ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 171|ئىنكاس: 2

رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ فورمىسى بىرلىككە كېلىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2916
تىللا
2561
شۆھرەت
4747

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 22:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە بىرلىككە كەلگەن مەكتەپ فورمىسى كىيىدۇ.
      2012 – يىللىق يىڭى ئوقۇش يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە بىرلىككە كەلگەن مەكتەپ فورمىسى كىيىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ فورمىسى سۈپىتىدە ‹‹دۆلەت مەكتەپ فورمىسى سۈپەت ئۆلچىمى›› ئاساس قىلىنىدۇ، ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
     ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىمىزچە، شارائىتى بار مەكتەپلەر بۇ يىل ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن مەكتەپ فورمىسى كىيىشنى يولغا قويسا بولىدىكەن.

     جايلاردىكى مەكتەپلەر ئۆز جايىنىڭ پەسىل ئالاھىدىلىكى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى، بەدەن قۇرۇلۇشىغا ئاساسەن مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدىكەن، بىرلىككە كەلگەن فورما ھەققىنى ھۆكۈمەت، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئۈستىگە ئالدىكەن، ئاپتونوم رايوننىڭ بېرىدىغان تولۇقلىما سوممىسى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدىكەن. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە بىرلىككە كەلگەن فورما كىيىش – كىيمەسلىك ئەھۋالىنى مائارىپ نازارىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇل بولۇپ تەكشۈرۈپ تۇرىدىكەن.

     ئاپتونوم رايون جايلاردىن مەكتەپ فورمىسىنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكى، باھاسىنى قاتتىق نازارەت قىلىشنى، چىرىكلىكتىن قەتئىي ساقلىنىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مۇۋاپىق ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5213
تىللا
4015
شۆھرەت
8806

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 22:56:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يېزىدىكى مەكتەپتە بىر يۈرۈش مەكتەپ فورمىسىنىڭ باھاسى 85يۇەن، كىچىك بالا دىگەن بىر ئوقۇش مەۋسۇمىدا بىر نەچچە قۇرنى يوق قىلىپ بولىدىكەن، نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنىتلىرىگە بەكلا ئۇۋال بوپ كىتىۋاتقان، ياردەملىك تارقاتسا بەلكىم باھاسى نورماللىشىشى مۇمكىن.
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2422
تىللا
2435
شۆھرەت
4516

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 00:53:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىياسەت توغرا
بىراق ئەشۇ پۇللار تۆۋەنگە چۈشكىچە كەملەپ كەتمىسىلا بولاتتىغۇ ؟!!1
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 16:18 , Processed in 0.236655 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش