ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 205|ئىنكاس: 2

بېسىمنى ئازايتىشتىكى 20خىل ئۇسۇل   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2990
تىللا
2651
شۆھرەت
4879

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 22:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېسىمنى ئازايتىشتىكى 20خىل ئۇسۇل  
1. ھەر قانچە ئازاپلىق ئىش بولسىمۇ، ئۆمۈرۋايەت داۋاملاشمايدۇ، شۇڭا ھەرگىز بىئارام بولماڭ.
2. ئىلگىركى ئازاپلىق كەچۇرمىشىڭىزنى، ئەينى چاغدا قانداق قىلىپ قەد كۆتۇرگەنلىكىڭىزنى، كىيىنكى كۆڭۇللۇك كۇنلەرنى ئويلاپ، بۇ قېتىممۇ تىنچ-ئامان كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
3. ئۆزىڭىزگە بۇ دىگەن كىشىلىك ھايات، كوپچىلىكنىڭ ھەممىسى تىرىشىۋاتىدۇ، دىيىشىڭىز كېرەك.
4. كۇندىلىك خاتىرە يېزىڭ، ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇپ، كۆڭلىڭىزدە ساقلىغانلىرىڭىزنى خاتىرلەش ئارقىلىق، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ.
5. بارلىق ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ، تازا قانغۇچە ئۇخلاڭ. ئويغانغاندىن كىيىنچۇقۇم كەيپىياتىڭىز ياخشى بۇلۇپ قالىدۇ .
6. بەزى يۇمۇرلۇق، ھەجۋى رەسىملەر توپلىمى،كىتاپلار ياكى كومىدىيلىك فىلىمدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، پۇتۇن زېھنىڭىز بىلەن كۇرۇپ چىقىڭ. كۇلكە بارلىق كۇڭۇلسىز ئىشلىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇردۇ.
7. ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇڭ. بۇمۇ كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاشتىكى بىر ياخشى ئۇسۇل .
8. چېنىقىش كۇلۇبى ياكى ھوسۇن تۇزەش ئورنىغا بېرىپ، كەسپى ئۇۋلاشتىن بەھرىمان بۇلۇپ، پۇتۇن بەدىنىڭىزنى تەلتۇكۇس بوشاشتۇرۇڭ.
9. بالكۇندىن پايدىلىنىپباغۋەنچىلىك لەززىتىدىن بەھرىمان بۇلۇڭ. ھەر- بىر تەشتەكتىكى گۇلگە نام بېرىڭ. ھەر-بىر يۇپۇرمىقىنى كۇڭۇل قۇيۇپ سۇرتۇڭ. پۇتۇن زېھنىڭىز بىلەن بۇ ئۆسۇملۇكلەردىن بەھىر ئېلىڭ.
10. ھۆسۇن تۇزەش ئورنىغا بېرىپ گىرىم قىلىڭ. قاش، چاچ، تىرنىقىڭىزنى ياسىتىڭ.ئەتىۋارلىنىش ھىسىياتىدىن بەھرىمان بۇلۇڭ. ئادەم چىرايلىق بولغانسىرى، كەيپىياتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشى بۇلىدۇ .
11. پۇتىڭىزنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ راھەتلىنىڭ. بەدەن راھەتلەنسە، كەيپىياتمۇتەبى ھالدا ياخشىلىنىدۇ. توڭلىغاقلار بۇ ئۇسۇلنى قولللانسا تېخىمۇ ياخشى.
12. يولدا ئۆتكەچ تۇرۇپ، باغچا ياكى دەرەخزارلىققا بېرىپ سەيلە قىلىڭ.
13. ئەڭ راھەت قىياپەتتە تۇرۇپ، قورساق بىلەن نەپەسلىنىڭ. بۇرۇن بىلەن كۇچەپ نەپەس ئېلىپ،ئاندىن ئېغىز بىلەن ئاستا- ئاستا نەپەس چىقىرىڭ. مۇشۇنداق تەكرار بىر نەچچە قېتىم نەپەسلەنگەندە ئادەمنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىشىدۇ.
14. بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسۋابى بىلەن، بۇيۇن، غول، بەل ھەمدە پۇتۇن بەدەننى كۇچەپ ھەركەتلەندۇرۇڭ.
15. ياخشى سىردا دوستىڭىزنى تېپىپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ مۇڭدۇشۇڭ.
16. مەقسەتسىز مېڭىڭ، نىشان بەلگىلەشنىڭ ھاجىتى يوق . مەسىلەن ، بىكەتكىچىلا ماڭسام بۇلار دىگەندەك .
17. پۇتبول ياكى ۋاستىكبولدىن ئىبارەت ماھارەت بىلەن غەلبە قىلىدىغان تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىنى كۇرۇپ، ئۆزىڭىزنى شۇنىڭغا سىڭدۇرۇڭ.
18. نەق مەيداندا ئۆتكۇزۇلگەن ناخشا كېچىلىكى ياكى تانسىخانىلارغا بېرىپ، قانغۇچە تانسا ئويناڭ، ياكى ناخشا ئېيتىڭ.
19. ئۆزىڭىز ياخشى كۇرىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن يالتايماڭ  . تاكى كەيپىياتىڭىز ياخشىلانغىچە يەڭ. ئۇرۇقلاۋاتقان بولسىڭىزمۇ ھىچقىسى يوق. ئۆزىڭىزگە بىر كۇن رۇخسەت بېرىڭ.
20. كەيپىياتىڭىز ناچار ۋاختىدا. ئىلگىرى سېتىۋالالمىغان كىيىم ياكى سومكىنى سېتىۋىلىپ ، ئۆزىڭىزگە داۋاملىق تىرىشقىن دەپ تەسەللى سۇپىتىدە سوۋغا قىلىڭ.




       مەنبە : "تۇرمۇش" دېگەن بېتىكتىن(كىتابتىن) ئېلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-16 22:53  

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
39
تىللا
169
شۆھرەت
117

شەرەپ تۆھپە سالاپەت پىداكار داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 05:27:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلساڭلارمۇ ئەينەن ئەكەلمەي، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز، ئەخلاقىمىزغا يامان تەسىرى بار قىسمىنى چىقىرىۋەتسەڭلار بولمامدۇ؟ ماۋۇ ئەڭ قاملاشمىغان گەپ بوپتۇ!
18. نەق مەيداندا ئۆتكۇزۇلگەن ناخشا كېچىلىكى ياكى تانسىخانىلارغا بېرىپ، قانغۇچە تانسا ئويناڭ، ياكى ناخشا ئېيتىڭ.

Rank: 2

تۆھپە
45
تىللا
43
شۆھرەت
39
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 07:44:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارا-بارا ئاينىۋاتقىنىمىز راست. ئاينىشنىڭ موتۇرى نەدە؟ رولدا كىم بار؟ ئۇسۇلى قانداق؟ بۇلارنى بىلگۈڭىز كېلىدىغاندۇ؟ ئۇنداق بولسا بۇ كىتاپتا [url]http://www.qiannao.com/space/dir/Boztaghliq/share/.page[/url]ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي دىئالوگلاردا بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىلگەن. قانائەتلەنمىسىڭىز باشقا كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاۋال بۇنى ئوقۇپ بېقىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghurmen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-18 02:24  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-17 12:24 , Processed in 0.734015 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش