- توردا
- 677 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-26
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 4548
- تىللا
- 2420
- تۆھپە
- 2801
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 15312
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 995
- تېما
- 425
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2801
- تىللا
- 2420
- شۆھرەت
- 4548
|
1. خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى تاۋيۈەن ناھىيىسى فېڭشۇ ئۇيغۇر-خۇيزۇ يېزىسى
فېڭشۇ ئۇيغۇر-خۇيزۇ يېزىسى 1986- يىلى 10- ئايدا قۇرۇلغان. يېزىنىڭ يەر كۆلىمى 58.95 كۋادرات كېلۇمېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 42075 مو، تاغلىق يەر كۆلىمى 20260 مو. قارىمىقىدا 23 كەنت، 239 مەھەللە، 8275 ئائىلە، 32 مىڭ نوپۇس بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 7688 نەپەر، خۇيزۇلار 2316 نەپەر. بۇ يېزا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قالسىلا شىنجاڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يېزىنىڭ "ئۇيغۇرلارنىڭ 2- ئانا يۇرتى" دېگەن چىرايلىق نامى بار. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تارىخشۇناسى جيەن بوزەن ئەپەندى دەل مۇشۇ يېزىدا تۇغۇلغان ئۇيغۇر.
2. خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى تاۋيۈەن ناھىيىسى چىڭلىن خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى
چىڭلىن خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى 1986- يىلى 1- ئايدا قۇرۇلغان. تاۋيۈەن ناھىيىسىنىڭ شىمالى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان. ئۆلكە يولى 226- لىنىيسى بۇ يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر كۆلىمى 48 كۋادرات كىلۇمېتىر. پۈتۈن يېزىدا 16 كەنت، 22477 نوپۇس بار. بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇ، ئۇيغۇر، تۇجىيازۇ، مىياۋزۇ، بەيزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر نىڭ سانى 8370 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %37.2 ىنى ئىگىلەيدۇ.
3. خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى دىڭ چېڭ رايونى شۇجياچياۋ خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى
شۇجياچياۋ خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى 1984- يىلى 12- ئايدا قۇرۇلغان. يەر كۆلىمى 60.2 كۋادرات كىلۇمېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 27750مو، تاغ ئورمان كۆلىمى 25470 مو بولۇپ، تىپىك تۆپىلىك يېزىسى ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن يېزىدا 17 كەنت، 201 مەھەللە بار، يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20545 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇ، ئۇيغۇر، تۇجىيازۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر 8425 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %41 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا 8042نەپىرى خۇيزۇ، 172 نەپىرى ئۇيغۇر، 211 نەپىرى تۇجىيازۇ.
4. خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى خەن تاۋ ناھىيىسى ماۋجياتەن خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى
ماۋجياتەن خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى 1988- يىلى 1- ئايدا قۇرۇلغان. يەر كۆلىمى 54.5 كۋادرات كىلۇمېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 23110 مو. پۈتۈن يېزىدا 16كەنت بار، يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 25576 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇ، ئۇيغۇر، تۇجىيازۇ، مىياۋزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر 9802 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %38.3 ىنى ئىگىلەيدۇ.
|
|