ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 487|ئىنكاس: 7

دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Adil   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
268
تىللا
6032
شۆھرەت
580

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار !
تور بېكىتىمىز 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى مائارىپ بايلىقلىرى ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى توپلاپ - تارقىتىشنى نىشان قىلىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا خاسلىقىمىزنى ساقلاپ، بۇ ساھەدە ئازدۇر-كۆپتۇر نەتىجە قازاندۇق، 3 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان روھلان تور بېكىتىدە مائارىپ دەرسلىك ماتىرىياللىرى ۋە كومپيۇتېر، تورغا ئائىت ئاز بولمىغان ماتىرىيال ۋە بىلىملەر يوللاندى، بۇنى تورداشلارنىڭ ئىزچىل روھلان تور بېكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز، قوللاش ۋە ئىناقلىق بىزنى تېخىمۇ ئالغا سىلجىتقۇسى .
بىز بۇ يىلقى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا بىر سورۇن ھازىرلاش، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە روھلان تور بېكىتىمىزدە دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرماقچى .

روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لايىھەسى




رايۇنىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائارىپ تېخنىكىسى، توردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، ئۇچۇر تەربىيىلىنىشى ۋە يۇمشاق دېتال لايىھەلەش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ پەن ئوقۇتۇش بىلەن ئۈنۈملۈك بېرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا كەڭ قوللىنىشىنى سىلجىتىش ئۈچۈن، روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى مۇسابىقىسى لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى .
        1. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملار
مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار
        2. مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىش ۋە ئالاقىدار تەلەپ
        1) تۈر تەسىس قىلىش
        (1) بۇ قېتىمقى يۇمشاق دېتال مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئايرىم ئايرىم ھالدا بالىلار باغچىلىرى، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا دەپ تۆت بۈلەككە ئايرىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
        2) تۈرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ۋە تەلىپى
        كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى بولسا كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى ۋە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، رەسىم، تېكىست، ئاۋاز، سۈرەت قاتارلىق كۆپ خىل ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىپ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغان ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى كۆرسىتىدۇ.  كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مەلۇم بىلىم دائىرىسىگە، بىرەر سائەتلىك دەرسكە ياكى مەلۇم ئوقۇتۇش بۆلۈكىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلسىمۇ بولىدۇ. يەككە ھالدىكى ئوقۇتۇش كۆپ ۋاستىلىق بايلىقى دەرس دېتالى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
        ① لايىھەلەش تەلىپى : كۆرۈنمە چاستوتا، ئاۋاز، كارتۇن قاتارلىقلارنى لايىھەلەشتە ئادەتتە دائىم قوللىنىلىدىغان ھۆججەت شەكلىنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئىجرا بولۇش مۇھىتى Windows2000 مەشغۇلات سېستمىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك, دەرسلىك دېتالى  ppt،  flash،  authorware، قاتارلىقلاردا تۈزۈلسە بولىدۇ، شەرتى: چوقۇم دەرسلىك دېتالى بىلەن قوشۇپ، ئىشلەتكەن ، ئۆزى تەييارلىغان بارلىق خام ماتىرىياللارمۇ بىرگە قوشۇپ ئەۋەتىلىشى لازىم .
        ② يوللاش شەكلى: دەرسلىك دېتالى پۈتكەندىن كېيىن بېكىتىمىز مەخسۇس تەسىس قىلغان مۇسابىقە رايۇنى سەھىپىسىگە ئالدىغا مۇسابىقە دېگەن سۆزنى قوشۇپ دەرسلىك دېتالىنىڭ ماۋزۇسىنى قۇيۇپ تېما قىلىپ يوللايدۇ، تېما ئىچىگە دەرسلىك كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر قانچە پارچە رەسىمنى كەسمە ھالەتتە ئەۋەتسىلا بولىدۇ، دەرسلىك دېتالى ۋە ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن بارلىق خام ماتىرىيالنى بېكىتىلگەن ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشى لازىم، باھالاشتىن بۇرۇن توردا ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدۇ. قاچىلاش، ئىشلىتىش ۋە ئۆچۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇش، تور بەت شەكلىدىكى ئەسەرنى ئاممىباپ  web كۆز يۈگۈرتكۈچ ئارقىلىق كۆرگىلى بولۇش، ئەگەر يۇمشاق دېتالدا ئىجرا قىلىش ۋە قويۇشقا توغرا كەلسە يۇمشاق دېتالنىمۇ تەڭ تەمىنلەپ بېرىش كېرەك.
        ③دەرسلىك دېتالىنىڭ خەت نۇسخىسى چوقۇم ئەلكاتىپ ياكى ئويغان( ukij ) كىرگۈزگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىدا تەييارلىنىشى لازىم.
        3) باھالاش كۆرسەتكۈچى
        كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى
        ئوقۇتۇش لايىھەسى (35نومۇر)
        ئوقۇتۇش نىشانى، ئوبېكتى ئېنىق بولۇش، ئوقۇتۇش تەدبىرى جايىدا بولۇش؛
        كۆرۈنمە يۈزنى لايىھەلەش جايىدا، ئۇسلۇبى بىرلىككە كەلگەن بولۇش؛
        يېزىقچە چۈشەندۈرۈلىشى ۋە ياردەمچى ئارخىپلىرى ئېنىق بولۇش.
       رەڭ ۋە تەگلىكلەر، سۈرەتلەر ماسلاشقان بولۇش.
        مەزمۇنىنى بايان قىلىش (25نومۇر)
        مەزمۇنى مول، ئىلمىي، بايانى توغرا، سۈزى قېلىپلىق بولۇش؛
        تاللىغان تېما جايىدا، ئىپادىلەش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولۇش؛
        تىلى ئىخچام، ئوبرازلىق، يېزىق ئۆلچەملىك بولۇش؛
        خام ماتېرىيال (يېزىق ھۆججىتى، ئاۋازلىق ۋە كۆرۈنمە چاستوت، كارتۇن قاتارلىقلار) نى جايىدا تاللاپ ئىشلىتىش، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش.
        تېخنىكا قوللىنىش (20نومۇر )
        سېستىمىنىڭ ئايلىنىشى  نۇرمال، مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددى ھەم قۇلايلىق بولۇش؛
        يېتەكلەش لېنىيىسى ئىلمىي، يوللارنى تاللىغىلى بولىدىغان بولۇش؛
        يېڭى تېخنىكىنى ئىشلىتىش ئۈنۈملۈك بولۇش؛
        يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش (20نومۇر )
        مەقسەت مۇددىئاسى يېڭىچە، تەپەككۈرى ۋە خاسلىققا ئىگە بولۇش؛
ئەمەلىي  ئوقۇتۇشتا قوللانغىلى بولىدىغان، كېڭەيتىش قىممىتىگە ئىگە بولۇش؛
4) ئەسەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش
(1) سىياسى خاتالىق ۋە پەن ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلگەن ئەسەرنىڭ باھالىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(2) ساختىلىق قىلمىشىنى قەتئى چەكلەش كېرەك. ئەگەر بايقالسا شۇ ئەسەرنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
5) ئەسەر لايىھەلەش
(1) پايدىلانغان ماتېرىيال بولسا ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى ئىزاھلاش كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ئەسەردىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى كېلىپ چىقسا، مەسئۇلىيەتنى ئەسەر ئەۋەتكۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
(2) كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان ھەر بىر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئىككى ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
3. يوللاش ۋاقتى :2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6 -كۈنىگىچە.
4. كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى باھالاش: كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسى خىزمىتىگە روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم مائارىپ سېپىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن  باھالاش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5.  يوللاشقا قۇيۇلىدىغان تەلەپ
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنىڭ پىرىس ھۆججىتىدە ۋىروس بولماسلىقى، نۇرمال ئىجرا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋېلى (قۇشۇمچە 1) نى ئاپتۇر ئەستايىدىل تولدۇرۇپ، ئۆز ئىمزاسىنى قۇيۇپ، دەرسلىك دېتالى بىلەن بىرگە بېكىتىلگەن ئېلخەتكە  يوللاپ بېرىش كېرەك.
5. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى باھالاش چارىسى ۋە مۇكاپات تەسىس قىلىش
1) باھالاش چارىسى: تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە مۇتەخەسىسلەر باھالاش دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
(1) تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش: سالاھىيىتىنى دەسلەپكى باھالاش، ئەسەرلەرنى قاچىلاش، ئىجرا قىلىنىشىنى سىناش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئەسەر مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.
(2) مۇتەخەسىسلەر باھالاش: مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان تەجىربىلىك خادىملاردىن تەشكىللىنىدۇ. تېخنىكىلىق سىناشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەر باھالاپ چىقىلىپ، مۇكاپات دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ.
2) مۇكاپات تەسىس قىلىش:
باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇشۇ كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئارىسىدىن 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتنى ۋە بىر قانچە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتنى باھالاپ چىقىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەخسىلەرنى ماددى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

6.  مۇكاپات بۇيۇمى
1-دەرىجىلىك مۇكاپات:  1 نەپەر، مۇكاپاتى 300 يۇەن نەق پۇل ۋە بىلقۇت شىركىتى يېڭىدىن بازارغا سالغان 10 يۈرۈش كومپيۇتېر ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدىن خالىغان ئىككى يۈرۈش، قىياس تورى تەمىنلىگەن 1gb تور بوشلۇقى، 250مېگا بايت mysql ساندان

2-دەرىجىلىك مۇكاپات: 3 نەپەر، مۇكاپاتى بىلقۇت شىركىتى بازارغا سالغان  10 يۈرۈش كومپيۇتېر ئوقۇتۇش دەرسلىكىدىن خالىغان 2 يۈرۈشتىن ياكى مۇختار روزى تۇزۇپ چىققان photoshop دەرسلىكى (350 يۈەن قىممىتىدە)،ASPدەرسلىكى ۋە ئېتىقاد تورىنىڭ 2011- يىللىق نەشىرىدىكى ئەسلى پروگراممىسى (500 يۈەن قىممىتىدىكى دەرسلىك) نىڭ خالىغان بىرسى،  قىياس تورى تەمىنلىگەن 1gb تور بوشلۇقى، 150مېگا بايت mysql ساندان

بىلقۇت شىركىتى بازارغا سالغان  10 يۈرۈش كومپيۇتېر ئوقۇتۇش دەرسلىكىنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.rohlan.biz/thread-11920-1-1.html

3-دەرىجىلىك مۇكاپات: 3 نەپەر، مۇكاپاتى 1 دانە 4GB لىق بارماق دېسكا ،  قىياس تورى تەمىنلىگەن 1gb تور بوشلۇقى، 50 مېگا بايت mysql ساندان

مۇنەۋۋەر مۇكاپات: 5 نەپەر، مۇكاپاتى قىياس تورى تەمىنلىگەن 20 گىگابايتلىق قىياس تور دېسكىسىنىڭ 1 يىللىق vip ئەزالىقى،  200 روھلان تەڭگىسى

2-3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلاردىكى دەرسلىك ۋە بارماق دېسكىلار پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، بارلىق پوچتا ھەققىنى روھلان تور بېكىتىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ .


7. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېين بارلىق دەرسلىكلەرقىياس تورى ۋە روھلان تورىدا ھەقسىز تەشۋىق قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ .

8. دەرسلىك دېتالى ۋە دەرسلىك دېتالىغا ئىشلىتىلگەن بارلىق خام ماتىرىياللار تۆۋەندىكى ئېلخەتكە ئەۋەتىلسە بولىدۇ، ئېلخەت ئادرىسى: rohlan@rohlan.biz

قوشۇمچە جەدىۋەلنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: http://soft.rohlan.biz/GetFile.asp?Id=120109222301ia89O  

بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللىغۇچىلار:
رەسىم ئامبىرى تورى    قىياس دۇنياسى
بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللايدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان شىركەت، كارخانا ۋە تور بىكەتلەرنى داۋاملىق قىزغىن قارشى ئالىمىز ، مىللى مائارىپىمىزنى قوللىغانلىقىڭىز ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزدۇر .
ھەر قايسى تور بىكەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۆز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىشنى، ئەسەر قاتناشتۇرۇشىنى، تەشۋىقات خىزمىتىدە ھەمدەم بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز، تېخىمۇ كۆپ مائارىپچىلار بۇ قېتىمللىق مۇسابىقىدىن خەۋەردار بولسۇن .

ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتى   


2012-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى


مۇكاپات بۇيۇملىرى ۋە مۇسابىقە ئەھۋاللىرىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئەسلى مەنبەدىكى بۇ تېمىغا ھەر ۋاقىت نەزەر سالغايسىلەر، ھازىر مۇكاپات بۇيۇمى كۆپەيگەنلىكتىن تېما تەھرىرلەندى.
ئەسلى تېما ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-12055-1-1.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Adil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-10 02:21  

1

باھا خاتىرىسى

Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21575
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ياخشى ئىش دېگەن، روھلانمۇ بىلىكلىكلەرگە بەيگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
798
تىللا
1241
شۆھرەت
1238

تىرىشچان پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:41:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملار نىڭ  ماھارەتلىرىنى  كۆرسىتىپ ،سەرخىل   كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى رۇياپقا چىقىرىپ ، كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن بىركىشىلىك ھەسسە قۇشۇشىنى ئۆمىت قىلىمەن  ھەمدە مۇسابىقىدە غەلبە تەنتەنىسىگە ئىرىشىشگە تېلەكداشمەن .

روھلاندا   روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ  غەلبە  تەنتەنىسىگە ھۇررا !!!!!
Adil   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
268
تىللا
6032
شۆھرەت
580

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:25:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2012-1-10 00:05
مانا ياخشى ئىش دېگەن، روھلانمۇ بىلىكلىكلەرگە بەيگە ئو ...

ئىنتىل ئۇستاز، بىلىكتە بۇ ھەقتە يازما ئۇچراتمىدىمغۇ؟
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21575
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Adil يوللىغان ۋاقتى  2012-1-10 01:25
ئىنتىل ئۇستاز، بىلىكتە بۇ ھەقتە يازما ئۇچراتمىدىمغۇ؟

قولۇمدا ئىش بارتى، سىز يوللاپ قويسىڭىز قانداق؟
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Adil   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
268
تىللا
6032
شۆھرەت
580

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 17:31:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ نەق پۇل سوممىسى 600 يۈەنگە كۆتۈرۈلدى
تەپسىلاتى: http://www.rohlan.biz/thread-12055-1-1.html
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1296
تىللا
5207
شۆھرەت
2816

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 11:09:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Adil يوللىغان ۋاقتى  2012-1-10 01:25
ئىنتىل ئۇستاز، بىلىكتە بۇ ھەقتە يازما ئۇچراتمىدىمغۇ؟

ئىنتىل ئۇستازنىڭ بۇ «بىلىكلىكلەر» سۆزىنى ئىككى خىل مەنىدە چۈشىنىش مۇمكىن:
1-«بىلىك كۇلۇبى» ئەزالىرى
بۇ دەل سىز چۈشەنگەن مەنىسى
2-بىلىملىكلەر
«بىلىك» سۆزى بىلىم مەنىسىدە بولۇپ، ئۇستاز ئىشلەتكەن بۇ سۆز ئەسلى بىلىملىكلەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەسلى مۇشۇ مەنىدە چۈشەنسەك توغرا بولاتتى. ئىنتىل ئۇستاز ئىككى قىرلىق سۆزدىن بىرنى قىلىپ قويۇپ، ئاخىرىدىكى ئىنكاسىدا چاندۇرماي «قولۇمدا ئىش بارتى، سىز يوللاپ قويۇڭ» دەپ سىزنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپتۇ.
Adil   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
268
تىللا
6032
شۆھرەت
580

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 22:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىلدىمۇ تولۇق ئارام ئالالمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسابىقە ۋاقتى ئەسلىدىكى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن ، ھازىرقى 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگە ئۇزارتىلدى.
تېما ئادرىسى:
مۇسابىقە توغرىسىدا يېڭى ئۇقتۇرۇش
http://www.rohlan.biz/forum.php? ... 12476&fromuid=1
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 02:35 , Processed in 0.352145 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش