ئوۋچى بلوگى بىزنىڭ باشلىق يېمەيدۇ
(ساتېرا)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
بىزنىڭ باشلىق پاكلىقتا قاردەك ئاپئاق، يېمەيدۇ،
يېمەيدۇ ئۇ، ئىستىلدا دۇرۇس، ساپ-ساق، يېمەيدۇ،
پارا بەرسەك ئۆزىنى قىلىپ شالتاق، يېمەيدۇ،
«يەيدۇغۇ» دەپ ئۇنىڭغا قىلماڭ چاخچاق، يېمەيدۇ،
يېڭى تېخى بۇ يەرگە، يېسە چاتاق، يېمەيدۇ.
كۆرمىگەن بىز ئەزەلدىن يېمەيدىغان باشلىقنى،
ئارقىسىغا«شەيتان»نىڭ كىرمەيدىغان باشلىقنى،
باشلىقلىقنىڭ پەيزىنى سۈرمەيدىغان باشلىقنى،
يەپ تۇرۇپمۇ«يېمىدىم» دېمەيدىغان باشلىقنى،
لېكىن، بىزنىڭ بۇ باشلىق يېمەيدۇ، ياق، يېمەيدۇ.
پۇچەك ئەمەس ئۇ ھەرگىز، شىمىشكاڭنى چاقمايدۇ،
دىرىلداققا مەيلى يوق، ئۇسسۇزلۇققا باقمايدۇ،
سۇيۇق ئېشىڭ، يوبدىنىڭ مېجەزىگە ياقمايدۇ،
ھاجەت بولسا ئاشتۇزغا ئىشىكىڭنى قاقمايدۇ،
ئىچمەيدۇ ئۇ سۈتۈڭنى، تۇتساڭ قايماق يېمەيدۇ.
ئىشەنمىسەڭ يېرىم ئاش ئېلىپ بەرگىن، يەمدىكىن،
قاچىسىغا توغرامچە سېلىپ بەرگىن، يەمدىكىن،
ئۆيگە چىللاپ يا ھالۋا چېلىپ بەرگىن، يەمدىكىن،
«قوغۇن-تاۋۇز ۋاشاڭ» دەپ تىلىپ بەرگىن، يەمدىكىن،
ئۆز ئۆيىدە يەمدىكىن، سىرتتا تاماق يېمەيدۇ.
«نەدىن كەلدى يېمىسە بايلىقى» دەپ سورىما،
«يوق ئىدىغۇ ئۆي-زېمىن، جايلىقى» دەپ سورىما،
«مىراس قالغان كىمدىن بۇ يايلىقى» دەپ سورىما،
«بارغۇ پەقەت ئۇنىڭمۇ ئايلىقى» دەپ سورىما،
باشلىق دېگەن بايلىققا يېقىن شۇنداق، يېمەيدۇ.
باي بولۇشنىڭ بايرىقى بىزنىڭ باشلىق دەرۋەقە،
ئامەت بولدى ئۇنىڭغا گۈزەل ياشلىق دەرۋەقە،
قىزىقتۇرۇپ چوڭلارنى گىرىم-قاشلىق دەرۋەقە،
تاپىنىدا زەر بولدى ھەتتا تاشلىق دەرۋەقە،
يوللىرىدا مۈشكۈلدىن يوقتۇر توساق، يېمەيدۇ.
باي بولامدۇ بۇنچىلىك مۇئەللىمنىڭ ئېشىغا؟
قوشۇقتىكى ئاش بۇنداق تېپەلەمدۇ تېشىغا؟
يېتىشەمدۇ ئايلىقىڭ بۈدرە قىلغان بېشىغا؟
ھەسەت قىلما چەكتۈرگەن، ئوسما قويغان قېشىغا،
ئايال تۇرۇپ ئۇ پەقەت ئەمەس نايناق، يېمەيدۇ.
يېسىمۇ ئۇ يېگەندۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى،
مىڭ جاپادا تاپقاندۇ باي بولۇشنىڭ يولىنى،
نەگە سوزسا سوزمامدۇ بىزگە سوزماي قولىنى،
يەپ كەتمىسە بىزلەرنى كولىمايلى ھۇلىنى،
يېمەيدىغان قەۋمگە ئۇ بىر بايراق، يېمەيدۇ.
ئۇ يىقىلسا كېلىدۇ يەيدىغاننىڭ چوڭىدىن-
بىر يالاڭتۆش ئىشتانسىز شۆھرەت تېپىپ قوڭىدىن،
نەدە بىزگە باشلىقنىڭ يېمەيدىغان-ئوڭىدىن؟
ئەۋرىتىڭنى مەھكەم تۇت، يەيدىغان بار يۇڭىدىن،
بىزنىڭ باشلىق ۋە لېكىن، ئەمەس ئۇنداق، يېمەيدۇ! |