ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 269 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 326|ئىنكاس: 4

«زامانىم يانفون تورى» قۇرۇلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
536
تىللا
689
شۆھرەت
958

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 22:32:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ھازىر دەۋىر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەقلىفون ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ بارىدۇ.

يانفۇن ئارقىلىق تورغا چىقىش خېلى كۆپ بولىۋاتسىمۇ يەنىلا مەخسۇس يانفوندا چىقىدىغان كىچىك تىپتىكى يىنىك، سۈرئىتى تېز بولغان كەسپىي يانفۇندا زىيارەت قىلىدىغان تور بەتنىڭ كەم بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ بىز مەزكۇر تور بىكەتنى قۇرۇپ چىقتۇق.

بۇ تور بەتنىڭ ئىسمى "زامانىم يانفۇن تورى" قىلىپ بېكىتىلدى. ئەمما، مەخسۇس يانفۇن كەسپىي تورى ئەمەس، بەلكى يانفۇندا زىيارەت قىلىش قولايلىق قىلىپ لايىھىلەپ چىقىلغان يانفون تورىدۇر.

بۇ تور بىكەتكە ئۇيغۇرچە تور بەتتىكى خەتلەر نورمال كۆرگىلى بولىدىغان ھەر قانداق يانفۇن ئارقىلىق تورغا چىقىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

يەنى، Android, iOS-Mac, Windows Mobile, Black Blarry, Simbian قاتارلىق سىستېمىلىق يانفۇنلاردا ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولسا مەزكۇر تور بىكەتنى بىمالال كۆرەلەيسىز.

ئۇندىن باشقا، LG, SAMSUNG نىڭ بەزى تۈرلىرى ۋە بىر قىسىم ئۆزىنىڭ سىستېمىسى يادروسىدىن يۇنىكودنى قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان يانفونلار بار بولۇپ، مۇشۇنداق يانفونلاردىمۇ مەزكۇر تور بىكەتنى بىمالال زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.




تۆۋەندىكىسى يۇنىكودلۇق تور بەتلەرنى نورمال كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان تور كۆرگۈچ uZard نىڭ چۈشۈرۈش تۈرلىرى بولۇپ، ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.


Android
BlackBerry
WindowsMobile




ھازىر Android سىستېمىلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقانلاردىن كۆپلىگەن يانفون ئىشلەتكۈچىلەر يانفونىدا ئۇيغۇرچە تور بەتنى نورمال كۆرەلەيدىغان قىلىپ بولغاچقا، مەزكۇر تور بەتكە چىقىپ ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن خالىغانچە پايدىلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تور بېكىتىمىزدە ھازىرلانغان سەھىپىلەر تۆۋەندىكىچە:

كومپيۇتېر

يانفون

خەۋەرلەر

ئۇچۇرلار

ئەدەبىيات

ئىقتىساد

ساغلاملىق

ئىسلام

قاتارلىق 8 سەھىپە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، خالىغان سەھىپىگە كىرىپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.




مەزكۇر تور بەتكە ئەزا بولۇش، تېما ۋە ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ ئۆزىڭىز بىلگەن ياكى ياقتۇرغان ماتېرىياللىرىڭىزنى تور بېكىتىمىزگە يوللاپ قويىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

ئىنكاس يوللاش ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئويلىغانلىرىڭىزنى مۇناسىۋەتلىك يازمىغا قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.




تور بېكىتىمىزنى يانفوندا بىمالال زىيارەت قىلىشقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن خەت چوڭلۇقىنى ئادەتتە 30px ۋە 25px قىلىپ بەلگىلەپ بەردۇق.

شۇڭا، تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى سورايمىز.




تور بېكىتىمىزنى يانفوندا زىيارەت قىلسىڭىزمۇ، كومپيۇتېردا زىيارەت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماتېرىياللارنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرىشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.




تۆۋەندىكى سۈرەتلەر ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان SAMSUNG I9100 GALAXY S2 يانفوندا ئاچقان "زامانىم يانفون تورى" نىڭ كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ.


بۇ باش بەتنى ئاچقان كۆرۈنۈش




بۇ باش بەتنىڭ ئەڭ ئاستى تەرىپى




بۇ مەزمۇن كۆرۈش بېتى




بۇ مەزمۇن كۆرۈش بېتى




بۇ سەھىپە كۆرۈش بېتى




بۇ سەھىپە كۆرۈش بېتى




بۇ ئابونت تىزىملىتىش كېلىشىمى




بۇ ئابونت تىزىملىتىش بېتى




بۇ ئابونتنىڭ ئەزالار مەركىزى باش بېتى




بۇ ئابونتلارنىڭ يازما يوللاش بېتى




يۇقارقىلىرى يانفوندا چىققان كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇنداقتا سىزمۇ سىناپ باقامسىز؟

مەزكۇر تور بەت ئېقىمنى ئاز ئېگەللەيدۇ. رەڭدار بولغىنى بىلەن سۈرەتلىرى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، يانفونىڭىزغا كېلىدىغان بېسىمنى يىنىكلىتىدۇ.

تور بېكىتىمىزنىڭ ئادېرىسى:

http://www.zamanim.net

تور بېكىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ سىزمۇ يانفون ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تور بەتنىڭ سوزۇرىنى سۈرۈڭ.


زامانىم تورى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
115
تىللا
113
شۆھرەت
175
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل ئىش بوپتۇ، ماڭا بەق يارىدى، داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانسىلەر ھە؟  يېرىم يولدا توختاپ قالماڭلار!!!!
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
12600
تىللا
17644
شۆھرەت
23276

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:16:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش قىپسىلەر، يوليارغىمۇ يانفون تورى تۈرى قوشۇشنى ئويلىغان بولساقمۇ بۇ خىلدىكى توربەت كەمچىل بولغاچقا قوشمىغانتۇق، بۇنداق توربەتلەر كۆپەيسە قوشىمىز.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
12600
تىللا
17644
شۆھرەت
23276

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 21:43:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
56
تىللا
56
شۆھرەت
66
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 01:58:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تور بەتتىن يەنە بىرسى قۇرلۇپتۇ دە....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-2-2 11:49 , Processed in 0.753794 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش