ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 212|ئىنكاس: 5

كونا ئىرپاننى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۋىلىڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2916
تىللا
2563
شۆھرەت
4748

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 15:08:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا ئىرپاننى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۋىلىڭ
زامان ئۆزگەرمەكتە، زامانغا لايىق ياشاش ئۈچۈن زامانىۋىي ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىمىزگە توغرا كەلمەكتە.   دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا؛ تەرەققىياتنىڭ ھەربىر قەدىمى بىزنى تېخىمۇ ئېغىر تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىغا پاتۇرماقتا؛ بىز ئۆگىنىشكە، چۈشىنىشكە، بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر شۇنچە كۆپەيمەكتە... تىل بىلىش بىلىم ئېلىش،دۇنيانى چۈشىنىش ۋە ئۆزگىلەردىن ئۆگىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئايلانماقتا.   
«ئىرپان» لۇغەتلىرى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن بىلىم ئېلىۋاتقان ئىلىم ئاشىنالىرىنىڭ قولىغا قورال، تىلىغا كۆۋرۈك بولۇۋاتىدۇ. ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ياش غۇنچىغىمۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئەلىيۇل ئەلاغىمۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەرگىمۇ، مۇنبەرلەردە دەرس سۆزلەۋاتقان ئۇستازلارغىمۇ ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان ئىلىم قورالىغا ئايلاندى. «ئىرپان» دۇنياغا ئوچۇق كۆز بىلەن نەزەر سېلىشنى ئىستىگۈچىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك دوستىغا ئايلاندى.
         شۇڭىلاشقا شىركىتمىز 2003-يىلىدىن 2009-يىلغىچە بولغان بارلىق لۇغەتلەرنى ئەسلى باھاسىنىڭ % 30 بويېچە ھېسابلاپ يىغىۋىلىپ يېڭىدىن بازارغا سىلىنغان، يېڭى ئىرپان لۇغەتكە ئالماشتۇرۇش پائالىيتى ئىلىپ بارىدۇ. بۇرۇنقى ھەر بىر خىرىدارىمىزنىڭ كونا لۇغەتلىرىنى ئىلىپ، ئىرپان مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش نۇقتىسىغا ئاپىرىپ يېڭى لۇغەتكە ئالماشتۇرۇۋىلىشنى سورايمىز. ۋاقىتنى قولدىن بەرمەڭ.

   ئورۇنلار :
ئۈرۈمچى : مائارىپ نازارىتى ئۇددۇلىدىكى ئىرپان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەخسوس دۇكىنى
قومۇل : تۆت كوچا سودا كوچىسى ئىرپان مەھسۇلاتلىرىنى مەخسوس سېتىش دۇكىنى.
قەشقەر :  قەشقەر ئىرپان مەخسۇس سېتىش ئورنى  مەمۇرى مەھكىمە ئالدىدا
غولجا شەھىرى - ئىرپان لۇغەتلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئورنى  غولجا شەھەرلىك قىزىل بايراق سودا سارىيىنىڭ 1-قەۋىتىدە
قارماي ئىرپان مەخسۇس سېتىش ئورنى  قارماي 2-زاۋۇت باعچا ئالدىدا  
قارماي ئىرپان مەخسۇس سېتىش ئورنى  قارماي 2-زاۋۇت باعچا ئالدىدا   

قەشقەر ئىرپان مەخسۇس سېتىش ئورنى  مەمۇرى مەھكىمە ئالدىدا  

قەشقەر ئىرپان مەخسۇس سېتىش ئورنى  مەمۇرى مەھكىمە ئالدىدا  
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5213
تىللا
4015
شۆھرەت
8806

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 16:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتەندە ئالماشتۇرغىلى بولمامدىغاندۇ؟ مەن بۇرۇن ئىرپاننىڭ تورىغا مۇشۇ توغرىسىدىمۇ بىر قېتىم ئىنكاس قالدۇرغانتىم، ئەمما ئۇلار بولمايدۇ دىگەن، بۇ قېتىم كاللىسىنى ئىشقا ساپتىكەن، ئەمما خۇتەندە يوقكەن ئەمەسمۇ.. مەندىكى ئىرپان تۇنجى ئەۋلات ئىدى، ئەمما يىپيېڭى تۇرغان.

Rank: 4

تۆھپە
167
تىللا
240
شۆھرەت
281
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 17:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا لۇغىتىمنى ئاپىرىپ بەرسەم ، ھىچقانداق ھەق ئالماي يىڭى بىر لۇغەت بىرەمسىلەر؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1060
تىللا
1262
شۆھرەت
2234
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 17:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygur01 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-12 17:05
كونا لۇغىتىمنى ئاپىرىپ بەرسەم ، ھىچقانداق ھەق ئالماي ي ...

30 پىرسەنىت بۇيچە پۇلغا ھىساپلىسا 500 كويلۇق لوغەتنى 150 كۇيغا ھىساپلاپ ئالىدۇ.
دىگەن گەپ،يىڭى ئىلىش ئۇچۇن 150 كۇيغا يەنە پۇل قوشسىىز يىڭىسىنى بىردۇ دىمەكچىدە...
ayding 实名认证 

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
258
تىللا
571
شۆھرەت
535
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 20:25:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەندە شىنخۇا كىتابخانىسىدا ساتىدۇ ، شۇ يەرگە ئاپىرىپ باقساق ئالماشتۇرىدىغان ياكى ئالماشتۇرمايدىغانلىقى بىلگىلى بولىدۇ . مەن شۇنداق قىلىپ باقاي .
دۇنيا ئىللىق بىر ئائىلە

Rank: 4

تۆھپە
167
تىللا
240
شۆھرەت
281
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 15:42:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە ، كونىسىنى 100يۈەنگە ئالىمىز دىگەندە  ئالماشتۇرمىغان ، ئەمدى باھاسى ئازراق ئۆسۈپتۇ ئەمدى ئالماشتۇرسام بولغۇدەك ئەمسە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 21:49 , Processed in 0.286086 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش