- توردا
- 677 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-16
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 4879
- تىللا
- 2651
- تۆھپە
- 2990
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 16457
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1058
- تېما
- 468
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 4
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2990
- تىللا
- 2651
- شۆھرەت
- 4879
|
سەككىز خىل چۈش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى دوختۇرلار كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سەككىز خىل چۈشنىڭ كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكنى بايقىغان:
بىرىنچى، چۈشىڭىزدە بىرەر ئادەم ياكى باشقا غەلىتە مەخلۇقنىڭ بېشىڭىزغا ئۇرغاندەك ئالامەتلەرنى كۆرسىڭىز، سىزنىڭ مېڭە ئۆسمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىڭىزدا كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن ئىكەن.
ئىككىنچى، ئەگەر سىز چۈشىڭىزدە غەلىتە ئاۋازلارنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، بەلكىم ئاڭلاش سېزىم مەركىزىدە بەزى كسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن قان تومۇرلاردا قېتىشىش ئەھۋالى پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.
ئۈچىنچى، چۈشىڭىزدە كانىيىڭىز بوغۇلغاندەك، نەپسىڭىز راۋان بولمىغاندەك، تۇنجۇقۇپ قالغاندەك بولسىڭىز، بەلكىم سىزنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىڭىزدا كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.
تۆتىنچى، ئەگەر چۈشىڭىزدە مەلۇم بىر نەرسە قوغلاۋاتقاندەك، ۋەھىمە باسقاندەك، قاچاي دېسىڭىز يۈگۈرەلمەيۋاتقاندەك، چۆچۈپ ئويغانغاندا يۈرىكىڭىز ئورنىغا چۈشمىگەندەك بولۇپ، تەرلەپ، يۈرەك سوقۇشىڭىز تېخىمۇ تېزلىشىپ كەتكەن بولسا، بەلكىم سىزدە يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ قان يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىك كېسەللىكى پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.
بەشىنچى، چۈشىڭىزدە يول ماڭغاندا تەڭپۇڭلىقىڭىزنى ساقلىيالمىغاندەك، بەدىنىڭىز تولغىنىپ كېتىۋاتقاندەك، پۇت- قوللىرىڭىز ئېغىرلىشىپ، ماڭالماي يىقىلىپ كېتىۋاتقاندەك بولسىڭىز، شۇنداقلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسىڭىز، بۇ بەلكىم سانجىقنىڭ ئالدىن شەپىسى بولۇشى مۈمكىن.
ئالتىنچى، چۈشىڭىزدە ئېگىزدىن پەسكە چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ، يەرگە چۈشمەستىنلا چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتسىڭىز، بۇ بەلكى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولۇشى مۈمكىن.
يەتتىنچى، چۈشىڭىزدە سۇ كۆرۈنۈشى، يەنى كەلكۈن، سازلىق قاتارلىقلارنى كۆرگەن بولسىڭىز، بەلكىم جىگەر، ئۆت، يۈرەك قاتارلىق ئەزالىرىڭىزدا كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.
سەككىزىنچى، چۈشڭىزدە باشقىلاردىن تاياق يەپ ئويغىنىپ كەتكەندىن كېيىن تاياق يېگەن ئورۇن ئاغرىغاندەك بولسا، شۇ ئورۇندىكى ئەزالاردا كېسەللىك پەيدا بولغاننىڭ بېشارىتى بولۇشى مۈمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كىشىلەرنىڭ كۆرگەن چۈشى ئۆزىدىكى كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ئەھۋالى بولىدۇ؛ دائىم كۆڭۈلسىز چۈشلەرنى كۆپ كۆرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەر چۈشىدە ئېگىزگە يامىشىپ چىقىش، ئۇچۇش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق چۈشلەرنى كۆرىدىكەن. ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر چۈشىدە ماڭغاندا چارچايدىكەن. روھي كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر قورقۇنۇشلۇق ئەھۋاللارنى چۈشەيدىكەن.
شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر: يۇقىرقىدەك چۈشلەرنى كۆپ كۆرۈدىغانلار ۋاختىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرتۈشى كېرەك، دەپ تەۋسىيە قىلىدۇ.
مەنبە:مەلىكە مۇنبىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-15 21:46
|
|