ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىلىم سۆيەر تورداشلار.
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىىرى، پروگراممېرلار، Office ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش - تارقىتىش روھىغا مەدەت بېرىش، قوللاش يۈزىسىدىن ئىنتىل تورى، ئالپباي تورى، قىياس يۇمشاق دىتال تورى بىرلىكتە ( ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا قارشى ئالىمىز) «پروگرامما، office ، لايىھە مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزمەكچى. تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇسابىقە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈر بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
1- پروگرامما: پروگرامما بىلىمى ۋە پروگراممېرلار ياسىغان ئىجادىي دىتاللار قاتناشتۇرۇلسا بولىدۇ.
2- office بىلىملىرى: تۈرلۈك office بىلىملىرى، لايىھە ھۆججەت، قوللىنىشچان ھۆججەتلەر، دەرس- ساۋات يوللانسا بولىدۇ.
3- لايىھە-دەرس : تۈرلۈك لايىھەلەش بىلىمى، نەتىجىسى، كومپيۇتېر، يۇمشاق دىتال، تور بىلىمى ۋە دەرس بولسا بولىدۇ.
مۇسابىقە مۇكاپاتى:
1- دەرىجە: ھەر بىر تۈردىن 1 دىن جەمئىي 3 ئادەم مۇكاپاتلىنىدۇ، ھەربىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 80.00 يۈەن خەلق پۇلى ۋە ئالپ سوفت يۇمشاق دىتالىدىن (كىرگۈزگۈچ، لۇغەت، قوشتىل دىتالى)خالىغان بىرسى ياكى قىياس دۇنياسىنىڭ بىر يىللىق VIP لىق ئەزالىقى ( بوشلۇق 20G ) بىر دانە 4Gلىق بارماق دىسكا + V80 تىپلىق سىمسىز مائۇستىن بىر دانىدىن بولىدۇ.(رەسىمى بۇ يەردە) ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا مۇكاپات كۆپەيتىلىدۇ.
ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا مۇكاپات كۆپەيتىلىدۇ.
ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا مۇكاپات كۆپەيتىلىدۇ.
ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا مۇكاپات كۆپەيتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مۇكاپاتلانغۇچىلار ، تورداشلارنىڭ مۇسابىقە ئەسىرىگە بەرگەن باھاسى، راي سىناش نەتىجىسى ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسى ئاساسىدا بېكىتىلىدۇ.
مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر(يازما) سەينانىڭ مۇسابىقە سەھىپىسىگە ماۋزۇسىغا [مۇسابىقە] دەپ قوشۇلۇپ يوللىنىدۇ، مۇسابىقە تۈگىگەندە مۇناسىپ سەھىپىگە يۆتكىلىدۇ.
مۇسابىقە ۋاقتى: بۈگۈندىن باشلاپ 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە بولىدۇ.
كامالى ئېھتىرام بىلەن:
2012- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى |