكىمگە نەسىھەت قىلغۇدەك ، قىزلارنى تەنقىت قىلغۇدەك ھەققىم ، سالاھىيىتىم يوق دەپ قارايمەن . ئۈرۈمچىدە كۆزۈمگە كۆرىنىدىغىنى قىز – ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدىكى يالغۇزلۇقى ، ئامالسزلىقى ، ئەمما ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى . ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى ھەققىدىكى ئويلىنىشىم ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى خىياللىرىم توختىمىدى ، گىزىت – ژۇرناللارغا بىسىلغان ماقالىلاردا ئاياللارغا نەسىھەت قىلىدىغان ماقالىلار ئۈزۈلمەيتتى ، ‹‹جەمئىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياخشى ئانىلارغا باغلىق ›› دېگەن ئىدىيىنى ئاساس قىلغان ، ناچارلارنى تەنقىتلەيدىغان ، ياخشلارغا ئىلھام بېرىدىغان مەزمۇندىكى يازمىلار توختىماي چىقىپ تۇردى . ئىنتىر تورىدا بولسا ، ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ، ھەتتا ھاقارەت قىلىدىغان يازمىلار كۆپ يېزىلدى . ‹‹ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتتى ›› دىگەن قاراشنى ھەممە ئادەمگە ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىۋالغان جەمئىيەتشۇناسلار شىنجاڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق نەشىر ئورۇنلىرىدا ئاياللارنى توختىماي قامچىلىدى ، ئەمما ئاياللار زادى قانچىلىك بۇزۇلدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ دىگەن مەسلىگە جاۋاب تېخى بولمىدى .


‹‹ئەرەب›› تىن ئاڭلىغانلىرىم!


2003 – يىلى تور چايخانىسىدا بىر قىز بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر ئەرەبكە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر قىزى ئىدى ، قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ، ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن ئېغىر تويلۇق بىلەن ئەرەبكە ياتلىق قىلىنغانلىقىنى ، يولدىشىنىڭ يەنە باشقا ئىككى ئەرەب ئايالى بارلىقىنى ، يولدىشىنى ئانچە ياقتۇرمايدىغانلىقىدەك ئشلارنى ئۇقتۇم . بۇ ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئەرەب مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇققان تۇنجى ئۇچۇرۇم ئىدى . كىيىن بىر تىل مەكتىۋىدە ئەرەب تىلى مۇئەللىمى بۇلۇپ يۈردۈم ، شۇ چاغدا خۇددى چولپان بۇلۇشتىن قېچىپ يۈرۈپ كۇرۇسقا كىرىۋالغاندەك چىرايلىق بىر قىز دەرسكە قاتناشتى . ئۈچنچى كۈنى مەن ئۇنىڭدىن ئەرەب تىلى ئۆگىنىش مەقسىدىنى سورىدىم ، ئۇ قىز ‹‹ دۇبەيگە چىقماقچى ئىدىم›› دىدى ، ئەمما چىرايىدا بىر خىل خىجىللىق ئەكس ئەتتى . دەم ئېلىش ئارىلىقىدا ئۇنى دەرسكە باشلاپ كەلگەن بىر دوستۇم ئۇ قىز ئەرەبكە ياتلىق بولماقچى (يەنى ئىككىنچى خوتۇن بولماقچى) دىدى . شۇنىڭدىن كىيىن چەتئەللەردە يۈرىدىغان دوستلىرىمدىن ، ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارنىڭ ئاغزىدىن ئەرەبلەر ، پاكىستانلىقلار ، ھەتتا خەن يولداشلار بىلەن تويلاشقانلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، ‹‹بۇنداق ئىشلار كۆپمۇ نىمە ؟ بۇنداقلا زادى قانچىلىكتۇ؟›› دەپ ئويلىدىم ، ئەمما ئېنىق مەلۇمات بولمىدى . لىكىن شۇ چاغدا ئويلىغىنىم : بۇنداق قىزلار پۇلنى دەپ ھەممىنى قىلىدۇ ، چەتئەللىككە قىزىقىپ ، ئۆزىنى ئالاھىدە كۆرسەتمەكچى بولغان دەپ پەرۋا قىلمىدىم . بۇ ئىشلار ئۆتتى ، تۈگىدى .
2008 – يىلى بىر ئەرەب بىلەن ئۈرۈمچىدە 2 ئايغا يېقىن بىللە يۈردۈق . بۇ ئەرەب تۇمارىس مېھمانخانىسىدا بولغان پاكىستانلىق ئىككى ئەر ، ياپونلۇق بىر قىز (خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچى) ، بىر خەنزۇ قىز (شنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدىن)، بىر رۇس ئەر (شىركەت خوجايىنى) ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەت ئارىلىقىدا ‹‹ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس ، ئاياللىرى بەك جانلىق›› دىدى ،(كىيىن ئۇقسام بۇ گەپنى دەسلەپتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دىگەنىكەن ، ‹‹دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ›› دىگەندەك يازمىلاردا )
سورۇندىكىلەر ھەممىسى ئورتاق ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشەتتۇق ، مەن تۇيۇقسىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى چېچىلدىم ، ئەمما شۇ يەردىلا ئەرەب ناھايىتى ئۇزۇن سۆزلىدى : مەن شىنجاڭغا كىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنى بىلەتتىم ، ئۇيغۇر ھەققىدە ئاڭلىغان تۇنجى ھىكايەم بىر ئايالدىن باشلانغان ، شۇ چاغدىلا بۇ يەرنىڭ ئەرلىرىنىڭ يارىماس ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ، ئەمدى بۇ يەرگە كىلىپ كوچا – كويلاردا يۈرىۋاتقان قىزلارنىڭ كۆپچىلىكىگە قاراپ ئېنىق ھىس قىلدىم ، سىلەرنىڭ ئەرلەر ئائىلە تۇتۇشنى بىلمەيدۇ ، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشماپتۇ ، ئەگەر ئۇچراشسىلا سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ ، سىلەر ئاياللارنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر ، ئۇلارنى پۇل تېپىش ، جان بېقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىرىپ قويىسىلەر ، قىزلار ئاسىي بولسا ، ئۇلارنى بۇزۇق دەپ ئارىغا ئالمايسىلەر ، ئەمما ئۇلارنى ئوينايدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالىسىلەر،…..بىر قىزنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ دادىنىڭ ياكى ئۇنىڭغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان ئەركەكنىڭ . بىر ئايالنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ ئۇنىڭ ئىرىنىڭ . ئەگەر خالىمىساڭمۇ ساڭا كۆرستىپ قوياي دىدى ۋە ياپونلۇق قىز ، مەن ۋە پاكىستانلىق ئەلى تۆتەيلەن كونسۇل كوچىسىغا چىقتۇق . ھازىرقى ئېلزابىت مېھمانخانىسى بار دوقمۇشتا ئۈزۈم ، ئالما سېتىۋاتقان (باققال) بىر ئايالنىڭ بېشىدا قاراپ تۇردۇق ، ئايال 45 ياشلار ئەتىراپىدا بۇلۇپ يالغۇز ئىدى ، مىۋە – چىۋىلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى ، ئەمما يېقىن كىلىپ قارىغاندا ، سېتىۋاتقان ئالما ، ئانارلىرى ، ئۈزۈملىرى ئۇنچە سۈپەتسز ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر خېلى چىرايلىق بېزەلگەن باققالچىلىق دۇكىنىدا تۇراتتى ، ئۇنىڭكىدە مىۋىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىدى ، ئەرەب ماڭا ‹ ئوبدان قارا › دىدى ، قارىسام ئۇ ئەرنىڭ باققال ئورنىغا 10 مىنۇت ئىچىدە 6 ئادەم كىلىپ 4 ى مال سېتىۋالدى ، ئۇنىڭ ئالمىسىنىڭ كىلوسى 2 يۈەن قىممەت ئىدى ، ھېلىقى ئايالنىڭ بولسا ئەرزان ئىدى ، خېرىدارلار ئۇنىڭ يېنىدىن باھاسىنىمۇ سورىماي ئۆتۈپ كېتەتتى . بۇ چاغدا ئەرەب ماڭا مۇنداق دىدى ، مانا ئۆزۈڭ تەرجىمە قىلىپ بەردىڭ ، ئايالنىڭ ئالمىسى ئەرزان ئىكەن ، ھېلىقى خېرىدارلار ئاۋۇ ئەرنىڭ ئالمىسنى ئالمىسا ئۇ ئەرگە ھىچقانداق چوڭ زىيان بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ ، ئىقتىسادى ئاساسى ياخشىراق ، ئەمما بۇ ئايال ئالدىدىكى مۇشۇ بىر نەچچە كىلو ئالمىغا تايىنىپ قالغان ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالمىسىنى سەن سېتىۋال دىدى . مەن سېتىۋالدىم ،(كىيىن) بىر كۇرۇستنىڭ ياتىقىدىكى بالىلارغا ئاپىرىپ بەردىم . كىيىن ئەرەب ئۇ ئايالدىن كۈنىدە نەچچە پۇل تاپىدىغانلىقىنى ، مىۋىنى نەدىن ئالىدىغانلىقىنى ، بالىلىرى بار – يوقلۇقىنى ، يولدىشىنى سورىدى ، ئايال كۈندە 60 – 70يۈەن سودا قىلىدىغانلىقىنى ، ئىككى بالىسىدىن بىرىنىڭ 14 ياش ، بىرىنىڭ 10 ياش ئىكەنلىكىنى ، بالىلىرىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ، يولدىشىنىڭ ھاراقكەش ، قىمارۋاز ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرى بىلەن كارى يوقلۇقىنى ، ئاجىرىشالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ ماڭا مۇشۇ ئايالنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش پۇلىدا ياردەم قىلىش يولى ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئادىرىس ، تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى خاتىرىلىۋېلىشنى ئېيتتى . ھەم ماڭا تەۋسىيە قىلدى . كونسۇل كوچىسىدىن چىقىپ بولغۇچە ئەرەب يولدىن ئۆتكەن قىزلاردىن كەم دىگەن 6 -7 نى پاھىشە قىز دىدى ، مەن ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچىكى ، تەقى – تۇرقىغا قاراپ 2 – 3 نى شۇنداقمىكىن دەپ قالدىم ، ئەمما باشقىسىنى ئۇنداق ھۆكۈم قىلىش خاتا دىگەنىدىم ، بۇنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگىنىمدە ئۇ يېنىمىزدىكى ئەلىنى دەرھال بىر قىزنىڭ كەينىدىن يولغا سالدى ، ئەلى ئۇنىڭ بىلەن سودىغا پۈتۈشۈپ قايتىپ كەپتۇ . يالغان دىدىم ئىچىمدە ، لىكىن ئاچچىقىم كەلدى ، غۇرۇرۇم تۇتتى ، تاكى بىز چوڭ بازار ئىچىدىكى ك ئاف سى(كېندېجى)غا كىرگۈچە ئەرەب كەم دىگەندە 20 قىزنى پاھىشەگە چىقىرىپ ماڭدى ، خەپ ….. دىدىميۇ ئەمما كىمنى تىللاشنى ، دەردىمنى كىمدىن ئېلىشنى بىلمىدىم . كېندېجىغا كىرگەندە پاكىستانلىق ئەلى ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئۈچ قىزدىن بىرىنى كۆرسىتىپ ، ‹‹ئۇنى مەن قىلغان ، لىكىن قىز چىقمىدى ، ماڭا بەك ئامراق ، دوستلىرىنىمۇ تونۇشتۇردى ، چاڭلېيۈەندىكى ئۆيىمىزدە 5 ئۇيغۇر قىزى ،4 پاكىستانلىق ئەر بىللە ئويناپ تاڭ ئاتقۇزدۇق دىدى›› . چىرايىم ئۆزگەردى ، ئەقلىم قاچتى ، ئەلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم ، ‹‹ھۇ ھارامدىن بولغان ، كىمىڭنى ھاقارەت قىلىۋاتىسەن ، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن قىزغا تۆھمەت چاپلىغۇدەك بولدۇڭما ؟ سەن پۇلۇم بار دەپ مۇھتاج قىزلارنىڭ ھەممىسىنى جالاپ دەپ قالدىڭمۇ؟›› ئەلى مىنى بىر مۇش سالدى ، مەن ئەبلەخنىڭ جان يىرىگە بىرنى تىزلىدىم ، ھۈسەيىن (ئەرەب) بىزنى ئاجىرىتىۋەتتى ، ئەمما ھېلىقى قىز ھەيران بۇلۇپ كىلىپ ، ئەلىگە خەنزۇچە : ‹‹چىن ئەيدى ، زىمىلى؟ زا خۇيشىر؟ ›› دىدى . مەن : ‹‹يوقىلەۋە قانجىق›› دىدىم ، ئۇ : ‹‹ساراڭمۇ ما بىر نىمە ، كاللىسىدىن كەتكەن›› دىدى ، دوستلىرى ئۇنى قايتۇرۇپ كەتتى . مەن شۇ پېتى ئۇ پاكىستانلىق ئەبلەخ بىلەن قول ئېلىشپ كۆرۈشۈپ باقمىدىم ، كىيىن ئۇ ھېلىقى ئەرەبكە ئالدى – كەينى بۇلۇپ 3 ئۇيغۇر قىزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ ، ئەرەب ماڭا ئۇلارنى سودىسىغا ھەمرا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئوقۇغۇچىمۇ – ئەمەسمۇ ئېنىقلاشنى تاپىلىدى ، ئۇلاردىن بىرى ئوقۇغۇچى ، ئىككىسى ئويۇنچى قىزلار بۇلۇپ ، مەخسۇس چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان بىر گۇرۇپپا قىزلار ئىكەن . ئوقۇغۇچى قىز ھەم ئېنگىلىزچە ھەم روسچىغا ئۇستا بۇلۇپ ، ئالاقىچى ئىكەن . ئۇلارنىڭ يۇرتى بىر يەرلىك ئەمەس بۇلۇپ ، ئوقۇغۇچى قىز شىماللىق ، باشقىلار جەنۇبلۇق ئىكەن . مەن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچى قىزغا ئوچۇقلا نىمىشقا بۇ يولغا ماڭغانلىقىنى سورىدىم ، نەتىجىدە ئىرىشكىنىم ئۇنىڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى ئۇيغۇر ساۋاقدىشىغا بەرگەنلىكىنى ، يىگىت ئاۋال قىز كەلتۈرۈشنىڭ بارلىق 36 تەدبىرىنى قوللانغان بولسا ، كىيىن ئويناپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى ، ئۆزىگە ئويۇن ، كىيىم ، ھۇزۇر ئۈچۈن پۇل لازىم ئىكەنلىكىنى ، ھەم چەتئەللىك بىلەن ئوينىسا سالاھىيىتى ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغانلىقى ، ھەم قەدىر – قىممىتى بىلەن ئوينىغىلى ، سورۇنلاردا