- توردا
- 4343 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-11
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 30052
- تىللا
- 21572
- MSN
- intil.biz@hotmail.com
- تۆھپە
- 17276
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 106778
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 86
- خاتىرە
- 14
- يازما
- 7806
- تېما
- 1216
- نادىر
- 4
- ھەمبەھر
- 31
- UID
- 10
- تۆھپە
- 17276
- تىللا
- 21572
- شۆھرەت
- 30052
|
chrome نى ئىلگىرى بىر مەزگىل ئىشلىتىپ كۆنەلمەي تاشلىۋەتكەن ئىدىم، بۇ قېتىم chrome غا ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ قۇشۇلدى نى كۆرۈپ Google نىڭ بۇ تور كۆرگۈچىسىگە بەكلا قىزىقىپ قالدىم، سەينادىكى بىر توردىشىمىزنىڭ «بىزنى قوللىغاننىنى بىزمۇ قوللايلى. مەن ئەمدى chrome ئىشلىتىمەن» دېگەن گېپى بويىچە بۇ تور كۆرگۈچنى ئىشلەتسەك بولغۇدەك.
chrome نىڭ كۆزنەك ۋە بەتكۈچكە مۇناسىۋەتلىك تېز بۇيرۇقلىرى
Ctrl+Shift+T يېقىندا تاقىغان بەتنى ئاچىدۇ.
Ctrl+K ئىزدەش رامكىسىنى ئاچىدۇ.
Ctrl+N يېڭى كۆزنەك
Ctrl+T يېڭى بەتكۈچ
Ctrl+Shift+N يپشۇرۇن ھالەتتە يېڭى كۆزنەك ئېچىش
Ctrl+O كومپيۇتېردىكى ھۆججەتنى ئېچىش
Ctrl نى بېسىپ تۇرۇپ ئۇلىنىشنى باسسا نۆۋەتتىكى كۆزنەك ساقلىنىپ يېڭى بەتكۈچتە ئېچىلىدۇ.
Ctrl+Shift نى بېسىپ تۇرۇپ ئۇلىنىشنى باسسا يېڭى بەتكۈچتە ئاچىدۇ.
Shift نى بېسىپ تۇرۇپ ئۇلىنىشنى باسسا يېڭى كۆزنەكتە ئاچىدۇ.
Alt+F4 كۆزنەكنى تاقايدۇ
ئىزدەش رامكىسىغا ئاچقۇچ سۆز ياكى ئادرىس كىرگۈزۈپ tap نى بېسىپ تۇرۇپ ئىزدەيدىغان سۆزنى كىرگۈزسەك ئاچقۇچ سۆز ياكى ئادرىسقا ئالاقىدار ئىزدەش ئېلىپ بارىدۇ.
F6 ياكى Ctrl+L ياكى Alt+D نى باسسا ئادرىستىكى مەزمۇننى تاللايدۇ.
ئادرىس كىرگۈزۈپ Alt+Enter نى باسساق يېڭى بەتكۈچتە ئاچىدۇ.
chrome تور كۆرگۈنى ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك تېز بۇيرۇق
Ctrl+B بەتكۈچ سىتونىنى ئاچىدۇ \ تاقايدۇ
Ctrl+Shift+B بەتكۈچ باشقۇرغۇچ
Ctrl+H تارىخىي خاتىرە
Ctrl+J ھۆججەت چۈشۈرگەن بەت
Shift+Escape ۋەزىپە باشقۇرغۇچ
chrome نىڭ توربەتكە ئائىت تېز بۇيرۇقى
Ctrl+P نۆۋەتتىكى بەتنى بېسىپ چىقىرىش
Ctrl+S نۆۋەتتىكى بەتنى ساقلاش
F5 نۆۋەتتىكى بەتنى قايتا يۈكلەش
Esc نۆۋەتتىكى بەتنىڭ يۈكلىنىشىنى توختۇتۇش
Ctrl+F بەتتىن ئىزدەش رامكىسى
chrome نىڭ ئېنگلىسچە نۇسخىسىدا مائۇسنىڭ ئوتتۇرا كۇنۇپكىسى ياكى غالتىكىنى چەكسە توربەت مائۇسقا ئەگىشىدۇ
Ctrl+F5 ياكى Shift+F5 نى باسسا غەملەك (خۇەنسۈن) دىكى مەزمۇندىن ئاتلاپ توربەتنى قايتا يۈكلەيدۇ.
Alt نى بېسىپ تۇرۇپ بەت يۈزىدىكى ئۇلىنىشنى باسساق ئۇلىنىشنى چۈشۈرۈدۇ.
Ctrl+G ياكى F3 نى باسسا توربەتتىن ئىزدەش رامكىسىغا كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنغا ماس بولغان كېيىنكى تۈرنى ئىزدەيدۇ.
Ctrl+Shift+G ياكى Shift+F3 توربەتتىن ئىزدەش رامكىسىغا كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنغا ماس بولغان ئالدىنقى تۈرنى ئىزدەيدۇ.
Ctrl+U بەتنىڭ ئەسلى كودىنى كۆرسۈتىدۇ.
Ctrl+D نۆۋەتتىكى بەتنى خەتكۈچكە قوشۇدۇ.
Ctrl++ نى باسساق ياكى Ctrl نى بېسىپ تۇرۇپ يۆلۈنۈش مائۇس غالتىكىنى ئۇدۇلغا سۈرسەك توربەتتىكى مەزمۇن چوڭىيىدۇ.
Ctrl++ نى باسساق ياكى Ctrl نى بېسىپ تۇرۇپ يۆلۈنۈش مائۇس غالتىكىنى ئالدىمىزغا سۈرسەك توربەتتىكى مەزمۇن كىچىكلەيدۇ.
Ctrl+0 نى باسساق توربەتتىكى مەزمۇن نورمال ھالەتكە قايتىدۇ.
chrome خەتكە مۇناسىۋەتلىك تېز بۇيرۇقى
تۆۋەندىكى بۇيرۇقلار بىز دائىم ئىشلەتكەنگە ئوخشاش.
Ctrl+C
Ctrl+V ياكى Shift+Insert
Ctrl+Shift+V
Ctrl+X ياكى Shift+Delete
|
|