- توردا
- 677 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-16
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 4879
- تىللا
- 2651
- تۆھپە
- 2990
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 16457
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1058
- تېما
- 468
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 4
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2990
- تىللا
- 2651
- شۆھرەت
- 4879
|
سۆگەل_ ھەرخىل ئىچكى-تاشقى ئامىىللار تەسىرىدە بەدەندە بەلغەم خىلىتى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرىلەرگە تەسىر قىلىپ، تىرىلەر ئارقىلىق راۋان چىقىپ كېتەلمەي توپلىشىپ قالىدۇ، نەتىجىدە بۇ خىل كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ . داۋالاشتا تۆۋەندىكى رېتسېپلار ئىشلىتىلسە بولىدۇ :
1. سىيادان بىلەن تۇزنى سوقۇپ ئارلاشتۇرۇپ، سۆگەل ئۈستىگە سۈرۈپ بەرسىڭىز %80 تىن ئارتۇق ئۈنۈم بىرىدۇ.
2. كۈدىنى سۇ يىغى بىلەن ئېزىپ سۆگەلگە تېڭىپ بەرسىڭىز سۆگەل چۈشىدۇ.
3. ماش ئۇنىنى زىغىر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، ئازراق قۇلۇنپا قوشۇپ ، سۆگەلگە چېچىپ بەرسىڭىز سۆگەل چۈشىدۇ.
4. سۆگەلگە چىڭگىلىك سۈتىنى كۈنىگە 7-6 قېتىم سۈركەشنى ھەپتە داۋاملاشتۇرسىڭىز سۆگەل چۈشىدۇ.
5. ئەنجۈر دەرىخىنىڭ سۈتىنى ( ئەنجۈر ساپىقىدىن چىقىدىغان سۈتى )چىڭگىلىك سۈتىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئوخشاش ھەپتە سۈركەپ بەرسىڭىز ناھايىتى پايدا قىلىدۇ.
6. يېڭى كۆك ياڭاق شاكىلىنىڭ سىرىتقى نېپىز قەۋىتىنى ئېلىۋېتىپ ، ئۇنى سۆگەلگە كۈندە 5-3 قېتىم سۈركىسىڭىز سۆگەل ئۆزلىگىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.
7. 7 دانە تۇخۇمنى ئاچچىقسۇغا 7 كۈن چىلاپ، ئاندىن كۈنىگە بىردىن يەپ بەرسىڭىز پايدا قىلىدۇ .
8. ئۆردەك تۇخۇمىدىن كىچىك تۆشۈك ئىچىپ ئاچچىقسۇغا 7 كۈن چىلاپ كۈندە بىردىن يېسىڭىز بولىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-17 22:51
|
|