تور خاتىرەم مېھمانساراي
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئوردىلاردەك سەلتەنەتلىك ياسىداق مېھمانساراي،
كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان راۋاق- مېھمانساراي،
ھەر قەدەمدە ئۇچرۇدۇڭ سەن بى ساناق مېھمانساراي،
مەن ساڭا مېھمان ئىدىم، ئاچتىڭ قۇچاق مېھمان ساراي،
مېھمىنىڭ بولدۇم، ساڭا قاتتىم قوشاق مېھمان ساراي.
مەن ئۆزۈمگە بىر بېقىپ، باقتىم پاياندازىڭغابىر،
«كەلسىلە، مېھمان» دېگەن كالامغا-ئاۋازىڭغا بىر،
تەرىپىمگە، شەرىپىمگە ياڭرىغان سازىڭغا بىر،
نە ئەجەپكىم باققىنىمدا مەن سېنىڭ نازىڭغا بىر،
قورۇنۇپ، تەشۋىشلىنىپ باستىم ئاياق،مېھمانساراي.
قارا باستى ئۇخلىماستىن بىر كارامەتنى كۆرۈپ،
تېلېۋىزور ئېكرانىدا چىققان ئالامەتنى كۆرۈپ،
يالىڭاچ تەن…ئاھ،نومۇسلۇق جاي،قىيامەتنى كۆرۈپ،
بىر ئايالغا ئالتە ئەركەك….بۇجىنايەتنى كۆرۈپ…
كۆزنى يۇمدۇم،ئويغا پاتتىم،بەك ئۇزاق ،مېھمانساراي.
توختىماي تېلېفۇن جىرىڭشىپ بەرمىدى ئەمدى ئارام،
پۇت-قولۇمنى بىرسوزۇپ ياتماق ماڭا بولدى ھارام،
-كۈتكۈچى لازىممۇ؟ جاننى قىينىدى زەپ دىل يارام،
مۇز بولۇپ قاتتى چاناقتا كۆز يېشىم تارام-تارام،
-ياق،يوقال!… ۋىجدان ماڭا قويدى سوراق،مېھمانساراي.
-دورا لازىممۇ؟قېنى ئۇ سەندىكى ئەرلىك يۈرەك؟
ئۆچكىنىڭمۇ،يا سۆگەتنىڭمۇ ساڭا سالغان شۈمەك؟
سەن ئايال،بەلكى بالاڭنىڭ دادىسى سەندىن بۆلەك،
-دەيدۇ بىر جىن،-يېشىنە،ھۇ تۇغما خۇمسى،ھەزىلەك!
شۇ ھاقارەت ئۇردى جانغا مىڭ چوماق، مېھمانساري..
چېكىلىپ ئىشىك تالاي،كىردى يېنىمغاجىنلىرىڭ،
بىلىمدىم ،چۈشۈممۇ، ئوت ياقتى قېنىمغا جىنلىرىڭ،
يالمىدى،دەھشەتتە ئولاشتى تېنىمغا جىنلىرىڭ،
سالدى مەڭگۈلۈك ۋەھىمە بۇجېنىمغا جىنلىرىڭ،
مەن ئۈچۈن بۇ بىر كېچە بولدى دوزاق ،مېھمانساراي.
كىمكىنە ئۇ شادا پاچاق،كۆزى كۆك،ئەڭلى سېرىق؟
كىمكىنە ئۇ دوقا ماڭلاي،كالپۇكى دورداي-يېرىق؟
كىمكىنە ئۇ رومىلى ھەم ساقىلى بار بىر ئېيىق؟
كىمكىنە ئۇ ئىڭرىغان ؟ زۇۋانى ئۇيغۇرنىڭ ئېنىق…
مىڭ ئېتىلدىم….سەن ماڭاقۇردۇڭ توزاق،مېھمانساراي.
بەلكى بىر ئاپپاق يىلاندۇر ياتقىنى قوينۇمدىكى،
بەلكى كۈلپەت زەنجىرىدۇر تۇرغىنى بوينۇمدىكى،
ئۇيىغان زەرداپ مېنىڭ شەكلىمدە ئۇ ئورنۇمدىكى،
سەن قاباھەتلىك چۈشۈم بولدۇڭ مېنىڭ تۇيغۇمدىكى،
ئەمدى بار مېھمانلىرىڭ ئالغاي ساۋاق، مېھمانساراي!…
مەنبە: تور خاتىرەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا owchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-15 23:18
|