- توردا
- 1 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-17
- تىزىملاتقان
- 2011-12-20
- شۆھرەت
- 62
- تىللا
- 54
- تۆھپە
- 64
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 246
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 4
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 3517
- تۆھپە
- 64
- تىللا
- 54
- شۆھرەت
- 62
|
ئەسلى بۇتىما UKIJ تور بىتىگە يوللانغان بولۇپ ئىنتىل سەيناسى جامائەتچىلىكىنىڭمۇ بۇ ئىشقا ئوز پىكرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسىكەن دىگەن مەخسەتتە مەزكۈر مۇنبەرگىمۇ يوللاشنى لايىق كۆردۈم.
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم UKIJ جامائەتلىرى بىزدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ دىسە تولا گەپ لىكىن بىزدە خەلقئارالىق بىرلىككە كەلگەن خەت نۇسخىسى يوق دىيەرلىك، بۇنداق دىسەم بەزىلەر باغۇ دىيىشى مۇمكىن، شۇنداق با دىسەك پەقەت WindowsVista ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەششىرىدىلا با، لىكىن بىز ئۇيغۇرلاردا مۇشۇ سىسىتىمىلارنى ئىشلىتىدىغان ئادەم قانچىلىك؟ مۇشۇ سىستىلاردىكى بىشى uighur دىن باشلانغان خەت نۇسخسىنىڭ ئىشلىتىلىشى قانچىلىك؟ پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيتىگە ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كومپىيوتىر بىلىدىغان، ئۇيغۇرچە يىزىق بىر تەرپ قىلىشنى بىلىدىغانلارغا نىسبەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا ئۇنى ئىشلىتىدىغانلار قانچىلىك؟ %30 گىمۇ بارمايدۇ. UKIJ ، Alkatip، Alp ,Ukk قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى ياسىغان ئادەم ئوخشاش بولمىسىمۇ خەلقئارالىق يۇنىكود كود ئۆلچىمى بويىچە ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىپ ياسالغان بولغاچقا بۇ كىرگۈزگۈچلەرنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى ئارىلاش كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. بىراق ELPIDA ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ بولغاچقا يۇقارقى خەت نۇسخىلىرى بىلەن ئارىلاش كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، ئەلپىدانىڭ يۇنىكودلۇق يەنى ئۆلچەملىك خەت نۇسخىلىرى تارقىتىلىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. لىكىن مىنىڭ ھازىرغىچە ئۇچراتقىنىم ELPIDA ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ ۋە ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسى. ELPIDAئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ بولغاچقا مۇشۇ خەت نۇسخىىسىنى ئىشلىتىپ يىزىلغان ئۇيغۇرچە ماتىرىياللارنى باشقا خەت نۇسقىلىرى قوللىمايدۇ بۇ ھەممىمىزگە ئايان، شۇنىڭ ئۈچۈن قانداقلا بولمىسۇن ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچنى يوقىتىشىمىز زۈرۈر ئىدى. لىكىن بەزىلىرىمىز ELPIDA نى ئۆلچەملىك يۇنكودقا ئايلاندۇردىغان قوراللار خلى كۆپ تۇرسىمۇ ئۆلچەملىك يۇنىكودقا ئايلاندۇرۋىلىپ قول ئۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا Win7 دەك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى تەمىنلەنگەن سىستىمىغىمۇ ELPIDA نى قاچىلاپ يۇرىۋاتىمىز.بۇ ئىش قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە ناھايتى ئىغىركەن. مائارىپچىلار مائارىپ ساھەسىدە ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچلەرنى ئوموملاشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرۇپ ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچتىن قول ئۈزەلمەي يۇرسە باشقا ساھەدىكىلەر،،،،،ھەي! ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارغا نىمە دىگۈلۈك؟ ئۇيغۇر دىگەن ئۇيۇشقاق دىگەن گەپكە تۈفى دەي دىسە تىخى! شۇڭا ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ يۇرىۋاتقانلار ماتىرياللىرىمىزنى ئۆلچەملىك يۇنكودقا ئايلاندۇردىغان قوراللار ئارقىلىق ئۆزگرتىۋىلىپ ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچتىن قول ئۈزۈڭ. بۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز مەن پالانى ئورۇننىڭ ياكى پالانى مەكتەپنىڭ كومپىيۇتىر باشقۇرغۇچىسى دوپ ئوزىڭىزنى داملاپ يۇرمەي بىرىپ ،،،،،،، قىلىڭ. بەلكىم بۇ گەپلەرگە بەزىلەرنىڭ ئاچچىقى كىلىپ كومپىيۇتىر ئۇيغۇرچىنى تونىسا، ئولچەملىك بولامدۇ ئۆلچەمسىز بولامدۇ ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلغىلى بولسىا بولمىدىمۇ دەپ بىر نىمەلەرنى دەپ تىللاۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ يەردىكى گەپ ئۇيغۇرچىنى تونۇش، بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئەمەس. ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇش بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىلا بولسا 98-يىلى ھەل قىلىنىپ بولغان بۇ ئشلارغا كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمئىيتىدىكىلەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ خەلقئارالىق يۇنىكود ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۇۈرش توغۇرسىدا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىغۇچىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ يۇرىدىغانغا ئۇلار قىلغىلى ئىش تاپالماي قاپتىكەنمۇ ياكى بىشى چۆگىلەپ ساراڭ بوپ قاپتىكەنمۇ؟
بىزدە WinXp ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. ھەم بۇنىڭغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردىن بىر قانچىسى بولغاچقا بىرسىمىز بىر كىرگۈزگۈچنى يەنە بىرسىمىز يەنە بىر كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكەچكە ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرچە بىر ماتىرىيالنى ئۇرۇپ رەتلەپ بىسىپ چىقارغۇدەك قىلىپ تەڭشەپ ئاقسۇ ياكى قەشقەردىكى بىرسىگە يوللاپ بەرسەك بىرسىمىزدە بار خەت نۇسخى يەنە بىرسىمىزدە بولماسلىق تۇپەيلىدىن ئۇ ماتىرىيالنى قايتىدىن تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ. بىر ھەپتە ئىلگىرى بىر يىغىندا بىرەيلەن ئوزىنىڭ پىلانىنى PowerPoint دا كۆرسەتمىلىك سۆزلەشكە توغرا كەپ قىلىپ تەييارلغان ماتىيالىنى ئىچىۋىدى كومپىيۇتىر يىزىقنى تونۇمىدى، بۇ كىشى ئشلەتكەن خەت نۇسقىسى Ukk رۇقى خەت نۇسقىسىكەن، كومپىيۇتىرغا قاچىلانغىنى بولسا ئەلكاتىپ، ھەر ئىككىلىسى ئۆلچەملىك بولغاچقا كۆرسەتمىلىك ماتىرىيالنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئەل كاتىپ رۇقى خەت نۇسخىسغا تەڭشىسەك گەرچە خەت نۇسقىسى ۋە نامى ئوخشاش بولسىمۇ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخساش بولمىغاچقا ماتىرىيالنىڭ قىلىپىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ كىتىپ يىرىم سائەتتەك ۋاقىت ماتىرىيالنى قايتا تەڭشەشكە كەتتى، شۇ جەرياندا بىر خەنزۇ يولداش مەندىن: سىلەرنىڭ نىمىشقا كومپىيۇتىردا يىزىقىڭلار قالايمىقان، ما ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ بىرماتىرىيالنى بىسىپ يەنە بىر ئىشخانىغا ئاچقىسا تونۇمايدىكەن دەپ سوراپ قالدى، بۇنىڭغىمۇ لايىقىدا جاۋاب بەردىم.قارىماققا بۇ ئىش ناھايتى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىغاندەك قىلغان بىلەن لىكىن بىزدە ئىغىر دەرىجىدە خەت نۇسقىسى قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز ئۇيغۇر ھۆسنىخەت كىتابلىرىغا قاراپ بىقىڭ، ئەسلىيە خەت نۇسقىسى، رۇقى خەت نۇسخىسى، باسما خەت نۇسقىلىرىنىڭ قانچىخىل نۇسقىسى باركەن. بىرخىللا نۇسقىسى بار، بىزدىكى كىرگۈزگۈچلەرگە قاراپ بىقىڭ قانچىخىل نۇسخىسى باركەن. قوليازما خەت نۇسخسىنىڭ بىر-قانچەخىل بولغىننى كۆرگەن، لىكىن يۇقارقى خەت نۇسخلىرىنىڭمۇ تاس قالىدۇ ئون- يىگىرمە خىل چىكەتكىلى. خەنزۇلارنىڭكىگە قاراپ بىقىڭ بەش- ئالتىلا خەت نۇسقىسى بار، بۇ ئۇلارنىڭ خەت نۇسقىلىرىنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، توردىن ئىزدىسىڭىز ئۇلارنىڭمۇ نۇرغۇن خەت نۇسقىلىرى بار.بۇ خەت نۇسقىلىرى Windows تىلا ئەمەس linux قاتارلىق سىستىمىلاردىمۇ ئورتاق بىرلىككە كەلگەن. شۇڭا دۇنيانىڭ ما بۇلۇڭىدا تۇرۇپ دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىكى بىرسىگە ماتىرىيال يوللاپ بەرسە ئۇنى قايتا تەھىرلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلارنىڭمۇ سوگۇ، جىيا جيا دىگەندەك بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان كىرگۈزگۈچلىرى با، ئۇنى قاچىلىسىڭىز ئۇلارنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزدىكى ئالتە دانە خەت نۇسقىسى سەككىز، سەككىزى ئون بوپ قالمايدۇ(ئايرىم بىر قىسىملىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا)، ئۇ كىرگۈزگۈچلەر پەقەت خەنزۇچە سۆز ئابىرىغا سۆزلۈك قوشىدۇ خالاس.
بىزنىڭ يۇمشاق دىتال ئىنژىنىرلىرىمىز كىرگۈزگۈچ ياساۋاتىدۇ ،،ياساۋاتىدۇ بىرەسى ما تۆت-بەش خەت نۇسقىسىدا بىرلىككە كىلىپ نامىنى ئۇيغۇر Uyghur basma, Uyghur esliye, Uyghur tuz قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ كىرگۈزگۈچلىرىمىزگە قوشۇپ تارقىتايلى دىگەن گەپنى قىلىپ باقمىدى. كىرگۈزگۈچ ياسىساق بولىدۇ، بۇرۇنقى ھالەتتە ياساۋەرمەي بولسا ھەرىپلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۆت-بەش خەت نۇسقىسىدا ئورتاق بىرلىككە كىلىپ ئۆزىمىزنىڭ باشقا خەت نۇسقىلىرىنى قوشۇپ ياسىساق بولسا بىزمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لوغىتىنڭ سۆز ئامبىرنى قوشۇپ ياسىساق(ئاددىغىنىسى ئارىمىزدىمۇ خەلق دىگەن خەتنى توغرا يازالمايدىغانلار ناھايتى كۆپ) بىز ۋە بىزدىن كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغىمۇ ناھايتى ياخشى بولاتتى. شۇڭا ئۇيغۇر بولىدىكەنمىز بۇ بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە بوپ قالدى.مىنىڭ پىكىرىم ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيتىدىكىلەر بۇ ئشقا باش بولۇپ ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنىڭ چوڭ- كىچىكلىك ئۆلچىمىنى بىكىتىپ بەرسە، بەش-ئالتە خەت نۇسقىسىنى ئوخشاش بىر نامدا بىرلىككە كەلتۈرسىكەن. كۆپچىلىك مۇشۇ توغۇرسىدا بىر ئويلىنىپ باقساق، ھەم ئۆزىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق.
تەپەككۈرۈم چىچىلىپ كىتىپ ئىنىق مەخسەتنى ئوتتۇرغا قويالماي يازماممۇ ئۇزىراپ كەتتى كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشى سورايمەن.. |
-
2
باھا خاتىرىسى
-
|