باشقا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئالدىدا پەرقلىق ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، شۇ كۈنى ئۇنىڭ يەنە بىر ھەمراھى ئۆزىنىڭ ئىرىنىڭ خىروئىن چىكىپ 2 يىل سولانغانلىقىنى بولغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بالا بىلەن يالغۇزلۇقىنى ، ئامالسىز قالغانلىقىنى، ئەگەر ھازىر 50 يۈەن بولسا ، بالىسىغا 3-4 كۈنلۈك ئىشلىتىپ تۇرۇپ ، خىزمەتتىن بىرىنى تېپىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ، مەن ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ ، بىلىپ تۇرۇپ 50 يۈەن بەردىم . ئەتە مىنى ئىزدەڭ ، ئىش تېپىشقا ياردەم قىلاي دىدىم ، ئەتىسى ئۇ تېلىفۇن قىلمىدى . شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر سۈپىتىم بىلەن ھىس قىلالمىغان ئىشلارنى ئەرەب ، پاكستانلىق كۆزى بىلەن ھىس قىلدىم ، مەن خەلق سۈپىتىدە تۈركتىن باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلالماسلىقىم مۇمكىن ، ئەمما يەككە ئادەم سۈپىتىدە شۇ ئەرەبكە ، ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىسى ، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتتى ، دەرۋەقە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقى ، كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇپ ، ئەيىش – ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇشى ، ھەممىسى ھورۇن ، شەخسيەتچى بولۇشى ناتايىن . ھۈسەيىن ئۈرۈمچىدىن كېتەر چاغدا ئەلىگە شۇنداق دىگەنىدى : سەن جالاپ ئىزلىسەڭ ، دىنسىز پاھىشە ئىزلىمە ، ئۇلارغا ھەم كۈچ ھەم پۇل سەرپ قىلما ، مۇسۇلمان پاھىشەلەرگە ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ . ئۇلارنى بۇنداق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىۋالىسەن . ئۇلارنى دىنسىز يات مىللەت ئەرلىرىنىڭ ئاستىغا تاشلىما . ئۇنىڭ قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ قىلغان بۇ گىپى ھازىرمۇ كاللامدا : سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ .
مەسلە كىمدە؟
كېيىن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت گەپلەرنى بەك تولا ئاڭلاپ زىرىكتىم ، بۇلار ھازىر تەسىر قىلمايدىغان بۇلۇپ كەتتى ، ھازىر ماڭا مۇشۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە گەپ قىلالايدىغان ئادەمنىڭ گىپى بەك ياقىدۇ ، چۈنكى تىللاشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، ئەمما نىمە ئۈچۈن شۇنداق؟ شۇنداق بولسا ، ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەككەن؟ دىگەننى ئويلىنىشىمىز كېرەك ئىدى . كىم نىمە دىيىشىدىن قەتئىينەەر ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىز – ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئۇيغۇر دادىلار ، ئۇيغۇر ئاكىلار ، ئۇيغۇر ئۇكىلار ، ئۇيغۇر ئەركەكلەر ، مۇشۇلار مەسئۇل! چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەركەك دەيدۇ ، ئۆزلىرىنى ئاياللاردىن ئۈستۈن ، ئەركەكچىلىك ئېڭى كۈچلۈك ، ئۆزىنى ئوغۇلبالا ، بىز نوچى دەپ قارايدۇ . ‹‹ئەركەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا ئەركەك ، ئادا قىلمىسا ، ئەركەك ئەمەس›› ،(تۈرك ئاتا سۆزلىرى) . ئەمما ئائىلىسى تۇرۇپ ئاشنا ئويناش ، بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ، پۇل توپلاپ كەلگۈسىگە تەييارلىق قىلىش ئەمەس ، سورۇندارچىلىق ، شۆھرەت بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىش ، بىلىم ، ئىقتىساد ، ساغلاملىق جەھەتلەردە خوتۇنلىرىدىن ئۈستۈن سالاھىيەت ھازىرلىيالماي ، ئارقىدىن خوتۇنىنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ ، ئۇلارنى باشقۇرالماسلىق ، گىپىنى ئۆتكۈزەلمەسلىك ، ئاخىرىدا ئايالى ئىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي تالاغا قاراش .
Lمانا ھازىرمۇ ھەر كۈنى جەمئىيەت ھەققىدە قاخشاۋاتقان زىيالىيلارنى ، ياشلارنى كۆپ كۆرىمىز ، جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك ۋە جىددى بولغان مەسىلە – قىز – ئاياللار مەسىلىسى . مۇشۇنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ھىچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ . مەسىلە زادى نىمە؟ بۇ ئەخلاق مەسلىسى ، قىممەت قاراش مەسىلىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى يىمىرىلىش ئالدىدا ، ئۇنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟
ئائىلىدىن باشلاش كېرەك . ھەممە ئادەم ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇشتىن ، ئۆزىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئائىلىدىن باشلىشى ، قولىدىن كىلىشىچە باشقىلارغا يېتەكچى بولۇشى كېرەك ، خاتالاشقانلارغا كۆيۈمچانلىق بىلەن يول كۆرسىتىشى كېرەك ، چۈنكى ئۇلار – بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ، قىزلىرىمىز ، ئاياللىرىمىز ، سىڭىللىرىمىز ، بىزنىڭ غۇرۇرىمىز .


تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟


تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرغان دوستۇم مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى : قانچىلىك دەرىجىدە توغرىلىقىنى بىلمەيمەن ، لىكىن پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولالايدۇ .
تۈركلەردە بىر ئائىلىدە بىر ئوغۇلبالا بولسا ، گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئەركەك بولغانىكەن ، چۇقۇم سىڭلىسى ۋە ئاچىسىغا مەسئۇل بولىدىكەن . ئۇلارنى كەچتە نەگە باردىڭ ، كىم بىلەن كۆرۈشتۈڭ؟ نىمە ئىش قىلدىڭ؟ بىرى بوزەك قىلدىمۇ؟ دەپ سوراش ئومۇميۈزلۈك مىللى ئاڭغا ئايلانغانىكەن . بىر مەھەللىگە باشقا يەردىن بىر ئەر كىلىپ مەھەللە قىزلىرىغا چاقچاق قىلسا ، كەينىگە كىرىۋالسا ، ھەممىسى بىرلىشپ ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدىكەن . باسقۇنچىلىق قىلىش دىگەن ئۇقۇم ئاز ئىكەن ، ئەگەر قىلغانلار سادىر بولسا ، جەمەتى بويىچە قۇرۇتىۋېتىدىكەن . كوچىلاردا قىزلار قانچىلىك يالىڭاچ يۈرىشىدىن قەتئىينەزەر بىر ئەر كىلىپ ئۇنىڭغا يېپىشىۋالسا باشقا ئەرلەر ئۇنى ئاجايىپ ئېغىر ئالىدىكەن ، قىزلار خالىسا ، ساقچىلار كىلىپ ئۇ ئەرنى قاماققا ئالىدىكەن . ئەرلەر چوقۇم ئۆزىنى ئاياللاردىن ھەممە جەھەتتە ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايدىكەن ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىدىكەن ، تۈركلەر ئىنتايىن تىرىشچان بۇلۇپ ، ئاياللىرىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ قارىماي ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرىدىكەن ، ئۆزىدىن گۇناھ ساقىت بولغاندا ، ئاندىن ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىنىدىكەن ، ئۇلاردىن سەمىمىيەتسىزلىك سادىر بولسا ئۆلتۈرۈۋېتىش شەرەپلىك جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن . ئەرنىڭ ئىززەت – نۇمۇسى ، غۇرۇرى ئىنتايىن كاتتا ھېسابلىنىدىكەن ھەم ئەرلەرمۇ مۇشۇنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن .
مەن بۇتىمىنى كۆرۈپ باشقا تورداشلارنىڭمۇ كۆرۈپ ئويلىنپ بىقىشى ئۈچۈن يوللۇدۇم.
مەنبە : ‹‹باغداش مۇنبىرى››
babor 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
464
تىللا
595
شۆھرەت
807

ئاكتىپ تۆھپە تەشۋىقات پىداكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 22:28:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                 پايدىلنىش قىممىتى باركەن .

Rank: 4

تۆھپە
112
تىللا
265
شۆھرەت
223
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 23:33:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، چىنىباغ مىھمان سارىيى ئالدىدا تىجارەت قىلىدىغان بىر ئاغىنەم بىر سولامچى (مەخسۇس ئوقۇغۇچى قىزلارنى ئوردۇلارغا سولاپ بىرىدىكەن) ياشنى قاتتىق ئۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئۇ ۋە ئۇ باشلاپ كەلگەن بۇزۇق يىغلاپ يالۋۇرۇپ كەتكەن.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
113
تىللا
162
شۆھرەت
176
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 21:51:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ تۇران ئەپەندى  مەن  بۇ  تېمىڭىزنى تۇلۇق ئوقۇپ بولالمىدىم ،ياق ئوقۇمۇدۇم ، راس قىز يولدىن چىققان قىز- ئاياللىرىمىزنى  تىللىدۇق ، سۆكتۇق ،ھەر  نىمە دىدۇق ،لېكىن سىز دىگەندەك سەۋەپ نەدە ؟ قانداق قىلساق ئوڭشىغىلى بولىدۇ ؟ بۇ توغۇرلۇق مۇنازىرىنى قىلىشمىدۇق ، بەلكىم ئەمەلىي ئىش قىلىشىمىزمۇ زۆرۆردۇ .
توغرا قىز - ئاياللىرىمىز بىزنىڭ غورورىمىز ،پەخرىمىز شۇنداق ئەمەسمۇ ،مەن كۆپ سۆزلىمەي بىرى بىزدىكى ئەرلىك غورور ،ۋىجدان،مەسئوللىيەت ،يەنە بىر  چەكتىن ئاشمىغان دىننىي تەربىيە  ئارقىلىق توساش ،تىزگىنلەش ئەپ باسا ياخشى ، ھەي  سوزلىسەم يەنە  بۇرۇنقى دادا  بوۋىلىرىمىزنىڭ روھى قەنى  ،

مەن مۇنداق بىر ئەبلەقنىڭ گىپىنى توغرىسى ئاغىنەمنىڭ گىپى : قىزلىقى  بولمىسىمۇ مەيلىكى جەمىيەتنى ئوينىغان ،ئاتا - ئانىسى باي بولسا كىيىن بىرەر ئىش قىلغاندا يار - يۆلەك بولالىسا بولدى ،بىز  نىمىلەرنى قىلمىدۇق ، ئۇلاردىن قىزلىق تەلەپ قىلىشمۇ كۈلكىك دىمەسمۇ ئاچچىقىمدا بىر  مۇنچە بىر  نەرسە دىيىشىپ  كىتىپتىمەن ،يىگىتلىرىمىزنىڭ روھى چۈشكىنلىكى شۇ دەرىجىدە ئىكەنكى قىز - ئاياللىرىمىزنى يەنە بىر نەرسە دىيىشكە  ھەي  بولدىلا .......
نادىر تېما  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
44
تىللا
102
شۆھرەت
55
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 00:14:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: چەتئەللىكلەر:ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس

  1. غايىمىز
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئەسسلامۇ ئەللەيكۇم  !
ئەسىرىڭىز  يېزىلىپ ئىككى سائەتتىن  كىيىن  كۆرگەن ئىدىم.ۋاقتىدا  ئىنكاس يازالمىدىم.  ئەسرىڭىز  ئاجايىپ ھەققانىيەتلەرنى يۇرتۇپ بېرىپتۇ.تەششەككۇۇر سىزگە!بۇلارنى  توم-توم ئەسەرلىرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ شۆھرەت قازنىپ ،داڭلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلۇشۇپ يۇرۇشكەن ئاشۇ يازغۇچىلىرمىزدىن نەچىسى يۇرتۇپ بېرەلىدى؟
20-ئەسىرنىڭ كاتتا مۇتەپەككۇر ئۆلىماسى مەرھۇم مۇھەممەد غەزالى «ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:
«دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشىنىڭ سىرى بۇ يەردە بولۇپ، تاشقى جەھەتتىكى مەنزىرە ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ پايدىسى يوق. شۇڭا دىنلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ دىلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىچكى دۇنياسىدىن ئىسلاھ قىلىپ چىقىشتۇر. بىر ئادەمنىڭ مۇسۇلمانلىقىمۇ ئۇنىڭ دىلىدىكى ئىمانى ئېتىبارى بىلەن قىممەتكە ئېرىشىدۇ. دېھقاننىڭ يەرنى ھەيدەپ، ئۇرۇقنى جايىدا سېلىپ، سۇغۇرۇپ دېھقانچىلىقنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلىماستىن، ‹ئاللا مول ھوسۇلدا زىيان تارتىشتىن ساقلىسۇن› دېگەنلىكىنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمىغاندەك، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش قىلماستىن ۋە تولۇق تەييارلىق قىلماستىن، ‹ئاللا سىنىپتا قېلىشتىن ساقلىسۇن› دېگەنلىكىنىڭ پايدىسى يوقتۇر. شۇنداقلا بىرەر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ نەپسىنى يىغماي تۇرۇپ، ئاغزاكى ‹ئى ئاللا! مېنى شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىغىن› دەپ دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ پايدىسى يوقتۇر. چۈنكى ياراتقۇچى ئىنسانلارنى ئىشلىمەستىن، سەۋەب قىلماستىن، دۇئا-تىلەك بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمەس. بەلكى ئۇلارنى تىلى بىلەن دىلىنىڭ بىردەك بولۇشىغا بۇيرۇغان. ئەگەر سەۋەب قىلماستىن دۇئا بىلەنلا ئىش ھەل بولىدىغان بولسا ئىدى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى بولغان مۇھەممەد ئەمەليھىسسالام سەۋەب قىلمىغان ۋە ئىشلىمىگەن بولاتتى. ئەمما تارىخ بۇنىڭغا گۇۋاھكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللادىن نېمىنى سورىسا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ماددىي سەۋەبلىرىنى تولۇق ئورۇندايتتى، نېمىدىن پاناھ تىلىسە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن يىراق تۇراتتى. ھەر ئىشتا ئۇنىڭ تىلى بىلەن دىلى ۋە ئەمەلىيىتى بىردەك ئىدى.»
       شۇنداق  ، دېمەكچى بولغۇنۇم  بىز ئۆزمىزگە تەۋە بولغان شۇنداقلا ئۆزمىز ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىگە  ،ھەققانىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلماي تۇرۇپلا،بۇدېگەن مېنڭ  گۈزەل دەرخىم .ئۇ  ئالىبۇرۇن كۆكلەپ كۆچەت بوپ بولدى،ئەمدى ھەممە ئش ئۆزگە باغلىق،گۈزەل
پېىتى تۇرشى كېرەك، بولمىسا مەن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنمەن،نۇمۇس ۋە خورلۇق  ھېس قىلمەن.مەن ياشغان زىمىندىكى گۈزەلىك تۈگۈشىپتۇ دەپ   جاھانغا بىر يايمەن.بەلكىم سەۋرى قىلشىم مۇمكىن، ئەمما دوستۇمنىڭمۇ گۈزەل دەرخىنىڭ  سولاشقىنىنى كۆرسەم ئامالسىز  بۇ ئەمىليەت، ،گۇزەللك تۇگدى،*بىزنىڭ گۈزەلىرمىز  تۇگدى.*ئاھ خۇدا  ،ئۆزەڭ  ساقلىغايسەن!!!!!!!تۇگەشمىگەن بىرمۇ قالمىغان ئوخشايدۇ ئەمدى(نۇمۇسىزلارچە  ھەممىگە ھاقارەت قىلسىز)دەپ جار سالسىڭىز ،ئېيتىڭچۇ ئاتا ،ئېيتىڭچۇ ئەر،ئېيتىڭچۇ يگىت  ،بۇنىڭ نېمە پايدىسى ؟!
            باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرنچى يىلىقدىكى ئش .ئدى، ھېلىمۇ  ئېسىمدە  ،شۇ كۇنى مەكتەپتىكى بالىلار بايرىملىق سەنئەت پائالىيتىگە نۇمۇر كۆرسۈتۈشكە مەنمۇ تاللانغان ئدىم.بۇنى ئاكامۇ بېلەتتى.شۇڭلاشقا ئەتىگەندە ئاپام بىلەن خوشلۇشۇپ ،ئشىكتىن چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا،ئاكام ئالدىمنى تۇسۇپلا،
بۇگۇن نۇمۇر ئورۇنلۇغاندا گىرىم قىلىپ سەھنىگە چىقماڭ ھە دېدى.
مۇئەلىم قېلېپ قويسا قانداق قىلىمەن؟دېدىم .
گىرىم قىلمايمەن،كىچىك بولغاندىن كىيىن مۇشۇ پېتىم چىقاي دەڭ .ھە بۇلامدۇ؟بولمىسا كەچتە ئوبدانلا خاپىلىشىپ قالمايلى ،گېپمنى قۇلۇقىڭىزدا ئوبدان ساقلاڭ .خوش مەكتىپىڭىزگە  مېڭ ئەمدى ،دېدى.
پائالىيەت باشلىنىشقا  يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت بارئدى.تۇيۇقسڭز دوستۇم جەمىلە مەن ۋە باشقا تۆتەيلەنى  چاقىرىپ مۇئەللىمنڭ ئشخانسىغا  باشلاپ ماڭدى.نېمە ئشكىن دىسەك، ئەسلى چىرايلىق كىيىملىرمىز بىلەن ماسلاشتۇرۇپ بىزگە گىرىم قىلىپ قويماقچى ئكەن.
ئەمدى قانداق قىلارمەن؟دەپ ئويلۇدۇم ئچىمدە.نۆۋەت ماڭا كەلگەن ئدى.
ئاخرى غەيرەت قىلىپ ئېغىز ئاچتىم.مۇئەللىم مەن گىرىم قىلمايمەن،ئاكام رەنجىپ قالدۇ  ،  دېدىم.
نېمە ھەممەيلەن قىلغان تۇرسا سىز قىلمىسىڭز قانداق بۇلدۇ، تىز بۇلۇڭ ۋاقىت تۇشاي دېدى،مۇئەللىم.
مۇئەللىم، مەن  پائالىيەتكە قاتناشمايمەن،دېدىم.
مۇئەللىم ئوڭايسىزلانغان ھالدا، ماڭا قاراڭ،بۇدېگەن كولىكتىپ نۇمۇر تۇرسا سىز قاتناشمىسىڭىز قانداق بۇلدۇ؟بىر قېتىم پائالىيەتكە گىرىم قىلىپ
چىقسىڭىز ھىچنىمە بولمايدۇ ،ئاكىڭىزغا مەن چۇشەندۈرۈپ قويمەن ،دېدى.
باشقا دوستلۇرۇمۇ، ئاداش ،ئاكاڭ كۆرمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن  .مۇئەللىم  بولغاندىكىن خاترجەم بول ،دېيىشتى.
شۇنداق قىلىپ ،بىز گىرىم قىلغان ھالدا سەھنىگە چىقىپ نۇمۇر ئورۇنلۇدۇق.
پائالىيەت ئاخىرلىشىپ ،ھەممەيلەن ئۆيمىزگە مېڭىشتۇق.مەن ئويگە يېقىنلاشقانسېرى ئەنسىرەشكە باشلىدىم.ئچىمدە،ئاكام ماڭا شۇنداق ئامراق تۇرسا ،بۇگۇن نېمىشقا ئۇنى خاپا قىلدىغان ئشنى قىلغاندىمەن،ھە؟ئۇ مېنى ئۇرارمۇ ھە؟ياكى ئشىك تۇۋدە قاراڭغۇدا تۇرغۇزۇپ قورقۇتارمۇ؟
دېگېندەك خىياللار بىلەن بەنىت بۇلۇپ،تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ،ھە نوچى قايتىپ كەلدۇقمۇ؟دەپ زەردە بىلەن ئېيتقان سۆزلۈردىن  چۆچۆپ ،توختاپ ئالدىما قارسام ئاكام.مەن قورقۇنۇمدىن ھېچنېمە دېيەلمەي جايىمدىلا تۇرۇپ قالدىم.
ئاپا، بۇياققا چىقىڭە !دېدى. ئاپام نېمە ئش بولغانلىقنى  بىلمەي يۈگۇرۈپ  چىىقتى.
ئەتىگەندە، مەن ،ما ياغاچ قۇلاققنى نېمەدەپ مەكتەپكە يولغا سالغان.سىز ئارلاشماڭ ،ئەدەپلەپ باشقۇرۇپ قويمىسام بولمىدى  بۇنى دېدى دە ،قۇلى بىلەن ئارقىسىغا يۇشۇرۋالغان ئۇزۇن ،ئنىچكە سۆگەت تېلنى چىقاردى.
مەن قورقۇنۇمدىن ،ئاپا ئاكامنى تۇتۇۋېلڭ ،دېدىم.
ئاپام چاقانلىق بىلەن ئاكامنىڭ قولدىكى تالنى تارتىۋالدىدە، ئاكامنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ بىرنېملەرنى دېگەندىن كىيىن،ئاندىن ماڭا قاراپ  ئاچچىق بىلەن،بۇگۇن ئۆز گۇناھىڭىز ئۆزۈڭىزگە،ئاكىىسىنڭ گېپنى ئاڭلىمىغان ئادەمنىڭ گېپىنى تىڭشىمايمەن،دەپلا  ئۆيگە  كىرىپ كەتتى.
مەن خىجىل بولغۇنۇمدىن يىغلىۋەتتىم.
ئاكام يېنىمغا يېقىن كېلىپ ،ماڭە ھويلغا دەپلا، شۇنداق سەت سىلكىگەن پېتى قۇلۇمدىن تارتىپ ھويلىغا ئەكرىپ  تۈۋرۇك تەرەپكە ئەكلىپ توختاتتى،دە ماۋۇ تۈۋرۈكنى كۆردۈڭمۇ؟بۇ قېتىم خەيرى  دەپ قوياي، ئىككىنچى قېتىم شۇنداق ئش بولسا  مۇشۇ تۈۋرۈككە باغلاپ قۇيۇپ كۆك چىۋىقتا  ساۋايمەن بىلدىڭمۇ ؟دېدى دە،  پىشنى قېقېپلا ئۆيگە كىرىپ كېتتى.
ھويلا قاراڭغۇ بولغاچقا قورقۇشقا باشلىدىم.ئۆيگە كېرەي دېسەم خىجىل بۇلۇپ  كېرەلمىدىم. ئاردىن خېلى بر ۋاقىت ئۆتكەن بولسمۇ بېرەرسى  چىقىپ ئۆيگە ئەكىرۋالىلى دېمىدى.مەن تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدىم.شۇ ئاردا  سىڭلىم چىقىپ ، سىزنى ئۆيگە كىرسۇن دەيدۇ ،دېدى.
ئەتىى دەم ئېلش كۇنى بولغاچقا ،ئاكاممۇ ئۆيدە بار ئدى.چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغان ۋاقىت ئىدى.ئاكام  ھويلىدا تۇرۇپ مېنى چاقىردى.
دائىم بزگە ياساپ بېردىغان ئىلەڭگۈچنى ياساپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدى.
رەيىھانە،كېلىڭە سىزنى ئىلەڭگۈچتە  راسا  بىر ئوينىتاي ھە!ئوماق ئۇكام دېدى.مەن جىملا تۇرۇپ قالدىم.ئاكام كۆڭلۈمدە نېمە ئويلۇغۇنۇمنى بىلگەندەكلا.سىز دېگەن ياخشى سىڭلىم بولغاندكىن، بۇ  بېرجۇپ تۇۋرۇككە مەڭگۇ سىزنى ئوينىتىدىغان ئللەڭگۈچ ياساپ بېرمەن،دېدى ۋە ئاكىلىق مېھرى بىلەن چېچىمنى سىلاپ قويدى.شۇنداق قىلىپ بۇ بىر كۇننى  ئىللەڭگۈچ ئويناش، ئۆستەڭ بۇيغا بېرىپ بېلىق تۇتۇش ، ۋېلسپىت
مىنىش، پىرقىرغۇچ ياساش دېگەندەك  ئشلار بىلەن ئاجايىپ خۇشال ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.
ئاكامنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى بەك چوڭ ئدى. ھازىرمۇ مېنىڭ ئۆگۈنۈش ۋە تەتىقاتلىرمنى قوللاپ كېلۋاتىدۇ.مەن نەتىنجىگە ئېرشكەن ۋاقىتتا بەلكىم ئاتا -ئانام بىلەن تەڭ قاتاردا تەشەككۇر ئيتىدىغان ئادىمىم دەل شۇ مېنى  ماڭگۇ ياپيېشىل ياپراقلىرىم بىلەن  گۈزەل تۇرسۇن دەپ ماڭا  ئاكىلىق مەجبۇريىتنى،ئاكلىق ھوقۇقىنى ،ئاكىلىق مىھرى -مۇھەببتىنى يەتكۇزگەن قېرىندىشىمدۇر!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
          مەنمۇ سىزمۇ تېنىۋالالمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، دىلمىز بىلەن تىلمىز بىردەك بولسىلا  ، رەزىلىك بىلەن گۇزەللىك تەڭ مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرغان  بۇ    رەڭدار دۇنيادا  خىجىلىق،ئاھانەت،لەنەت ، ئازاپ دېگەندەكلەردىن خالىي ھالدا ياشايسز.گۈزەل دەرخىڭىز مەڭگۈ جۇلالىنىپ تۇردۇ.سىزگە تەششەككۇرنى ئېيتىش ئۈچۈن تىرىشدۇ.شۇنداق مەن سەممىيەت ۋە ئىشەنچىم  بىلەن ئېيتالايمەن  <دىلمىز  ،تىلمىز،ھەركىتىمىز بىردەك بولسىلا  ،سىلەر ئەرلەر مەڭگۇ بزنىڭ  قېرندىشىمىز ۋە قوغدۇغۇچىمىز،بىز بولساق مەڭگۇ سىلەرگە  تەششەككۇر ئيتقۇچى،ئللاغا  بىز ئۈچۇن  سىلەرنى  ياراتقىنىنى دەپ   نامىزىمىزدا   دۇئا  قىلغۇچىدۇرمىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! >.
بىز مەڭگۇ تانالمايدىغان نەرسە  -بىز  بىر قېرىنداشلاردىن!
  1. غايىمىز
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2417
تىللا
2431
شۆھرەت
4508

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 01:35:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ نەچچە كۈننىڭياقى بىر گەپ ماڭا بەك تەسىر قىلغانىدى . كېچىلىرى ئۇخلىيالماسمۇ بولۇپ قالدىم . نىمە گەپ دەڭ

« ئاQنىڭ نەۋرىلىرى نۇرغۇن پۇل تاپتى ،لېكىن ئۇلارنىڭ پۇلدىن بۆلەك ھېچنىمىسى قالمىدى.............. ».

         كۆر ئىتقا بولىۋەرسە باش ئارسلان ،
                   بولۇر ئىتلار ھەممە  ئارسلانسىمان .
                   ئەگەر ئىت بولسا شۇ ئارسلانغا باش ،
                  بولۇر ئارسلانلار ھەم  ئىتتەك ھامان........   
  
    شۇنداق قىلىپ ئاQنىڭ نەۋرىلىرى نۇرغۇن پۇل تاپتى .بىراق پۇلدىن باشقا ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلدى . ئاQبىلەن قازىنىمىز باشقا ئىدى. بىراق بىزمۇ بارا-بارا ئاQنىڭ نەۋرىلىرى قاتارىغا كىرىپ  قېلىشقا باشلىدۇق ..........
    ئاQنىڭ نەۋرىلىرى  نۇرغۇن پۇل تاپتى ،لېكىن ئۇلارنىڭ پۇلدىن بۆلەك ھېچنىمىسى قالمىدى
   
   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-21 01:37  

ياخشىمۇ سىلەر قېرىنداشلار!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 10:48 , Processed in 0.417645 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش