ئۈنئالغۇ لىنتىسىدىكى ھۆججەتنى كومپپيۇتېرغا كۆچۈرۈش
1-قاتتىق دېتال تەييارلىقى 1) ئۈنئالغۇ ياكى ئوقۇغۇچ[复读机]، ئۈنقويغۇ[放音机] قاتارلىقلار، ئىشقىلىپ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى قويالايدىغان بىرەر ئۈسكۈنە بولۇشى كېرەك. 
2) ئىككى بېشى ئوخشاش ئۈن سىمى بولۇشى كېرەك.  باشقا كېرەكلىك كومپيۇتېر، توك… ۋەھاكازالار بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىنمىدى. 2-يۇمشاق دېتال تەييارلىقى 1) ئۇزاقراق ئۈن ئالىدىغان يۇمشاق دېتاللاردىن بىرەرسى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلانغان بولۇشى كېرەك. ئادەتتە Windows سىستېمىسى ئۆزى تەمىنلىگەن ئۈنئالغۇ پروگراممىسى ئاران بىر مىنۇت ئۇزۇنلۇقتا ئۈن ئېلىپ توختاپ قالىدۇ، شۇڭا باشقا دېتاللارنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تەۋسىيە قىلىنىدىغان دېتاللاردىن GoldWave ۋەAdvanced Mp3 Wma Recorder قاتارلىقلار بار. بۇلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدا كېيىنچە ئايرىم تېمىدا توختىلىدۇ. 3-ئۈن ئېلىش باسقۇچلىرى: 1)بارلىق ئۈسكۈنىلەرنى توكقا ئۇلاپ ئاچىمىز، ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئۈنئالغۇغا سالىمىز. 2) ئىككى بېشى ئوخشاش ئۈن سىمىنىڭ بىر بېشىنى ئۈنئالغۇنىڭ تىڭشىغۇچ تۆشۈكىگە تىقىمىز. 
3) ئىككى بېشى ئوخشاش ئۈن سىمىنىڭ يەنە بىر بېشىنى كومپيۇتېرنىڭ مىكروفۇن تۆشۈكىگە تىقىمىز. (تۆۋەندىكى سۈرەتلەردە ئالدى-كەينىدىكى مىكروفۇن تۆشۈكلىرى كۆرسىتىلدى، قايسى قۇلايلىق بولسا شۇنىڭغا ئۇلىسىڭىز بولىدۇ.) 

4) ئۈنئېلىش دېتالىنى قوزغىتىپ ئۈن ئېلىشنى باشلايمىز. 5) دەرھال ئۈنئالغۇنىڭ قويۇش كونۇپكىسىنى بېسىپ، ئۈن قويۇشنى باشلايمىز. 6) ئەڭ ئاخىرىدا ئاۋاز ھۆججىتىدىكى ئارتۇقچە بوش جايلارنى ئۆچۈرۈپ ساقلايمىز، بۇنىڭ بىلەن ئۈن ئېلىش ئاخىرلىشىدۇ. ئەسكەرتىش: ئەگەر دەماللىققا باشقا دېتاللارنى تاپالمىسىڭىز، سىستېمىنىڭ ئۈنئالغۇ پروگراممىسىدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر مىنۇت ئۇزۇنلۇقتا (مىكروفۇننى چاتماي تۇرۇپ) ئۈن ئالىسىز، ئاندىن ئۇنى يەنە مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرىسىز، قايتا-قايتا نەچچە قېتىم داۋاملاشتۇرسىڭىز شۇنچە مىنۇتلۇق بىر ئاۋاز ھۆججىتى ھاسىل بولىدۇ، بۇنى ساقلاپ قويىسىز. رەسمىي ئۈن ئېلىشقا باشلىغاندا، مۇشۇ ھۆججەتنى ئېچىپ، رەسمىي ئۈن ئېلىشنى باشلاپ، ئۈن ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ھۆججەتكە ساقلاش[另存为] تىزىملىكى ئارقىلىق، باشقا ھۆججەتكە يېڭى ئالغان ئاۋازىڭىزنى ساقلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ يېڭى ھۆججەتنىڭ باش-ئاخىرىدىكى بوش جايلارنى ئۆچۈرۈپ ساقلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. يېڭى ئاۋاز ئالماقچى بولغاندا، دەسلەپتە ساقلاپ قويغان قۇرۇق ھۆججەتنى قايتا ئېچىپ، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئۈن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىزلا كۇپايە http://1.nida.sinaapp.com/?p=531 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-11 20:57
|