- توردا
- 677 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-16
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 4879
- تىللا
- 2651
- تۆھپە
- 2990
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 16457
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1058
- تېما
- 468
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 4
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2990
- تىللا
- 2651
- شۆھرەت
- 4879
|
1 . ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئاچچىقسۇنى ئېغىزغا ئېلىپ بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن تۈكۈرۈۋېتىپ ، چىشنى چۇتكىلاپ بەرگەندە ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. لېكىن چىشىڭىز چۈچۈمەل تەمدىن قاماپ قېلىشى مۇمكىن ، بۇ خىل سېزىم ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ . بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى ، بۇ خىل ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئىشلەتسىڭىز كۇپايە. بۇ ئۇسۇل يەنە ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ.
2 . ئاپېلسىن پوستىنى قۇرۇتۇپ ، ئېزىپ ئۇندەك قىلىپ ، چىش پاستىسىغا ئارىلاشتۇرۇپ چىش چوتكىلىسىمۇ چىشنى تېز ئاقارتقىلى بولىدۇ.
3 . چىش چوتكىلىغاندا چىش چوتكىسىغا ئازراق خېمىرتۇرۇچ پاراشۇكىنى سېپىپ چوتكىلىسا چىشنى تېز ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
4 . چىش چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن لىمۇن سۈيى بىلەن چىشىڭىزنى سۈرتىسىڭىزمۇ چىشنى ئاقارتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
5 . خام يەر ياڭىقىنى چايناپ ، يۇتۇۋەتمەي ، ئۇۋاقلىرىنى چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتسىمۇ چىش ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
6 . سىياھ بېلىقنىڭ ئۇستىخىنىنى ئېزىپ چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ( سىياھ بېلىقنىڭ بەدىنىدە بىر چوڭ ئۇستىغان بولۇپ ، ئاق رەڭدە كېلىدۇ، ئۇنى قىرىپ پاراشۇك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ چىشنى تېز ئاقارتىدۇ).
7 . يېمەكلىك سوداسى بىلەن چىشنى تازىلاش. چىش چوتكىسىغا ئازراق يېمەكلىك سوداسى سېپىپ چىشنى چوتكىلاپ بەرسە ھەمدە بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەپتىدە بىردىن ئىككى قىتىمغىچە ، ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇت داۋاملاشتۇرسا ، چىشنى پاكىز تازىلاپ ، پارقىرىتىدۇ.
8 . چىش پاستىسىنى چوتكا ئۈستىگە سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن يەنە ئازراق تۇزغا مىلەپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم داۋاملاشتۇرسا ، بىر ھەپتىدىلا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ.
مەنبە؛ شىنجاڭ ئاياللىرى
|
|