مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
ئىككى شېئىر
ئوت
ئېچىلدۇردى يۈرەكلەردە گۈل،
سەن دىلىڭدىن تارقاتقان ھىد- بۇي.
سېنىڭ بىلەن تولدى باھارغا،
يانۋاردىكى غېرىپخانە-ئۆي.
ئوزۇقىڭغا قارا كۆمۈر يەپ،
قىزىل چېچەك ئاچقىنىڭ قىزىق.
ئېسىپ قوياي ئىككى تال مارجان،
(قۇربىم پەقەت يەتتى شۇنىڭغا)،
بىلگىن ئۇنى كۆڭلۈڭدە تىزىق...
ئائىلە
سەن قېنىڭدىن كۆكلەتكەن ئورمان،
ھەر شېخىدا ئالتۇن يۇپۇرماق.
پەرۋىشكارى پەقەت بىر ئۆزۈڭ،
نىسىپ بولغان ساڭا ئۇپۇرماق.
سۇغارمىساڭ قۇرار سارغىيىپ،
پۇتىمىساڭ يارامسىز ئۆسكەن.
ئېگىزلەتسەڭ بىراق قاشانى،
ئۆسەك سۆزلەر قورساقنى ئەسكەن.
كېتەلمەيسەن مەڭگۈ ۋاز كېچىپ،
چۈنكى ساڭا ئۇ گۈزەل ۋەتەن.
پەرۋىشىڭدىن ئايرىلسا ئەگەر،
كۈل بولىدۇ كۆيۈپ دىل ۋە تەن. |